كۆرۈش قۇۋۋىتى مېيىپلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
1. كۆزىمىز نىمە ئۈچۈن بىر نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ؟
كۆزنىڭ شەيئىلەرنى كۆرىشى خۇددى رەسىم تارتىش ئاپپاراتىنىڭ رەسىم تارتقىنىغا ئوخشاش. كۆز قارچۇغى خۇددى نۇر چەمبىرىكىگە ئوخشايدۇ، نۇر سۇندۇرۇش سېستىمىسى (كېرىستال تەنچە، ئەينەك تەنچە، دالەنچە سۇيى، مۇڭگۈز پەردە) كامىرا لېنزىسىغا ئوخشايدۇ، كۆرۈش تور پەردىسى بولسا نىگاتىپقا ئوخشايدۇ. كۆزنىڭ ھەر قانداق بىر بۆلىگىدىن مەسىلە چىقسا كۆرۈش قۇۋۋىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
2. كۆرۈش ئىقتىدارى دىگەن نىمە؟
كۆرۈش ئىقتىدارى دىگىنىمىز تەسۋىر ئىقتىدارى (كۆرۈش قۇۋۋىتى، كۆرۈش دائىرىسى، سېلىشتۇرما سەزگۈرلۈك)، نۇر سەزگۈرلىگى (قاراڭغۇغا ماسلىشىشچانلىق) ۋە رەڭ سەزگۈسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3. نورمال كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىش سېلىشتۇرما قىممىتى قانچىلىك؟
كۆز ئالمىسى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى تەدىرىجى ھالدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. نورمالنى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى: 1 ئايلىق بولغاندا پەقەت كۆز ئالدىدىكى قولنىڭ ھەركىتىنى كۆرەلەيدىغان بولۇپ، يورۇقلۇقنى ئىزدەيدۇ. ئالتە ئايلىق بولغان ۋاقىتتا 0.06 بولىدۇ؛ 1 ياشقا كىرگەندە 0.1 بولىدۇ؛ 2 ياشقا كىرگەندە 0.5 بولىدۇ؛ 3 ياشقا كىرگەندە 0.6 بولىدۇ. 4 ياش ئەتراپىدا 0.8 بولىدۇ؛ 5 ياشقا كىرگەندىن كېيىن 1.0 گە يېتىدۇ.
4.كۆرۈش سەزگۈسى مېيىپلىقى دىگەن نىمە؟
كۆرۈش سەزگۈسى مېيىپلىقى _ تۈرلۈك سەۋەپتىن ئىككى كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچرىغان ياكى كۆرۈش دائىرىسى تارىيىپ كەتكەن، دورا ئارقىلىق داۋالاش ۋە ئوپراتسىيە قىلىنغان ھەمدە ئۆلچەملىك نۇر سۇندۇرۇش سېستىمىسى تۈزىتىلگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا كۆرۈش قۇۋۋىتى زىيانغا ئۇچرىغان، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئەڭ ياخشى بولغان كۆزنىڭ تۈزىتىلگەن قىممىتى (مۇۋاپىق كېلىدىغان كۆزئەينەك تاقىغاندىن كېيىنكى كۆرۈش قۇۋۋىتى) 0.3 دىن تۆۋەن ياكى كۆرۈش دائىرىسى 10 گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان، ھەمدە ئادەتتىكى ئۇسۇلدا نورمال ئادەملەر قىلالايدىغان خىزمەت، ئۈگىنىش ۋە باشقا پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغانلار كۆرسىتىدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتى مېيىپلىرى ئادەتتە كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەر بىلەن ئەمالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5. كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەن بىلەن ئەمالىقنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟
ئىككى كۆزدىن كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشىراق بولغان كۆزنىڭ تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.05~0.3 ئارىسىدا بولسا كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەن بولىدۇ، 0.05 دىن تۆۋەن، نۇر سەزگۈسى يوق بولسا ئەما ھېساپلىنىدۇ.
6. كۆرۈش قۇۋۋىتى مېيىپلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللار قايسىلار؟
2006- يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ 2- قېتىملىق مېيىپلاردىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشتىكى سانلىق مەلۇماتتىن كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى كۆرۈش قۇۋۋىتى مېيىپلىقىدا ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدىغان كېسەللىك كاتاراكتا (كۆزگە ئاق چۈشۈش)، كۆرۈش تور پەردىسى رەڭدار پەردە كېسەللىكى، مۈڭگۈز پەردە كېسەللىكى، ئامېتروپىيە (كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇشىنىڭ نورمال بولماسلىق ھادىسىسى) ۋە گلاۋكومادىن ئىبارەت. لېكىن بالىلار بىلەن ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى مېيىپلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل بىلەن كېسەللىك قوزغىلىش نىسبىتىدە پەرق ئىنتايىن زور. بالىلاردىكى ئەمالىق ياكى كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق كۆز كېسەللىكى تۇغما ئىرسىي خارەكتىرلىك كۆز كېسەللىكى (٪60 دىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ)، ئۇنىڭدىن قالسا ئامېتروپىيە، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق، كاتاراكتا، مۈڭگۈز پەردە كېسىلى، كۆرۈش تور پەردىسى پېگىمنىت پەرقىنىڭ ئۆزگىرىشى، كۆزنىڭ تاشقى زەخمىسى قاتارلىقلار؛ ياشانغانلاردىكى ئەمالىق ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق كېسەللىك كاتاراكتا، مۈڭگۈز پەردە كېسىلى، گلاۋكوما، ياشانغانلاردىكى سېرىق داغلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشى، دىئابىتتىن كېلىپ چىققان كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
7. نىمە ئۈچۈن كاتاراكتا ئەمالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەيمىز؟
كاتاراكتا __ كرىستال تەنچىنىڭ دۇغلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بولۇپ، ئېغىرلاشقاندا ئەما بولۇپ قالىدۇ، ئۇ تۇغما كاتاراكتا ۋە تۇغۇلغاندىن كېيىنكى كاتاراكتا دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.
ئىرسىيەت ياكى نورمالسىز ئامىللار مەسىلەن: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق ياكى مېتابولىزىمنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ۋىروستىن يۇقۇملىنىش، ھاراق ئىچىش، رىنتىگىن نۇرى بىلەن زىيادە كۆپ ئۇچرىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇغما كاتاراكتانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كېسەللىك كۆرىلىش نىسبىتى ‰4 بولىدۇ.
تۇغۇلغاندىن كېيىنكى كاتاراكتانىڭ كۆرۈلىشى ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ياش قانچە چوڭايغانسىرى كۆرۈلۈش نىسبىتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. 65 ياشتىن 74 ياشلىقلار توپى ئىچىدە ٪20 ئادەملەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى كاتاراكتانىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، 75 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپى ئىچىدە كاتاراكتانىڭ كۆرۇلۇش نىسبىتى ٪50 ئەتراپىدا بولىدۇ.
8. كاتاراكتانى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى قانچىلىك؟
تۇغما كاتاراكتانى بالدۇر بايقاپ ئوپراتسىيە قىلغاندا (1 ياش ئىچىدە)، ئوپراتسىيەدىن كېيىنكى ئوپتىكىلىق تۈزەش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقىغا داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى بىر قەدەر ياخشى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى ھەتتا مېيىپلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
ياشقا مۇناسىۋەتلىك كاتاراكتا ئوپىراتسىيىسى خېلىلا پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئوپىراتسىيە قىلغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
9. قايسى تۈردىكى ئىرسىيەت خارەكتىرلىك ياكى تۇغما كۆز كېسەللىكلىرى ئەمالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
ئەمالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۇغما ياكى ئىرسىي خارەكتىرلىك كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، دائىم كۆرىلىدىغانلىرى كاتاراكتا، تۇغما گلاۋكوما، تۇغما كۆز قارچۇقى كىچىك بولۇش، رەڭدار پەردە قان تومۇر پەردىسىنىڭ تۇغما كەمتۈكلىكى، ئىرسىيەت خارەكتىرلىك مۈڭگۈز پەردە غەيرىلىكى قاتارلىقلار؛
10. نىمە ئۈچۈن سۈپەتلىك تۇغۇپ سۈپەتلىك تەربىيىلەش كۆرۈش قۇۋۋىتى مېيىپلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن موھىم دەيمىز؟
نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئىرسىيەت خارەكتىرلىك كۆز كېسەللكلىرىنى داۋالىغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئىرسىي كۆز كېسەللىكلىرىنى مەسىلەن: كاتاراكتا، كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ ئىرسىي خارەكتىرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئوپراتسىيە ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ. شۇڭىلاشقا، تويدىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈش ۋە سۈپەتلىك تۇغۇش ئىرسىيەتشۇناسلىق بويىچە مەسلىھەت سوراش، ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە يەڭگىشتىن بۇرۇنقى ساقلىقنى ساقلاش ئىرسىيەت خارەكتىرىلىك ۋە تۇغما كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى چارە.