(مەزكۇر ئەسەر ئۆزۈمنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن بايان قىلىنغان، توقۇلما ياكى ئوي خىيالدا يېزىلغان ئەمەس)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' |5 a9 ~& z: j$ P) Z7 M# [3 jھەش-پەش دەپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئالىي مەكتەپنى پۈتۈرگۈنۈمگىمۇ يېرىم يىل بولۇپ قاپتۇ.<جاپالىق ئوقۇش>> مۇ تۈگەپ، مانا خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇپ، مۇنۇ كومپىيۇتېرنى تورغا ئۇلاپ، ئىچىمدىكى تەشۋىش،ئوي-خىيال، ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى ، ئالىي مەكتەپتىكى <<قىسمەت>>ۋە خاتېرىلىرىمنى، شۇنداقلا زامانىمىزدىكى سىتۇدېنىت دوستلارغا ئازدۇر-كۆپتۇر ياردىمى بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن ، قاملاشمىغان تۈزلا يېزىلغان بۇ يازمنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. جەمىيەت تەرەققىي قىلغان، بىلىم ئىگىلىرىگە مۇھتاج بولۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە ، كەڭ قېرىنداشلىرىمنىڭ مىنىڭ بۇ ئاددىيغىنە قىسمەت ۋە خىيالىرىم،شۇنداقلا رېئال تۇرمۇشتىكى <<مەن >>ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ھېس قىلۋالسا، تېخىمۇ تېرىشىپ ، جەمىيەتكە چىقاندىن كىيىن ، مەندىمۇ ياخىشى ، مەندىنمۇ ياراملىق ، ھەر جەھەتتە تەڭ يېتىشكەن، ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشنى ياخشى باشلىۋېىلىشنى،ياخشى باشلىۋالغان دوست-بۇراددەرلىرىمنىڭ تېخىمۇ ياخشى قەدەم بېسىشىنى مەقسەت قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& z/ X- |' r: y S
ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش ھەممەلا ئادەمگە نېسىپ بولمايدىغان ئىش، لىكىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىردىنبىر چىقىش يولى ئەمەس،ھەركىم ئۆز تەقدىرنىڭ تۆمۈرچىسى. 2009-يىلى مەنمۇ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپنى تاماملاپ، خېلى ياخشى نەتىجە بىلەن ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ، تولۇق كۈرۇس ماتىماتىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. ئەمما مەن بۇنىڭدىن ئانچە رازى بولۇپ كەتمىدىم، چۈنكى مىنىڭ ئەڭ بولمىغاندا ئۈرۈمچىدە ، ياكى ئىچىكرىدىكى بىرەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇم بار ئىدى.ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس...شۇنداق قىلىپ چاقىرىق قەغىزىمۇ قولۇمغا تەگدى، تەبئىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق 3-يىلىقلارنىڭ 800نەچچە ئادەمنىڭ 32-بولۇپ، ئىسمىم چوڭ دوسكدىن ئورۇن ئالدى.قايتا ئوقۇغۇم، ئارزۇيۇمدىكى مەكتەپتە ئوقۇغۇم بار ئىدى، ئەپسۇس ،ئۆيدىكلەر ۋە سىنىپ مەسئۇلىمنىڭ زورى بىلەن ئامال يوق ، ئاشۇ مەكتەپكە قاراپ يول ئالدىم.....
تۆت -بەش سائەتلەردىن كىيىن ، ھەيۋەت قەدىمىي شەھەرگىمۇ يېتىپ كەلدىم، مىنى مەكتەپكە دادام ئېلىپ كەلگەن ئىدى، مەن چوڭ بولۇپ، ناھىيىمىزنىڭ سىرتىغا چىقىپ باققان ئەمەس ئىدىم، شۇڭلاشقىمۇ ياكى مىنىڭ بۇ يەردە ئوقۇغۇم يوقلىقىنى دادام بىلەمدۇ، ئىشقىلىپ مىنى دادام بىللە ئېلىپ كەلدى. بىز تولمۇ چەت بىر يېزا ____سەھرادىن كەلگەچكىمۇ، بىر ئىشلارنى بەكمۇ بىلىپ كەتمەيتۇق، قورساق تويسا ،مەن كىتاپنى ئېلىپ ئۈگىنىش قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيتىم، دادام بولسا ئون نەچچە مو يەر بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئادەم ئىدى. بۇ ناتونۇش شەھەرگە كىلىپ ، <<مەكتەپ>> قانداق مېڭىشنى بىلەلمەي، ئاخىرى مىنىڭ پىكىرىم بويىچە تاكسىغا چىقىپ بارىدىغان بولدۇق. ئالاھەزەل ئون مىنۇتتا مەكتەپكە كەلدۇق، تاكسىغا مەن، دادام ۋە يەنە ماڭا ئوخشاش <بايقۇش سەھرا>>لىق چىققانمۇ قانداق، تاكسىچى ھەر بىرىمىزدىن 10يۈئەندىن پۇل ئېلىپ ئەكلىپ قويغان بولدى، ماڭغىنىمىز شۇ بەك بولسا تۆ-بەش كىلومىتىر يولغۇ دەيمەن، ئىككىمىزگە 20يۈئەن ئالغىنى كالاممدىن يامان تەس ئۆتتى.مەكتەپ دەرۋازىسدا تۆت -بەش ئامانلىق ساقلىغۇچى ھەيۋەتلىك فورمىسىنى كىىيپ، دەرۋازىدىن كىرىپ چققانلارنى تەپسىلىي،بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ، مۇناسۋەتسىز كىشلەرنى كىرگۈزمەيتتى.......
