ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى دوستلار ، ياخشىمۇسىلەر ! يېقىندا ئۆي زىننەتلەش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم ، بۇ جەرياندا ماڭا يولۇققان بىر ئىش مېنى بۇ تېمىنى يېزىشقا مەجبۇر قىلدى . ھەممىمىز بىلىمىز سىر ، خىمىيىلىك ماددىلاردىن تۈزۈلگەن سانائەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ماتىريال ، ئۇ پارقىراق ، سىلىق ھالىتى بىلەن ماشىنا ، ئۆي سايمانلىرى ... دىگەندەك نەرسىلەرنى كۆركەم ھالەتكە كىرگۈزۈپ ، موھىتىمىزنىڭ گۈزەللىكىگە تۈس قوشۇدۇ . مۇۋاپىق ئىش ھەققى ئالىدىغان ، سىرنى ياخشى بېرىدىغان سىرچى ئۇستىنى تېپىش مېنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆي بېزىشىمدىكى ئەڭ قيىن مەسىلىنىڭ بىرى بولدى . مەن بۇنۇڭ ئۈچۈن خېلى كۈن سەرىپ قىلىپ نۇرغۇن ئۇستىلارنى ئۇچىراتتىم ھەمدە ئۇلارنىڭ نەق مەيداندىكى ئىش ھالىتىنىمۇ كۆردۈم ، بۇ جەرياندا مېنى بەكەرەك ئويغا سالغىنى ئۇلارنىڭ سىر چاچقاندا سىرنىڭ سېسىق پۇرىقىدىن مۇداپىئەلىنىش ئەسۋاپلىرىنى ئىشلەتمەيلا ئىش قىلىدىغىنى بولدى ، سىر ئۆتكۈر پۇراقلىق ماتىريال ، سىرچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشى ئۇنۇڭ بىلەن بىۋاستە ئۇچۇرشىدۇ ، بۇنداق چاغدا ئۇنۇڭغا مۇناسىپ بولغان ئىلمىي تەدبىر قوللانماي مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا ئۇنۇڭ كېيىنكى سادىر قىلىدىغان زىيىنىنى تەسەۋۇر قىلىش تولۇمۇ قىيىندۇر . سىرچىلىق بىلەن ئۇزۇن مەزگىل شۇغۇللانغان بىر ئاكىمىزنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ، سىرچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەر بولۇپمۇ سىر چاچقاندا چوقۇم بېشىغا نىقاپ ياكى سىر پۇرىقىدىن مۇداپىئەلىنىش كىيمىنى كىيىۋىلىشى ، ھىچ بولمىغاندا ماسكا تاقىۋىلىشنىڭ موھىملىقىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتتى ، ئۇ سۆزىدە ، بۇ كەسىپ بىلەن جان بېقىۋاتقان ئۇستاملار ئىچىدە يۇقارقى مۇداپىئە تەدبىرى قوللانماي سىرچىلىق قىلغانلارنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي ئېغىر كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلىقى ، ھەتتە بەزىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى . ساغلام تەندە ساپ ئەقىل بولۇدۇ ، ساغلام بولغاندا ئاندىن بارچە ئىشنى قىلغىلى بولۇدۇ ، ھۆرمەتلىك سىرچى ئۇستاملار ، ئىش قىلغاندا چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىگىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئاساستا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىڭ ، بۇنداق بولغاندا سىز ۋە ئائىلىڭىزنىڭ تۇرمۇشى بىخەتەرلىككە ئىگە بولۇدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Acura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-22 12:30 AM
|