چۈشلىرىمگە كىرسەڭ دادا سەن ئەگەر
سەركىسى يوق پادا يولدىن ئازغاندەك،
تالاي ئازدىم جېنىم دادا سەن كېتىپ.
كۆرمىگەننى كۆردىم ئەمما ئۆلمىدىم،
تۆت ئاچالدا قالدىم گاھى باش قېتىپ.
بىرى دېسە مېنى يىتىم يۆلەكسىز،
بىرى دېدى دىتسىز،پەمسىز،كېرەكسىز،
ئوغلۇڭ قەلبى قالدى نۇرسىز،بىزەكسىز،
كەلمىگەن كۈن كەلدى باشقا تاش ئېتىپ.
تەڭتۇشلىرىم «دادا» دېسە ئەركىلەپ،
دادىلىرى «ۋاي بالام»دا پەپىلەپ،
ئەمما مېنى «غېرىپلىق»لا پەتىلەپ،
ئۆتتى كۈنۈم كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىپ.
سەن كېتىپلا غۇلاپ چۈشتى تۈۋرۈكۈم،
سەن يوق تامان مۇزلاپ كەتتى يۈرىكىم،
چېچەك ئاچماس ياز كەلسىمۇ ئۆرۈكۈم،
كاج پەلەكمۇ مازاق قىلدى قاش ئېتىپ.
گېپىم ياقماس ھېچكىشىگە شۇ قەدەر،
سىردىشىم يوق ھال ئېيتقۇدەك جانجىگەر،
چۈشلىرىمگە كىرسەڭ دادا سەن ئەگەر،
كۈتەر ئىدىم «ياش»لىرىمدا «ئاش» ئېتىپ.
مەنبە: ئابلەت ئوسمان (شەيدا)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا (شەيدا) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-20 12:07 PM