مەكتەپكە كىرىپ ئۇ يەرگە،بۇيەرگە يۈگۈرۈپ ، سوراپ يۈرۈپ كەچ سائەت 5لەرگە رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ، ياتاققىمۇ ئورۇنلىشۋالدىم. داداممۇ يانچۇقۇمغا 1000يۈئەن پۇلنى سېلىپ قويۇپ كىتىپ قالدى، ئەتىگىنى ناشتا قىلغانچە ، مۇشۇ ئىشلارنى تۈگەتكىچە ئويلاپ باقسام تاماقمۇ يىمەپتىمىز، دادام كەچ بولسىمۇ كىتىپ قالدى، مەن تاماق يەي دەپ ئاشخانا تەرەپلەرگە ماڭدىم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىز تاماقنى مەكتەپ ئاشخانسدا يەيتۇق ، نەق پۇل ئىشلىتەتتۇق. بۇ مەكتەپتىمۇ شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ، مەن ئاشپەزگە پۇل تەڭلەپ تاماق يەيدىغانلىقىنمنى ئېيتتىم.
- :غوجۇم ، ماۋەدە تاماقنى بېلەتكە يەيلا، قاپوماي بېلەت ئېلىپ كىلەملا
نۇرغۇن باللا ماڭا قاراپ كەتتى، بەكلا ئىزا تارتىپ كەتتىم، بېلەتنى نەدىن ئالدغىنىمنى بىلمىگەچەكە ئالدى - ئارقامغا قارىمايلا ئاشخاندىن يېنىپ چىقىپ، بۇ دۇككانغا كىرىپ ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەر بىلەن قورساقنى ئەستەرلەپ ياتىقىمغا كىرىپ كەتتىم.
ياتاقتكى بالىلار بىلەن بىر قۇز تونۇشۋەتكەندىن كىيىن ، قىلىدىغان ئىش يوق، كارۋېتىمغا چىقىپ يېتۋالدىم،ياتاقتا ھەر يەرلىك بالىلار بار ئىدى، تۇرپان، خوتەن، غۇلجا ئاقسۇ........... بەزىلىرى پاراڭلىشىپ، بەزىلىرى تېلفۇن ئويناپ ياتاتتى. ئۇنى قىلىپ- بۇنى قىلىپ ئاخىرى ئۇخلاپمۇ قالدۇق.
تاڭ ئاتقاندىن كىيىن ، يۈز - كۆزۈمنى يۇيۇپ، باللار بىلەن سىنىپلارغا چىقىپ، بىر سىنىپتىكى باللار جەم بولۇشتۇق. نەق شۇ يىلى جەميەت تازا مالىمان ۋاقىت بولغاچقمۇ بىر ھەپتە سىياسىي ئۈگىنىش قىلدۇق، بىر ھەپتە بەكمۇ زېرىكشىلىك، بەكمۇ ئاستا ئۆتتى.
بۇ تۇنجى ئوقۇش يىلى بولغاچقىمۇ تەييارلىق بىر يىل ئوقۇيدىكەنمىز، خەنزۇتىلدىن ئىمتاھان ئېلىنىپ ، سىنىپلارغا قايتىدىن .ئايرىپ چىقتى، ئاساسىي ئاجىز بالىلارنى ئاستا سىنىپ، ياخشىراق بالىلارنى ئوتتۇرا سىنىپ، ياخشى بالىلارنى يۇقىرى سىنىپ قىلىپ ئايرىپ چىقىپ، ئوقۇشمۇ باشلىنىپ كەتتى، شۇ كۈندە سەككىز سائەت خەنزۇتىلى ئۈگىدىغان ئىش ، ئاڭلاش دەرسى ، ئوقۇش دەرسى، يېزىش دەرسى.....
مەن باشلانغۇچ 6-يىلىققا چىقاندا ئاران پىنيىنچە ھەرىپ، ئاددىي سۆزلەرنى ئۈگنىشكە نائىل بولغان ئىدىم، چۈنكى بىزنىڭ كەنىتىكى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش سەۋەبلىك ، تۆت يىللىق خەنزۇتلى دەرسى ئۆتۈلمىگەن ئىدى.تولۇقسىز ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆزۈمنىڭ تېرىشچانلقى بىلەن ، ئانچە-مۈنچە چالا گەپ قىلغۇدەك بولغان ئىدىم، مۇشۇ سەۋيەم بىلەن ئوتتۇرا سىنىپقا تاللاندىم ۋە سىنىپ باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالدىم. شۇنداق قىلىپ بۇ ئوقۇش مۇشۇنداق رېتىمدا باشلىنىپ كەتتى.......
(ئەسەرنىڭ داۋامى بار، داۋاملىق يوللىنىدۇ، خىزمەت مۇناسۋىتى بىلەن مۇشۇ يەرگىچە يېزىپ تۇراي، ئەتە ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ)