تۆت -بەش سائەت ماشىندا ئۇيان -بۇيان ئايلىنىپ، گاھى تېز ، گاھى ئاستا مېڭىپ، ناھىيە بازىرى ئىچىگمۇ كىرىپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم.قارسام يېرىم يىل ئىچىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق ئىدى، بىكەتكە كىرىپ چامدىنمنى سۆرىگىنىمچە ، يېزا قاتناش بىكەتكە كەلدىم، تونۇش يېزا ئاممىۋىي قاتناش ماشىنلىرى، شوپۇر ھە دەپ ئادەم توۋلاۋاتقان، بىكەت ئەتراپى ئۇششاق چۈشەك نەرسە ساتىدىغان يايمىچىلار بىلەن تولغان قايناق بىر مەنزىرە. تېز -تېز قەدەم بىلەن ماشىنغا چىقتىم، دەرىزە تەرەپتىكى ئورۇندىن بىرنى تېپىپ ئولتۇرۋالدىم.
ئۆيۈم تەكلىماكاننىڭ بىر چېتى بولۇپ، مەھەللىمىزنىڭ باش تەرپىگە چىقىدىغان بولساق، قۇم بارخانلىرى كۆرۈنەتتى، كىچىمدە قۇم بارخانلىرىدا يۇملاپ، يۈگۈرشۈپ، سېيرىلىپ ئوينىغانلىرىم ھېلھەم ئېسىمدە . باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز مەكتەپنى يېزىدىكى مەكتەپتە ئوقۇغانتىم، شۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك قىش كۈنلىرى سىنىپنىڭ كۆمۈر مېشىگە ئوت يېقىپ، سىنىپنى گاھى ئاچچىق ئىسقا، گاھى تونۇردەك ئىسىققا چۈمۋېتەتتۇق . ناھىيە بازىرى بىلەن بىزنىڭ ئۆي ئارلىقى 40نەچچە كىلومېتىرچە كىلەتتى. ئوتتۇردا يېزا بازىرى بار ئىدى. قاتناش ئانچە قۇلاي بولۇپ كەتمىگەن چاغلار ئىدى. بۈگۈنمۇ يېزا بازىرىغا كىلىپ ساپ-ساق بىر سائەت كىراكەش ئادەم ساقلاپ تۇردۇم. بۇ يەردە قاتناش دىمەك پۇل دىمەك ئىدى، بىرەر يەرگە بارساق ئاۋال قاتناش مەسلىسى باشنى ئاغىرتاتتى.
ئۈچ چاقلىق بىر موتۇ كىراكەش كىلىشىگە ، بۇ يەردە يىغىلىپ تۇرغان نەچچىمىز ئۇ كىراكەش ئاكىمىزنى توسۋالدۇق ھەمدە بىزنى ئاپىرىپ قويسىكەن دەپ ، قۇش بالىسى ئانا قۇشنىڭ ئېغىزىغا تەلمۈرگەندەك ، كىراكەش ئاكىمىزنىڭ ئېغىزغا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرۇپ كەتتۇق. كىراكەش بىردەم تۇرۋالغاندىن كىيىن ھەر بىرىمىزدىن بەش يۈئەن ئىلىپ ئاپىرىپ قويدىغان بولدى. بىز ماقۇل بولۇپ ئۇ موتۇغا چىقتۇق. قىش سوغۇقى سۆڭەكتىن ئۆتەتتى، ئۈسىتى ئوچۇق بۇ ئۈچ چاقلىق موتۇ ئۈستىدە سوغۇق ئۆزىنىڭ ئاچچىق نەشتىرنى تېخىمۇ سانجىيتى. ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەر ماڭغاندىن كىيىن ، چالا قاراڭغۇ چۈشەي دىگەندە ، تونۇش مەھەللەمنىڭ مەنزىرسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن مەن ئۇستامنى توختاشقا چاقىرىدىم.
يېرىم يىل كەلمىسەممۇ ، ئۆيىمىزنىڭ دەرۋازىسى ، ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئورمانلىق ھېچقانداق ئۆزگەرمەي تۇرۇپتۇ، ھويلا تېىمىغا يېزىلغان <<ھۆكۈمەت شۇئارلىرى>> يېڭىلانغان ئىدى . تېز قەدەملەر بىلەن دەرۋازدىن ئۆيگە شۇڭغۇدۇم، ئۆيگە كىرسەم ئىنىم قويلاغا ھەلەپ ئېتۋاتقان، دادام قولدا پالتا ئوتۇن يېرۋاتقان ئىدى. قىشلىق ئۆيدە بولسا ئانا لەغمەنگە سەي قورۋاتقان ئىكەن ،ئۆيدىكلەر بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ، ھويلىغا چىقىپ دادامنىڭ قولدىكى پالتىنى ئالدىم. بۇرۇنقى چاغلاردا خېلى چوڭ دەرەخ كۆتەكلىرىنى قىينالمايلا يېرۋېرەتتىم ، بۈگۈن تۆت- بەش پالتا ئۇرۇشۇمغا قوللۇرۇم ئېچىشىپ، ئۇستىخانلىرىم غىرىسلاپ ، نەپەس ئېلىشىشمۇ تېزلىشىپ، ماۋۇ كۆتەك ماڭا بوي بەرمەيۋاتقاندەك ھېچ يېرىلمايۋاتاتتى . دادام قويۇپ قويۇشىمنى ئېيتىپ، مىنى ئۆيگە كىرشىكە دەۋەت قىلدى.
بۇرۇنقى چاغلاردا ، يازنىڭ پىرىژغىم ئىسقدا كۈنلەپ-كۈنلەپ سۇ تۇتاتتىم، ئېتىزلارغا قىر ياسايتىم ، سۇ قويۇش ئېرىقلىرىنى چېپىپ چىقاتتىم، دادامنىڭ ئورنغا ھاشارغا باراتتىم، قىش كۈنلىرى بولسا ، قېلىن چاپاننى كىيۋېلىپ ، قىشلىق سۇغۇرۇش ئىشلىرى بىلەن ، سۈتتەك ئايدىڭدا چىراقمۇ ئىشلەتمەي ئېتىز قىرلىدا ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرەتتىم.
ئانام ئەتكەن گۆشسىز بولسىمۇ شۇنداق ئوخشىغان ئۆي لەغمىنى شۇنداق ئوخشىغان ئىدى، يېرىم يىلدىن بۇيان مەكتەپ تاماقلىرىنى يىگۈم كەلمەي ، بۈگۈن بۇ لەغمەندىن ئىككى قاچىنى پاكىزە يەۋەتتىم. ئانام قاچا- قۇچىلارنى يىغۇشتۇراي دىگەندە مەن قۇپۇپلا : ئانا ، بۈگۈن سىز ئارام ئېلىڭ، قاچىلارنى مەن يۈيۋېتەي دېدىم، ئانام باشتا ئۇنمىدى، مىنىڭ زورۇم بىلەن ماڭا يول قويدى. قاچىلارنى يۇغاچ ئۆيدىكەرگە مەكتەپنىڭ ئەھۋالنى ، ئۆزۈمنىڭ ئۈگنىش ئەھۋاللىرىنى بىر -بىرلەپ ئېيتىپ بەردىم، تېخى گەپ تۈگىمەي تۇرۇپلا قاچا - قۇچا ، قازان- قۇمۇشلار يۇيۇلۇپ، جاي-جايىغا تىزىلىپ بولدى. ئاندىن مەن داۋاملىق سۆزلەپ، بىردەمدە يېرىم كىچە بولۇپ كەتتى، ھەممەيلەن شۇنداق قىلىپ ئۇخلاپ قالدۇق.
تەتىلگە كەلگەندىن بۇيان ئۈچ-تۆت كۈنگىچە ئۆيدىلكەر مىنى ئىشقا ئانچە سېلىپ كەتمىدى، مەن ئىزدەپ-سوراپ يۈرۈپ ئۆينىڭ ئېتىزنىڭ ئىشلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ قىلىشقا باشلىدىم، ئەمما قىشنىڭ كۈنى قانچىلىك ئىش بار دەيسىز ، بۇ ئىشلارمۇ ھەپتىگە قالماي تۈگەپ كەتتى. مەن بىكار يۈرۈپ قالسام ئىچىم سىقىلاتتى ، شۇڭا مەھەللىدىكى نەچچە دوستۇم بىلەن دىيىشىپ، قۇملۇققا كىرىدىغان بولدۇق ، نېمىشقا دەمسىز ؟شۇ ئازراقمۇ بولسا پۇل تېپىش ئۈچۈن.
ئەتسى تۆت- بەش بۇرادەر ئىككى ئىشەك ھارۋۇسى بىلەن قۇملۇققا ماڭدۇق ، تاڭ يۇرۇماستا ماڭغانچە سائەت توققۇزلارغا قۇملۇققا يېتىپ كەلدۇق . ھەمىمىز نان، سۇ كەتمەن ئېلۋالغان ئىدۇق . بۇ قۇملۇقتا شۇ پۇلغا يارغۇدەك چۇچۇكبۇيا يىلتىزى بار ئىدى ، ئوۋچىلىق قىلايلى دېسەك چاپقۇر ئېتىمىز، يا قارچۇغا يوق ئىدى. بۇ چاغلاردا چۈچۈكبۇيا يىلتىزنىڭ ھە كىلوگىرامنى 7-8 مو ئەتراپىدا ئالاتتى. كەچكىچە غەيرەت قىلساق ، 40-50كويلۇق ھوسۇل ئالاتتۇق . قۇملۇقتا ھەمىمىز ئۇيان-بۇيان كولاپ يۈرەتتۇق، گاھىدا چوڭ-چوڭ يىلتىزلارنى كولۋالساق ۋارقىراپ ، ئىسقىرىتىپ قويشاتتۇق، چۈشتە بىر يەرگە توپلىشىپ ، پاراڭلاشقاچ مۇزدەك سۇ بىلەن ناننى ئىشتاھا بىلەن يەيتۇق. چۈشتىن كىيىن داۋاملىق غەيرەت قىلىپ، كەچ چۈشەرگە يېقىن كولىغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى ھارۋۇغا بېسىپ، ئۆزىمىز پىيادە سودىگەرنىڭ ئۆيىگە چاپاتتۇق. بۇ چاغدىكى سودىگەرلەر بەكلا زىل بولۇپ، كولىغان يىلتىزلارنى يەرگە بەك ئۇرۇپ توپلىرىنى چۈشۈرۈپ، ئارىسىدا ئارلاشما يىلتىزلار بارمۇ يوق بەك تەكشۈرەتتى . تۇنجى كۈنى مەن ئاران 35كويلۇق يىلتىز كولاپتىمەن، قالغانلارمۇ مەن بىلەن پەرىقلەنمىگۈدەك ئىدى . بىز نەق پۇنى ساناپ يانچۇققا سالغاندىن كىيىن ، ھاردۇق چىققاندەك بولۇپ، ھارۋۇلىرمىزنى چاپتۇرۇپ ئۆي تەرەپلەرگە مېڭىشتۇق .
بەلىكم سىز ھەيران قېلۋاتقانسىز، يېزىلىق باللا شۇ بىكار بولسىلا ئۇنى- بۇنى قىلىپ ئاز بولسمۇ پۇل تاپسام دەپ يۈرىيدۇ . مەن بۇ يىللىق قىشلىق تەتىل مەزگلىمنىڭ ئاساسەن ھەممسىىنى جاڭگالدا، قۇملۇقتا يىلتىز كولاش بىلەن ئۆتكۈزدۈم ، ئازمۇ -ئەمەس جىقمۇ ئەمەس ، بىر ماۋسۇم خەجىلسەم يەتكۈدەك پۇل تاپقان ئىدىم. ئۇنىڭ ئاز قىسمنى ئۆيدىكلەرگە بېرىپ ، قالغىننى يېنىمدا ئېلىپ قالدىم .
بىر تەتىل شۇنداق ئىشلەپ يۈرۈپ ، قوللىرىم خاڭدا ئىشلەيدىغان ئادەمنىڭ قولىدىن كۆرۈمسىز دەرىجدە قارا ھەم يېرىلىپ ، بەكمۇ قوپال بولۇپ كەتكەن ئىدى ، مەكتەپكە مېڭىشقا ئاز قالغاندا، كەچلىرى قوينىڭ مېينى ئوچاقتا تازا قىزىتىپ ، قولۇمغا نەچچە كۈن بېسۋېدىم، شۇ كۆرۈمسىز ،يېرىلغان قوللۇرۇم شۇنداق پاختىدەك يۇمشاق ،ئاپئاق بولۇپ كەتتى . كىيىم كىچەكلىرمنى يىغىشتۇرغاچ نەچچە كۈن تاپشۇرۇقلىرمنى ئىشلەپ چىقتىم .
دەرەخلەرنىڭ ، چىملىقتكى ئوت - چۆپلەرنىڭ يۇمران بىخلىرى بېشىنى كۆتۈرەي دىگەندە مەن مەكتەپكە قاراپ يولغا چىقتىم، ئۇزىتىپ چىققان ئانام-دادامغا قاراپ كۆز يېشىمنى ئاران-ئاران تۇتۋالغان ئىدىم، ئۇلارغا ياخشى ئوقۇيمەن دەپ ۋەدىلەرنى بېرىپ، يەنە شۇ بۇرۇنقى <<كىراكەش ئۇستام>>نىڭ ئۈچ چاقلىق موتۇسىغا چىقىپ يېزا بازىرىغا قاراپ مېڭىپ كەتتىم .
(تۈنۈگۈندىن بىرى مۇنبەرگە پەقەت كرەلمىدىم، شۇڭا ھازىر يېزىشىم، ئاخىرنى داۋاملىق تورداشلارغا سۇنىمەن)