مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1286|ئىنكاس: 4

دادا، مېنى دېھقان بولغىلى قوي!(2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112006
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 75
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2014-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 12:33:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى يىلى  شۇنداق بولدىغان گەپكەن، ياقا يۇرتتا بولغاندىكىن تالا- تۈزگە تۈزۈك چىققىلى بولمىغان، مۇھىت ناتونۇش بولغاندىكىن. كۈندە شۇ سەككىز سائەتلىك ئوقۇش، بىر خىللا دەرس، نېمسىنى دەي، سىنىپتا ھەر يەرلىك بالىلار بولغاچقا ، ھەرخىل مەكتەپلەردە، ھەرخىل نەتىجىلەر بىلەن بىر يەرگە كەلگەن بولغاچقا پەرىق ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى. كەچلىرى مۇزاركىرە بولغاچ تۈزۈم بەكلا چىڭ(قەشقەر پىداگوگىكا ئىسىتىتۇنىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمنى ئاڭلىغانسىلەر ھەقىچان)، يېرىم ھەربىي تۈزۈم دىيشىكىمۇ بولىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ بۇنچە چىڭ تۇتمايتى، تولۇقنى پۈتۈرۈش ئالدىدا ئوقۇتقۇچىمىز :بەلەن ئوقۇپ ياخشى نەتىجە بىلەن ئالىي مەكتەپتكە ئۆتسەڭلار، ئويۇن دىگەننى قانغۇچە ئوينايسىلەر ،دىگەن گەپلىرى ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋۈمدە تۇرۇپتۇ.ئەمما ئىش ئۇ مۇئەللىم دىگەندەك ئەمەس، مىنىڭ نەزىرىمدە ئويۇن بولسا ، ئۈگنىشنى ياخشى قىلىپ بولغاندىن كىيىن توپ ئويناش، ئۆزى ياقتۇردىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ئىدى، ئەمما سىنىپىمىزدىكى بەزى ئويۇنچى بالىلار ئالدىدا مىنىڭ بۇ ئويۇم بەكلا ئىپدائىي،<<دېھقان خىيالى>>ئىدى. يۈرۈش تۇرۇشۇم خېلى جايىدا، چاپ - پاچلار رەتلىك بولسىمۇ مەن جىمغۇر يۈرىدىغان مىجەزىمگە ئۇ <<ئويۇنچى باللار>>نىڭ خىيالى پەقەتلا توغىرا كەلمەيتى.
سىنىپىمىزدا يۇرت -يۇرتلاردىن كەلگەن باللار بولغاچقا شىۋە جەھەتتە ، ئوي خىيال جەھەتتە ناھايتى چوڭ پەرىقلەر بار ئىدى. بىر ئىككىسى شىمال تەرەپتىنن بولغاچقىمۇ ، ئانچە - مۇنچە <<ئىچىملىك>>ئىچىپ قوياتتى، يەنە بىر ساۋاقدىشىمىز بولسا كىتاپخۇمارمكى كىچە- كۈندۈز قولدىن رومانلار، كىتاپلار چۈشمەيتى. يەنە بىر ساۋاقدىشىمىز بولسا ناھايتى ياسانچۇق دەپ ئويلايمەن، چاچنى بۇدرە قىلىپ، مۇدا كىيىملەرنى كىيىپپ، كەچلىرى ياتاققا كەچ كىلىپ، بەزىدە كەلمەي يۈرەتتى، ئاڭلىسام شۇ دېسكوخانا ...دىگەندەك يەرلەردە ئوينايدىكەنتۇق. يەنە بىر ساۋاقدىشىمىز بولسا تەياررلىق سىنىپنى <<پۈتۈرەلمەي>> سىنىپ چۈشۈپ قالغان ئىدى، ئۇ بەكلا كەمسۆز، يالغۇز يۈرەتتى، ئۇنى مەن بىزدىن خىجىل بولۋاتسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى، بىر ماۋسۇممۇ ئاخىرلىشاي دىدى، ئىمتاھانلارغا جىددىي تەيارللىق قىلۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ماۋۇ <<ياسانچۇق>> ئاغىنىمىز :ئاغىنلەر ، بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقىلىمۇ يېرىم يىل بولۇپ قاپتۇ، بىرەر يەرگە بېرىپ ئويناپ كەلمەمدۇق؟ دىمەمسمۇ. ئۈگنىش بىلەن بەكلا چارچاپ كەتكەن ھەممەيلەنگە بۇ گەپ تازا خۇش ياقتى.
