مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 973|ئىنكاس: 6

سوغۇقتىن بولغان دىئابىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17982
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 09:47:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇنۇش:

سوغۇقتىن بولغان دىئابىت-بۇ كېسەلدە كۆپ ئۇسساش ۋە كۆپ سىيىش بولسىمۇ ئەمما سۈيدىكىدە قەنىت ماددىسى كۆرۇلمىسە يالغان قەنىت سىيىش ياكى سوغۇقتىن بولغان دىئابىت دەپ ئاتايمىز.

بۇ كېسەللىك غەرىپ تىبابىتىدىكى شىكەرسىز دىئابىت كېسەللىكىگە ئوخشاش بولۇپ، مېڭە خىزمەت پائالىيتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ئاساسلىغى سىرىتتىن سوغۇق ئۆتۇپ كېتىش ياكى ئۇزۇن مۇددەت سۇنى كۆپ ئىچىش قاتارلىق ئامىللار بۆرەك مىزاجىنى سوغۇقتىن بوزۇلۇشقا سەۋتەب بولۇپ، بۆرەك قان-تۇمۇرلىرىنىڭ سۈيدۈكنى قۇيۇلدۇرۇشقا قادىل بولالماي سۇيدۇك كۆپ كېلىدۇ. ئۇندىن باشقا ‹‹شەرھى ئەلباب››دىگەن كىتاپتا بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى مېڭە قىسىملىرىنىڭ خىزمىتىنى ،يەنى مېڭە ئاخىرقى قېرىنچىسىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىكى شىكەر ماددىسى ئىدارە قىلغۇچى مەركەزنىڭ خىزمىتى بوزۇلسا ئوخشاشلا بۆرەكنىڭ سۈيدۈكنى نورمال چىقىرىش ئىقتىدارى بوزۇلۇپ بەدەندىن قويۇپ بېرىلىدىغان سۇيدۇك مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ بۇ ئوخشاشلا كۆپ سىيىش ۋە ئۇسساش پەيدا قىلىدۇ.

ئالامىتى:

ئۇسسۇزلۇق كۆپ بولىدۇ. كۆپ سىيىش كۆرۇلىدۇ. ئاغزى قۇرۇيدۇ، سۈيدۈك ئاق سۇزۇك كېلىدۇ، بىمار تىزلىكتە ئۇرۇقلايدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ،ئۇيقۇسىزلىق كۆرۇلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا كېسەللىك ئاستا تەرەققى قىلىدۇ، مېڭە زەخمىلىنىشتىن بولسا ئۆتكۇر تەرەققى قىلىدۇ، ھەر قاندا ئەر-ئاياللاردا كۆرۇلۇش نىسبىتى ئوخشاش بولىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

ئۇمۇمى بەدەننى بۆرەكنى قىزىتقۇچى، سەمىرىتكۈچى، تۇتقۇچى، قاننى جانلاندۇرغۇچى،ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنى قۇۋەتلىگۈچى ،قان قەنتىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يەككە دورا بىلەن داۋالاش

1-رىتسىپ:

تەركىۋى:كۆك كەپتەر شورپىسى، نوقۇت مۇۋاپىق مىقتاردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:شورپىدا نوقۇتنى پىشۇرىمىز.

شىپالىق رولى:بەدەننى قۇۋەتلەش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:بىمارنىڭ تامىقىغا بېرىلىدۇ.

2-رىتسىپ:

تەركىۋى:چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم مۇۋاپىق مىقتاردا.

شىپالىق رولى:بەدەننى قۇۋەتلەش،قىزىتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

3-رىتسىپ:

تەركىۋى؛تۇخۇم شاكىلى، تاباشىر مۇۋاپىق مىقتاردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى يۇمشاق سوقۇپ سۇپۇپ قىلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:تۇتۇش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2-3قېتىم 5-10گىرامغىچە كاپ ئىتىلىدۇ.

4-رىتسىپ:

تەركىۋى:شاقاقۇل مۇۋاپىق مىقتاردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى يۇمشاق سوقۇپ چايلىق قىلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە چاي دەملەپ ئىچكۇزىلىدۇ.

5-رىتسىپ:

تەركىۋى:شاقاقۇل،تاباشىر،قانىسە 10گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سوقۇپ سۇپۇپ قىلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:ئاشقازاننى ياخشىلاش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 3گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

6-رىتسىپ:

تەركىۋى:شاقاقۇل ، خۇلىنجان، دارچىن، گۇلدارچىن، بەللۇت ، سەئىدى كۇفى15گىرامدىن،زەنجىۋىل 10گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ شەربەت ئېلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:تۇتۇش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 30-50مىللىلىتىر ئىچكۇزىلىدۇ.

7-رىتسىپ:

تەركىۋى:سۇنبۇل تىپ،قىزىلگۈل،سېرىق چىچىەك،سەئىدى كۇفى،كۇندۇر 4گىرامدىن،تاباشىر 5گىرام،مەستىكى 1گىرام،ئاق شىكەر مۇۋاپىق مىقتاردا.

شىپالىق رولى:قان قەنتىنى چۇشۇرۇش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

8-رىتسىپ:

تەركىۋى:گۇلنار،گەز مازەج 9گىرامدىن،كۇندۇر،جۈبتى بەللۇت 3گىرام، قورۇلغان قۇرۇق يۇمغاقسۇت، سەمىغى ئەرەبى 1.75گىرامدىن، گىل ئەرمىنى 1.8گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ سۇپۇپ قىلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:قان قەنتىنى چۇشۇرۇش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 5قېتىم 2گىرامدىن ئىچكۇزىلىدۇ.

9-رىتسىپ:

تەركىۋى:جۇبتى بەللۇت، ئاق كۆكنار ئۇغىرى،خەرفە،سەئىدى كۇفى، كۇندۇر،تاباشىر،كەشنىز،گۇلنار،گۈل سۇرۇخ،گىل ئەرمىنى، كوممەقوناق 2گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سوقۇپ سۇپۇپ قىلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:قان قەنتىنى تىزگىنلەش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم مۇۋاپىق مىقتاردا ئەرقى شوخلا بىلەن ئىچكۇزىلىدۇ.

مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش

1-رىتسىپ:مەجۇنى ماسكە بەۋىل بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:شاھى بەللۇت،سەئىدى كۇفى،كۇندۇر،ئود ھىندى، خولىنجان،نېپىز دارچىن تەڭ مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سوقۇپ تالقانلاپ 2ھەسسە چەككىلەنگەن ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:سۇيدۇك قېتىمنى ئازايتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە بىر قېتىم 70گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

2-رىتسىپ:ماتىدىل ھايات بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:(بۆرەك مىزاجىنىڭ ماددىسىز سوغۇقتىن بوزۇلىشىدا سۆزلەندى)

3-رىتسىپ:جاۋارىش زەر ئۇنى بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:(بۆرەك ئاجىزلىق كېسەللىكىدە سۆزلەندى)

4-رىتسىپ:سۇپۇپى دىئابىت بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:(ئىسسىقتىن بولغان دىئابىت كېسەللىكىدە سۆزلەندى)

5-رىتسىپ:قۇرسى تاباشىر بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:(بۆرەك ئاجىزلىقىدا سۆزلەندى)

6-رىتسىپ:مەجۇنى كۇندۇر بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:فىلفىل 2گىرام،زەنجىۋىل 3گىرام،كۇندۇر،سەئىدى كۇفى، جۇپتى بەللۇت،قۇستە شىرىن،قارىمۇچ 5گىرامدىن،شاقاقۇل مىسرى، مۇسھىلى سەبىد 10گىرامدىن، ھەسەل 150گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ چەككىلەنگەن ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۇن تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش،سۈيدۈكنى ۋە مەنىنى توختىتىش تەسىرىگە ئىگە.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 10گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

زىيادە سوغۇق،ھۆللۇكى يۇقىرى،قەنىت تەركىۋى يۈقىرى بولغان غىزالاردىن پەرھىز قىلدۇرلىدۇ

دىئابىت كىسەلىكلىرى ۋە ئۇنىڭ داۋاسى دىگەن كىتاپتىن ئاريىە.


ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110859
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1049
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2014-11-13
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 12:54:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1550
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 460 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 01:05:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
martam يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 12:54 PM
مۇشۇنداق سوغۇقى ئېشىپ «سىيگەك» بولۇپ كەتكەنلەر ئات گۆ ...


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1540
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 984 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 01:19:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ناھايىتى   ياخش   تىما   يوللاپسىز   ئاللاھ   قولىڭىزغا   دەرىت    بەرمىسۇن   ،    بۇ   رىتسىپلارنى   ھەر   قانداق   بىر   ساق   ئادەممۇ   ساقلىۋىلىپ   پايدىلانسا   بولغۇدەك   .    تىما   ئىگىس    سىزدىن   سورايدىغان   بىر   ئىش  ،    باچكا   گۆشى   ۋە   شورپىسى    قان   بىسىمنى    ئۆرلىتىۋىتەمدۇ   ياقمۇ   ؟

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17982
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 02:24:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jim-jit يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 01:19 PM
ناھايىتى   ياخش   تىما   يوللاپسىز   ئاللاھ   قولىڭىزغا  ...

ناۋادا قان قۇيۇق ئەھۋالى بولسا قان بەك قۇيۇق مىجەزى ئىسسىق كىشلەر  بولسا ئۆرلىتۋېتىدۇ

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1540
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 984 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 02:32:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sawapkar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 02:24 PM
ناۋادا قان قۇيۇق ئەھۋالى بولسا قان بەك قۇيۇق مىجەزى ئ ...

   رەخمەت    سىزگە   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5782
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 08:07:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆك كەپتەر شورپىسى...


ئېسىل جانىۋاردە بۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش