 |
 |
 |
 |
ئايالىمغا ئېيتالمىغان گەپلەر ئاپتۇرى:داڭگال
1
كۈندە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىدىكى يالغۇز،كونا ياغاچ ئورۇندۇقتا ماجالى قالمىغاندەك قېيسايدىم.ئارزۇلۇرۇم،يەتمەكلىرىم خورىغان ئوخشايدۇ.كۈتۈش،ئىنتىزارلىرىمغا ئۈششۈك چۈشۈپ قەلىب،كۆڭۈل باغلىرىم سارغىيىپ كىتىپتۇ.ئالەم،مەن...تىمتاس.
قولۇمغا قەلەم ئالالمىدىم. بەتلەر،باغرىم ئاق قېلىۋاتىدۇ سەنسىزلىكىمدىن.مىڭىۋاتىمەنكى ماڭغان يوللۇرۇمغا قەدەر ،ياشاش ئۈچۈنلا ئۆرنەك بولۇپ ئۆتىۋاتقان ھاياتىمنىڭ ھەر بىر قاتلاملىرىغا قەدەر ھېچ بىر مەنا يوق خۇددى بەتتام تائاملاردەك.زېرىكىشلىك ،ئۇزۇن قارا تۈنلىرىمنىڭ ئىتەكلىرى يىرتىلماس .دايىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ۋە ياكى مۇشۇنداق بولمىسا بولمايدىغاندەك قېلىپلىشىپ كەتكەن كۈنلىرىمنىڭ ياپقۇچلىرى ئىچىلمىدى سەنسىزلىكىمدىن.
ھاياتىمنىڭ ماشىنىسى بىمەھەل كونىراپ كەتتى. ئەبجەق ماشىنىدا پىراۋىسىز رولنى زورىغا تۇتۇپ ئولتۇرىمەنكى يوللار،مەنزىللەر تۇمان،دۇنيا تۇمان.
2
تاڭ ئاتماس كىچىللىرىم بويۇنتۇرۇقلىرىدا ئۇھسىنىپ ھاياتىمنىڭ بۈگۈنلىرىدە سۇئاللىرىڭغا جاۋاپ تاپتىم.
سەن دايىم تەكىتلەيدىغان "سىز مىنى ھەقىقى سۆيمەيسىز"،"ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيسىز"،"ماڭا ۋاپا قىلمايسىز"...دىگەندەك ئاغرىنىشلىرىڭنىڭ تەكتىگە يېتىمۋاتىمەنكى بۇلار ئەسلى سېنىڭ قالقانلىرىڭ ئىكەن.
سەن ھېچنىمىنى تۇيمۇدۇڭ.خاتا قەدەملىرىڭ ئەقلىڭگە كىشەن بولدى.ھايات سىنى ئەزىزلىگەنلەردىن ئەزىزلەپ بولالمايدىغانلارنىڭ چاڭگىلىغا ئاتتى.
سەن گويا سۆرەتتەك ھەۋەس،قىزىقىش بىلەن قوپۇرۇلغان ۋاقىتلىق سۆيگۈنىڭ كارىدورىغا مىخلاندىڭ.
ھايات يالغانمۇ؟ ياق.بىز يالغانمۇ؟ ياق.ئادەم ئەسلى يالغان ئەمەس.ئۇنداقتا يۈرەك يالغانمۇ؟ ياق.ئۇ پەقەت بىر بويسۇنغۇچى.يالغان دىيىش توغرا كەلسە تۇيغۇڭ،ھېسلىرىڭ يالغان.
دەرۋەقە.ھاياتتا قايتىش بولمايدۇ.پۇشايماننى قاتۇرۇپ كىيىپ ،كەلمەسلەرنى يەپ-ئىچىپ ،سېغىنىشتا نەپەسلىنىپ ياشىغىنى بولسا كاشكى!
3
رەھمەتلىك ئاپام دايىم ماڭا "سېنىڭ مۇشۇ سەمىمىلكىڭ،ئاق كۆڭۈللۈگۈڭ كۆزۈڭگە تەگمىسۇن" دىسە كۈلۈپ قويۇپتىمەن. دادام دايىم"ئوغۇل بالا دىگەن ۋاپادارلىق،ساداققەتتە بىرە بوشلۇق تاشلاپ ماڭمىسىمۇ بۇرنى قاناپ قالىدۇ" دەپ نەسىھەت قىلسا نىمە دەيدىكىن دەپتىمەن.
ۋاھالەنكى ؛ئىشەنىچ،ئەقىدە گۇلخانلىرىم گۇمران بولۇپ،چىنلىقلىرىم قىلىچ ئۇردى ئارمانلىرىمغا مىنى تۈگىمەس غاپىللىقنىڭ زىندانىغا مەڭگۈلۈك مەھكۇم قىلىپ.
داۋامى يېزىلۋاتىدۇ....
|
 |
 |
 |
 |
|