- نەگە بېرىپ ئوينىساق بولار؟
- ھېي ،گۇيتوزا، ياڭزاڭ بولسا پىقراپ كەلمەمدۇق؟
-نەگە بارىمىز ھوي، بىرەر يەرنى دېمەمسە؟
-سىلەرمۇ بەلىكم  بېرىپ ئويناپ باققانغۇ دەيمەن، دىباغا بىر بېرىپ كەلمەمدۇق؟
-دىبا؟ قايسىغا؟ مەنغۇ بۇ يەرلىك بولمىساممۇ خېلى جىق يەرلەرگە بېرىپ باققان، دېمەمسە؟
دىبا؟ مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئىككىلەندىم، قانداق يەردۇ ئۇ؟ بىر بېرىپ بېقىش ئىسىتكى تۇغۇلدى.
-ھە، دىبا، ئۇسۇل ئوينايدىغان يەر ، مۇزىكا دىگەن قۇلاقنى يارغۇدەك چىقىدۇ، چىراقلىرى پەچەت، قىزلارمۇ بار ھې ھې ھې ....
-مەيلى بارايلى
-بارىلى بى، مەنمۇ بى ئويناييا، مىنىمۇ ئېلۋېڭلا ماخما؟
-ئەمسە مۇنداق بولسۇن-<<ياسانچۇق>>گىپىنى تۈزلا دەۋەتتى-:ھەممەيلەن تەڭ چىقىرىپ ئويناپ كىلىمىز، مەن دىباغا باشلايمەن،قاندىغا ؟
-ماقۇل
-ماقۇل
شۇنداق قىلىپ بىز قىزىقىش، ھەۋەس،كاللىنى ئارام .ئالغۇزۇش، ئويناش ...قاتارلىق تۈرلۈك خىياللار بىلەن ، مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا ئولاش-چولاش يېتىپ كەلدۇق.بىز يەتتە ئادەم بولغاچقا ،ئىككى تاكسىنى توسۇپ بىراقلا ماڭدۇق، ئون مىنۇتلاردىن كىيىن بىكەت ئەتراپىدىكى بىر دېسكوخانىنىڭ ئالىدا چۈشۈپ قالدۇق. دېسكوخانىغا كىرىش ئۈچۈن ھەر بىر ئادەم 10يۈئەندىن بېلەت ئالدۇق، ئاندىن ئامانلىق ساقلىغۇچى بىزنى بىر-بىردىن تەكشۈرۈپ چىقتى. پەشتاق بىلەن ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتۇق، كۆرگىنىم شۇ بولدىكى بەك قاراڭغۇ، خىرە چىراق يېنىپ تۇرغان ، قوناق ئېتلىدۇرمىسى(قوماچ) پۇرقى زالنى بىر ئالغان، ھەرخىل رەڭلىك چىراقلار بىلەن ھەممە يەرنى بىرخىل رومانتىك قىلىپ كۆرسەتكەن ئورۇندۇق-ئۈستەل، ئوتتۇرسى ئەينەك بىلەن ياسالغان چوڭ سەھنە، بىر قانچە خىل ساز، چوڭ -چوڭ ياڭراتقۇ، ئىختىيارى قويۇپ قويۇلغان مۇزىكا بولدى.بىز كىرىپ بولغۇچە <<ياسانچۇق >>ئاغىنىمىز كونا تونۇشمۇ، مۇلازىمدىن بىرسىگە بىرنىملەرنى پىچىرلاپ ، ئۇ مۇلازىم بېشىنى لىڭىشتىپلا ، ئاندىن بىر بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن بولدى.ئاندىن بىزنى بىر ياسىداق ئۈستەلنىڭ يېنىغا باشلاپ كەلدى. بىز ئورۇن ئېلىشتۇق.
شۇنداق قىلىپ ، ئالىي مەكتەپتىكى تۇنجى <<ئولتۇراش>> مۇشۇنداق باشلىنىپ كەتتى. سورۇنغا يىگىرمە -ئوتتۇز پىۋا، قوماچ، ھەرخىل مېغىز دىگەندەك نەرسىلەر تىزىلدى، ئاندىن ئېلۋالغان تاماكا دىگەندەك نەرسىلەرنمۇ ئۈستەلگە تاشلاپ قويغان بولدۇق. بىز قىزىقىش ، ھەۋەس بىلەن باشلىنىشنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپ ئىختىيارى پاراڭغا چۈشتۈق، مىنىڭ بۇنداق يەرگە تۇنجى كىلىشىم بولغاچقا ، ھەممە يەرلەرگە سىنچىلاپ قاراپ كەتتىم، شۇ ئارىدا بىر ئاغىنىمىز چاقچاق قاتتى:
- ئوخخو ھېي، بوشراق قاراغىنە قىزلەرغا، كۆزۈڭگە يىڭناسقۇ چىقىپ قالمسۇن يەنە ۋەت!
-ھاھا
-ئېدىشششش ، ئا قىز بالىنىڭ مەبىتى با ، بوش قايلاڭلا دەيمەن، بىكا باج تۆلەپ قالماڭلا جۇما،ۋەت!
-ھا ھا
-ۋاي مەن ئۇ قىزغا قارىمىدىم، زالغا قاراپ ئولتاغان
-زالغا قارامسە، قىزغا قارامسە خالىغىنىڭنى قىلە، يامان بوساڭ قىز كەلتۈر، قانداق دېدىم باللا؟
-ئېي مۇشۇ قىز بالا كەلتۈرەلەما؟قىزلار بۇنى كەلتۈرۋالىدۇ ۋەت!
شۇنداق قىلىپ چاقچاق مەندىن باشلىنىپ سورۇنىمىز خېلى سۈر-شاۋقۇنلۇق بولۇپ، ھەر ياقتىكلەر پات -پات قاراپ قويىشاتتى، چاقچاقلارنىڭ بەزىلىرى سەل ئەدەپسىز گەپلەر بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىم خاپا-بولغاندەك ئەمەس، شۇنداق خشال كۆرۈنەتتى. مۇزىكا باشلىنىپ ئۇسۇلغا ھەممەيلەن چۈشۈپ كەتتى، مۇزىكىنىڭ يۇقىرلىقىدىن قۇلاقلىرىمنى ئېتۋالغۇدەك بولدۇم، دوسلتىرىم بولسا مۇزىكىغا جۆر بولۇپ ئۇسۇل ئويناۋاتتى. ئۇلار سەھندىن قايتىپ چۈشۈپ، ئورۇنلىرىغا كەلدى ۋە ھەممىسى بىر بىرگە مەنلىك قارشۋاتكەندىن كىيىن ، بىر پۇتۇلكىدىن پىۋانى قولىغا ئېلىشىتى.
-خوشە بالىلا ئەمسە ، تۇنجى ئولتۇرۈشىمىز ئۈچۈن!
-خوشە!
-سەنچۇ؟
ھەممەيلەننىڭ كۆزى ماڭا چۈشتى، ئۇلار مەندىن سەن پىۋا ئىچمەمسە دەۋەتقاندەك.
-مەن....ئىچىپ باقمىغان، مەن چاي ئىچەي!
-ئادوشۇي، ما يەردە چاي يوق، ۋاخاخا ئىچەمسە يا ، ۋەت!
-بۇ ...ۋاخاخا يوق بۇ يەردە، ئىچەڭ شۇ قىزلار ئىچىدىغان شۆبى با ، شۇنى ئىچكىن، ھاھا!
-......
چاقچاقلار يەنە يېغىپ كەتتى، شۇنداق قىلىپ مەن ناھايتى تەڭقىسلىكتە، ئامالسىز قولۇمغا بىر پوتۇلكا پىۋىنى ئالدىم، ئېلىپ بولغۇچە بىرسى ئېغىزنى ئېچۋەتتى، پوتۇلكا ئېغىزىدىن كۆپۈك ئېقىپ ھېچ توختىمىدى، شۇنداق بولسىمۇ خوش-خوشە دىيىشىپ ئىچىشتۇق. بۇ ئاچچىق، سېسىق بىر نىمنى بىر يۇتۇپ ئىچىپلا قويۇپ قويدۇم.ئۇلارمۇ خېلى ئىچكەندىن كىيىن قويۇپ قويۇشتى.مۇزىكا باشلىنىشىغا ئۇلار مىنى زورلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ ئۇسۇلغا سالدى، مەن بۇرۇن ئانچە-مۇنچە ئۈگنىپ قويغاچقىمۇ، قىينالمايلا ئويناپ كەتتىم. ئۇسۇل تۈگىگەندىن كىيىن قايتىپ كىلىشتۇق.
شۇنداق قىلىپ بىر ئۇسۇل، بىر ئىچىش بولۇپ خېلى ئۇزۇنچە ئولتۇرۇپ قالدۇق.دەسلەپتە خېلى ئاچچىق تېتىغان پىۋە بارا -بارا ئۇنداق بىلىنمىدى، مەنمۇ ئىچۋەردىم ، ئۇسۇل ئويناپ، چاقچاق ئېيتىشىپ، تاماكىمۇ چەكتۇق، ئەمما مەن مۇزىكا ئاۋازدىن بەكلا بىزار بولدۇم، قولاقىلىرىم بەكلا بىئارام بولۇپ، دېقىتىمنى پەقەت يىغالمايلا قالدىم، ئاخىرى كەچ سائەت 10لارغا يېقىن بىز قايتىدىغان بولدۇق، پۇتلىرىم پەقەت بوي بەرمەي، ئوڭغا دەسىسەم سولغا ، سولغا دەسىسەم ئوڭغا كىتىپ باراتتى....مەكتەپ ئالدىغا كىلىپ ناھايتى پەم بىلەن ئامانلىق ساقلىغۇچىغا ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىمىزنى كۆرستىپ ئۆتۈپ كەتتۇق، ياتاققا كىرىپ كارۋاتقا ئۆزىمىزنى ئاتتۇق............
(ئاخىرى داۋاملىق يېزىلىدۇ)

ئابدۇبەگ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94496
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 281
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2013-4-7
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 01:47:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇنداق دېگەن :«ئادەم مۇھىتنىڭ تەسىرىگە   ئۇچرايدۇ ،بىراق ئىچكى قوغدىنىش ئۆزىدىن .»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105855
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 01:52:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يې بالاڭزا ئىنىستوتتا ياخشى ئوقۇماي باللا بىلەن ئوينىغىنىڭنى سۆلەپ تىما يېزىپسەنغۇ؟خە خە خە خە خە چاخچاق ھە..

ياتاق دىگەندىمۇ ھەرخىل باللا بولىدىكەن،كەشلىرى مۇزاكىرىدىن قايتىپ كىرسەك بىزنىڭ ياتاقمۇ ۋەششىي قىززىيتتى،لىكىن ئىچىدىغان باللا يوق..دىمەكچىسەنكى ھېلىقى ياسانچۇق خوتەنلىككە ھە؟ھى ھى ھى ھى ھى ھى ..پاراڭلىرىڭغا قىززىقىپ قالدىم،گاچچىدە بىر يېزىۋىتە ھە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5756
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 04:08:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئادەم مۇھىتنىڭ تەسىرىگە   ئۇچرايدۇ ،بىراق ئىچكى قوغدىنىش ئۆزىدىن .»


راست، « ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق » دەپ ئارلاشقان دوستلارغا ئەھمىيەت بەرمىسە ئاخىرىنى تەسەۋۋۇر قىلماقمۇ تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104545
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8724
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 07:16:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىردەمدە تۈگەپ كىەتتى ۋا ، ھېچ ماڭا دەپ بەمىگەنتىڭيىا بۇنى ، يا مەن سورمىدۇممۇ يا ؟ ، ئىش قىلىپ  تىزراق يازەا بولېى

بۇ دۇنيادا ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا ھەقىقىي مۇھەببەت بار دىيىلسە، ئۇ مۇھەببەت، دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش