مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 760|ئىنكاس: 3

بىل، ئەۋلادىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111948
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 408
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2014-12-20
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 01:01:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                 بىل، ئەۋلادىم

            ئابدۇرەھمان ئەفغانىي


     بىل، ئەۋلادىم، پانىيدىكى ئانىيلار باقىيدا ئالىيلار قاتارىدىن قوپىدۇ. شارابخور ساقىيلار بىئەدەپلىكىدىن باقىيدا جازاسىنى تاپىدۇ. شاراب ___ بارچە يامانلىقنىڭ كىرىش ئېغىزى. شۇڭا ئۆلسەڭ ئۆلكى، ياماننى يۈدۈپ ياۋاشقا مىنمە، ياۋنىڭ جاھالىتى ئالدىدا غۇرۇرىڭنى ئۇرما! مۇدابا سەن ئاجىزلارغا غادايساڭ، «چارىز» لارغا دوڭغىيىپ قالىسەن. بىر نەرسە كاللاڭدا روشەن بولسۇن، ئالىمغا ئەل بول، زالىمغا بەل بولما! ئەگەر ئەجدادىڭنىڭ تارىختىكى بەزى سەۋەنلىكلىرىنىڭ بەرھىمى سېنىڭ بېشىڭغا كېلىپ توختىسا، سەن ۋاقتىدا ئۇ داغنى ئۆچۈر! سەۋرىڭگىمۇ چەك بېكىت، چۈنكى تۈگىمەس سەۋر ئاسارەتنى كېمەيتمەيدۇ، جاسارەتنى كېمەيتمەيدۇ. ئەركىنلىكنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەنىكەنسەن، ئۇنىڭ ئەتىسىنى ياراتماق ساڭا پەرزدۇر. ئەگەر سەن ئەجدادىڭنىڭ قارىسى ياكى يارىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئېتىقادى ۋە ئېتىمادىغا كۆز قىسساڭ، بۇ مىللەت سېنىڭ دەستىڭدىن تۈگىشىدۇ. ئۇ دۇنيانىڭ چەكسىز ھارارىتىنى بۇ دۇنيانىڭ مۇۋەققەت ھالاۋىتىگە تېگىشىۋەتمە! ھەققانىيەت نائىبى بولۇش ئۈچۈن كۈنۇتۈن ھەقىقەتكە ئىنتىل، ھەقىقەت بايانسىزمۇ ئايان بولىدۇ، شۇڭا دەيمەن، سەن تەبىئەتتىن ئۈنسىز ھالدا ھەقىقەتنى ئىزدە ۋە تاپ! بۇنىڭ ئاچقۇچى ___ تەپەككۇر. بىر كۈنلۈك تەپەككۇر ئۈچۈن بىر يىللىق تەسەۋۋۇر لازىم. شۇڭلاشقا تەسەۋۋۇرخۇمار كۆزلىرىڭ بىلەن كۆككە، تۇپراققا قارا، ئۇنىڭ تېگىدە كۆمۈلۈپ ياتقان ھەقىقەت كانىنى بايقاشقا ۋە روھىيىتىڭنى ھەقنىڭ نەفىس شال - پوللىرى بىلەن زىننەتلەشكە تېرىش! ھامان بىر كۈنى ھەقىقەتكە يولۇقىسەن، شۇ چاغدا ئۇنى جان - جەھلىڭ بىلەن مۇھاپىزەت ئەيلە! چۈنكى، ھەقىقىي قەھرىمانلار ___ ئۆلۈپ كەتكەندىمۇ قەبرىسىدىن ئوت ئېلىپ، جاھالەت ئەھلىگە چاچالايدىغانلاردۇر. ئەمما قەھرىمانلىقىڭ بىرلا يولدا، بىرلا ئۇسۇلدا بولۇپ قالمىسۇن! چۈنكى، بىر خىل ئۇسلۇب نۇقسان ھېسابلىنىدۇ، رەقىبىڭ ئۇ يوچۇقتىن سېنى ھالاك قىلىدۇ. نىشانىڭ بولسۇن!سەۋەبى، ئىزدىن نىشان، نىشاندىن يېڭى ئىز تۇغۇلىدۇ. دۇنيادىن ئىزسىز كەتمە! بىر ئۆمۈر تىنماستىن تارىخ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىپ، ئۆگىنىپ، دۇنيادىن جىمجىت يوقالماي، ئۆزۈڭمۇ بىرەر قېتىم تارىخ يارىتىشقا ئورۇنۇپ باق! ئەمما، ھەرگىز شوئارچى بولۇپ قېلىپ، دىيانىتىڭ ۋە ئىناۋىتىڭگە قارا سۈركىمە! چۈنكى، ئىتتىن چۇقان چىقىدۇ، كارۋاندىن توزان! شۇڭا گەپلىرىڭ ئەمەلدىن ئايرىلمىسۇن. دىيانىتىمنى پاكلاي، ئىناۋىتىمنى ئاقلاي دېسەڭ، سەدىقىدىن ئېرىنمە! ئۈلۈكسىز سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ، گالنى كېمەيتىدۇ. مەن ساڭا نەسىھەت قىلدىم، سەنمۇ بوغۇنلىرىڭغا پەندى - ئۆگۈتتىن ئوزۇق بەر، ئۇلارنى قوغدا، قوللا، ئەمما ھەرگىز قوغلىما، قورشىما! ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭگىمۇ ساداقەتمەن بول! شۇنى ئۇنۇتما، مۇھەببەت ئىنساننى غەم - ئەلەم دېڭىزلىرىدا قانچە چايقىسا مەيلىكى، ئەمما ھېچ كىشى ئۇنى شەھۋانىيەلەردە پۇچىلاپ قىينىمىسۇن.  بۇلار مېنىڭ ھاياتتىن تېرىۋالغان تەرمىلىرىم. ئەدناسى، ئەۋلادىم، قانداق بولساڭ شۇنداق ياشا، ئۆزۈڭ - يۈزۈڭ بىر بولسۇن، تېشىڭنى سىر بىلەن، ئىچىڭنى كىر بىلەن پەردازلىما، ساختا نىقابىڭ تۈپەيلى راۋان يولۇڭغا داۋان سالما!



            ___ 2014 - يىلى ئويلىغانلىرىمنى جەملەپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1908
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 955 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 03:31:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئۆمۇر تارىخ ئۇگۇنۇپ دۇنيادىن تىمتاس يوقالماي،ئۆزۇڭمۇ بىرەر قېتىم تارىخ يارىتىشقا ئۇرۇنۇپ باق!
   
بۇ سۆزنى ياقتۇردۇم.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1891 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 03:44:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى گەپلەر ئىكەن .رەھمەت !
تېمىدىكى بىرقانچە سۆزنى چۈشىنەلمىدىم .
1.ئەدناسى
2. ئانىيلار


دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110707
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2014-10-19
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 10:34:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش