مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2510|ئىنكاس: 14

مېنى كەچۈرۈڭلار ( ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1210 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 08:33:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   تۇرغۇن پەيزۇللا

مېنى كەچۈرۈڭلار

       ( ھېكايە )

ئۇنىڭ ئالا – تاغىل ئېيتقان ناخشا ئاۋازى بۈگۈن كېچىمۇ مەھەللىنىڭ جىمجىتلىقنى بۇزدى . بۇ مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭدىن ھوقۇشنىڭ ئاۋازىدەك يېقىمسىز ئاۋازدىن ، قاتىلنىڭكىدەك قورقۇنۇچلۇق كۆزلىرىدىن بىزار بولغانتى . لېكىن ... نىمە ئۈچۈنكى شۇنچە ياخشى ئادەملەرگە كىلىۋاتقان – بالا قازا ئۇنىڭدىن يىراقتا ، ئەزرائىلمۇ ئۇنىڭدىن قورققان چېغى ئۇنى كۆرەرگە كۆزى ، جېنىنى ئېلىشقا چولىسى يوق ئىدى . قىسقىسى ، ئۇ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى ياراتماي يۈرەتتى . ئۇرۇق – تۇققانلىرىغىمۇ ، خورۇن - باللىرىغىمۇ ئۇنىڭدىن زىرىككەندەك قىلاتتى . ئۇ تاپقان – تەرگىنىگە ئىچىپ ، چىكىپ ، كوچىلاردا مەست – ئەلەس يۈرۈپ ، قېرىنداشلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى خۇنىكلەشتۈرۋالغاندى ... ئۇ تارچۇققا بېسىلغان شاخلار دۆۋىسى ئىچىدىن سۇغۇرلۇپ چىقتى . كۆڭلى ئېلشىۋاتقان بولسا كېرەك قاتتىق بىر سىلكىندى . باش كۆزى توپا – تۇمان ، چىرايى تېخىمۇ قارداپ كەتكەن بولۇپ ، كۆزلىرى تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق كۆرنەتتى . ئۇنىڭ پۇتىدا ئاياق ، ئۇچىسىدا چاپان يوق ئىدى . << ھەجەپ ھوزۇرلىنىپ ئۇخلاپتىمىنا ، ئاخشام كىملەر بىلەن ئولتارغان بولغىتىم . بۇ قەيەردۇ ؟ كەيىپنىڭ لەزىتىگە دۇنيادىكى ھەر قانداق لەزەت يەتمەيدۇ . ئىچەلمەيدىغانلار بۇنداق لەزەتتىن بىر ئۆمۈر مەھرۇم ، شۇڭا ئىچىمەن بۇنى . قولۇمغا پۇل كىرسىلا تاغر – تاغار ئاشلىقى ، قوتان – قوتان كالىلىرى ، باغلام – باغلام پۇللىرى بارلارمۇ مەنچىلك بەخىتلىك ئەمەس ، مەنچىلىك ھوزۇرلىنالمايدۇ ... >> ئۇ شۇنداق خىياللارنى سۈرگۈنىچە يېزا مەرگىزىگە يولغا چىقتى .
   - ۋايجان !
ئۇ دەرھال پۇتىنى سىلىدى ، قوللىرى قىپقىزىل قانغا بويالدى . << ئايىقىم نەدىدۇ ، ھەي ، چاپىنىممۇ يوق تۇرىدۇ – يا ، >> ئۇ دەرھال كەينىگە يېنىپ بىر ھازا ماڭغاندىن كىيىن ، كېچىچە تۈنەپ چىققان تار كوچىدىكى شاخ دۆۋىسى يېنىغا كەلدى – دە ، باغلام – باغلام شاخلارنى ئۇياق – بۇياققا تاشلاشقا باشلىدى .
-ھوي ، ھوي ، سەن كىم ؟ نىمىش قىلۋاتىسە ن ؟
ئۇ چۈچۈپ ئارقىسىغا قارىدى – دە ، ئۈستىبېشىدىن نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان ئاق سېرىق كەلگەن كىشىگە گۈلەيدى .
- نىمە دەيسەن ؟
- نىمە قىلۋاتىسەن ، شاخلىرىمنى چۇۋۇپ ؟
ئايىقىمنى ، چاپىنىمنى تاپقىلى قوياۋا يالاڭتۆش .
- ئۇ نىمىللىرىڭ بۇ يەردە نىمىش قىلىدۇ ، كۆزۈمدىن يوقال مۇتەھەم .
- مىنى تونىمىدىڭمۇ ، مىنى كىتاپ ، گېزىت – ژۇرنال ئوقۇيدىغان ھەر قانداق ئادەم تونىيدۇ .
كۆزۈمدىن يوقىلاۋا ساراڭ ، ئالجۇقا سۆزلىمەي .
- ماۋۇ ئىلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان ئىشەكنىڭ مىنى ساراڭ دەۋاتقىنىنى ...
- شاخ ئىگىسىنىڭ ئاچچىقى ئەۋجىگە چاققان چېغى ، ھويلىسىغا كىرىپ كىتىپ بىر تۆمۈر ئارىنى ئېلىپ چىقتى – دە ، ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ۋاقىرىدى .
- دەرھال بۇ يەردىن يوقال ، بولمىسا كۆرگىلىكىڭنى كۆرسىتىمەن .
- كۆرگىلىكىمنى كۆرسىتىپ ، نىمەڭگە زىيان قىلدىم .
تۆمۈر ئارىنىڭ كاسىسىغا قاتتىق تېگىشى بىلەن تەق ئۇ دۇملاپ چۈشتى . ئاران تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ ، شاخ ئىگىسىنىڭ كۆزىگە راسا بىر قارۋالغاندىن كىيىن ، << خەپ ، قولۇمغا چۈشىسەنغۇ ئاخىر ئىككى پۇتۇڭنى بىر ئۆتۈككە تىقىۋەتمەيدىغان بولسام ئادەم بولمەي كېتەي >> دەپلا سەل ئاقساقلىغىنىچە تىكىۋەتتى .
ئۇ يول بويىدا بىردەم ئولتۇرۋالغاندىن كىيىن ، ئىنجىقلىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ، قاۋاققا تامان قەدەم يۆتكىدى .
- ئۇكام 200 گىرام قۇيە .
- تېخى سودا قىلمىدىم بىردەم تۇرۇپ كىرگىن .
قۇي دېگەندىكىن قۇي ، ھاراق خۇمارىم تۇتۇپ كەتتى . ھېلى بىكار دۇكىنىڭنى ئوڭتەي – توڭتەي قىلۋىتىپلا كۆرگۈلىكىنىڭنى كۆرسىتىمەن .
ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەمىلىگەن دۇكاندار ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلدى . ئۇ رۇمكىنى پۇكەي ئۈستىدە داققىدە قويدى – دە ، ئارقىسىغىمۇ قارماي دۇككاندىن چىقىپ كەتتى .
<< بۇ ئۇششۇق كۆكەرمىدىن قاچانمۇ ئالارمەن 535 يۈەن 50 فۇڭ پۇلۇمنى ، نىسىگە ھاراق بەرمەي دېسەم بۇ پۇلى يوق ، ھەي ... >> دەپ غۇدىرىدى دۇكاندار ئۇنىڭ ئارقىسىدىن غەزەپلىك نەزەردە قارىغىنىچە .
ھارق ئىچىدۇ دەيدۇ ،
تاماكا چىكىدۇ دەيدۇ .
ھەر كىم ھەر نىمە دەيدۇ ،
دەرد كەلمىگۈچە بىلمەيدۇ .
ئۇ يولنىڭ بويىدىكى يوغون بىر تۈپ تېرەككە تۆلىنىپ ئولتۇرغىنىچە بار ئاۋازىنى قويۇۋىتىپ ۋاقىراۋاتاتتى .
ئادەملەر ئۇنىڭغا نەپرەتلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇشۇپ ئۆتۈپ كېتىشەتتى ، ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئاغزىغا كەلگەن سۆزلەرنى يېقىمسىز ئاھاڭلارغا سېلىپ ۋاقىرايتتى .
ئۇ بىردىنلا سەكرەپ دېگەندەك ئورنىدىن تۇرۇپ ، ھېلىلا ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئۆزى دېمەتلىك بىر كىشىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يىتىپ بېرىپ گەدىنىگە قاتتىق بىرنى سالدى . ئۇ كىشى تۇيۇقسىز زەربىدىن يىقىلدى ، مەست ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىپ گېلىدىن كاپپىدە ئالدى .
- ئايىقىمنى بەر ، چاپىنىمنى قەيەرگە تىقىپ قويدۇڭ ، ئاخشام مىنى مەست قىلىپ قويۇپ ، يالىڭاچلىۋېتىپسىنا ، مىنى بىلمەيدۇ دېدىڭمۇ ؟
تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچىرىغان كىشى ھاراقنىڭ سېسىق پۇرىقىدىن دەرھال ئېسىنى يىغىپ ، ئۈستىدىكى مەستنى بىر كۈچەپلا ئاستىغا ئالدى – دە ، غەزەپ بىلەن دۇمبالاشقا باشلىدى .
- مىنى نىمە كۆرۋاتىسەن ھەزلەك ، ماز ...
- ۋايجان ... ئادەم ... بارمۇ ... مىنى قۇتقۇزۋېلىڭلار ... – ئۇ تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ ، قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ، دەلدەڭشىگىنىچە بىر تار كوچىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى .
<< يا خوتۇن – بالىلىرىغا قارىمىسا ، ئەر كىشى بولغاندىن كىيىن بارىنى يوق قىلىپ ، تاپقىننى بالا – ۋاقلىرى بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ دەرقەمتە يەپ ئۆزىنىڭ ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلسا نىمە دېگەن ياخشى بولاتتى – ھە ؟ ئۆيدە يىگۈدەك نەرسە بولمىغاچقا ئايالىمۇ يامانلاپ كەتتى ، كېلىنىم راست ئېيتىدۇ . ئوغلۇمنىڭ ئەقلى جايىدا بولمىسا قۇتقۇزۇش بەرگەن بىر خالتا ئۇننى بازار باھاسىدىن بەش يغەن تۆۋەن باھادا سېتىۋېتىپ ھاراق ئىچمەيتتى ... >> ئوغلىنىڭ ئالا – تاغىل ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلىشكە باشلىدى . ئىچ – ئىچىدىن ئېسەدەيتتى ، بوغىلاتتى ...
- ياسىناخۇن نەدىن كىلۋاتىسىلەر بۇ سەھەردە ؟ - سورىدى ئىمام ئاخۇنۇم ئۇنىڭدىن .
- نەدىن بولاتتى ئىمىن قارىكا ، دوستلار بىلەن كېچىچە ئولتارغان دەڭە ، ئون كىششتۇق بىز ئون قوينىڭ كاللىسىنى ئاپتۇق .
- قوي دېگىنىڭىز ھەقاچان ھېلىقى ئېشەك سۈدىكى قاچىلانغان شىشىدۇ ؟ يۇرتتىنمۇ ، ئانىڭىزدىنۇ دۇئا ئالدىڭىز ، ئوغول بالا بولغاندىكىن لەۋزىڭىزگە ئەمەل قىلسىڭىز بولاتتى .
ماڭ ، ماڭاۋا ، مەسىچىتىڭگە ، ماڭا نەسەھەت قىلمەن دېمەي ، ھېلى بىكار سەللەڭگە سېيىۋىتىمەن .
<< پوققا چالما ئاتسا يۈزگە چاچراپتۇ ، - دېگەن مانا مۇشۇدە >>
ئىمام ئەلىمىنى ئىچىگە يۇتۇپ ، شۇلارنى ئويلىغىنىچە مەسىچتكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
ئەزەن ئاۋازى ياڭراشقا باشلىدى .
- مەست بولۇپ قاپسەن ، ئاستا ئۆيۈڭگە كېتىۋال .
- سېنىڭ مەن بىلەن نىمە كارىڭ ، يوقۇلەۋا ! مەن نىمە قىلغۇم كەلسە قىلمەن ، مەن دېگەن بۇ يۇرتتىن چىققان يازغۇچى ، ھېلىقى مۇخبىرچىقىڭ ئۆمۈر بويى مەن يازغاننىڭ بىر سۆزىنىمۇ يازالمايدۇ ، مۇئەللىمچىقىڭ بولسا ھېلىقى بىر نىمىلەرنى يېزىپ يۈرىيدىغان مۇئەللىمچىقىڭچۇ ، ئابرويپەرەس ئۇنىڭدا ئۆمۈد بار ، ياق ، مەن بولسام داڭلىق يازغۇچى سەندەك گادايلارنىڭ تۆپىسىدە ئۇۋلايمەن .
ئۇ پۈتۈن ئەزايىنىڭ سىقىراپ ئاغرىشى بىلەن ئاستا كۆزىنى ئاچتى . ئۇ پوق – سۈيدۈك ئازگىلىدا ياتاتتى . ئەتراپ تاڭ قاراڭغۇسىغا چۈمگەندى . تەرەپ تەرەپتىن غورازلارنىڭ چىلىشى ئاڭلىناتتى ئۇ سېسىقچىلىق ئىچىدىن مىڭ تەسلىكتە سۇغۇرلۇپ چىقتى ، كۆڭلى قاتتىق ئېلشىۋاتاتتى . ئىچ – قارنى مۇجۇپ ئاغرىۋاتتى . ئىنجىقلىغىنىچە ئورنىدىن تۇردى – دە ، تۇيۇقسىز ئەقلىگە كىلىپ ئۆز – ئۆزىگە سۆزلەپ كەتتى .
<< مەن ئىككى بالىنىڭ دادىسىغۇ ، مەن ئاتىلىق بۇرچۇمنى قانچىلىك ئادا قىلدىم ، ئەرلىكىمنى ئادا قىلالىدىممۇ ؟ تۇل ئانامغا نىمە قىلىپ بەردىم ؟ مەنمۇ بىر ئەرككەقۇ ، ئۆز مەجبۇريىتىمنى قانچىلىك ئادا قىلدىم ؟ يېشىم 40 قا ئۇلاشقاندا ئۇرۇق – تۇققانلىرىم نەسەھەت قىلسا ئۇلار بىلەن جىدەللىشىپ ، مۇشتلىشىپ ، ھاراق ئىچىپ نىمە كەپتۇ ؟ تاپقان پۇلۇمغا ھاراق ئېلىپلا ئىچىپ ، ئايالىمغا ، بالىلىرىمغا قارىماپتىمەن ، مەنمۇ بىر ئەر بولدىممۇ ؟ مەنمۇ ئاتىمۇ ؟ بۇنىڭدىن كىيىن ھاراق ئىچىدىغان بولسام ئىشەك بولۇپ كېتەي ، ئۆلگەندە گرۇمدىن توڭگۇز قوپسۇن . مانا بۇ مىنڭ يۈرۈكۈمدىن ئېتىلىپ چىققان چىن سۆزۈم ، ھاياتلىق يولىدا ئازغانلار مەندىن ئىبرەت ئېلىڭلار ، ھاراق دېگەن بۇ نىجىسنى ئېغىزىڭلارغا ئالماڭلار ! مەن بەكمۇ كالۋا تۆرەلگەنمەن ، ئەقلىمنىمۇ تولا كېچىكىپ تاپتىم ، مەن بۇنىڭدىن كىيىن بارلىقىمنى ئانامغا ، ئايالىمغا ، باللىرىمغا بېغىشلايمەن ، يېزىقچىلىقمنى داۋاملاشتۇرىمەن ... جېنىم ئانا ، مىھرىبان خوتۇن – بالىلىرىم ، جان – جىگەر قېرىنداشلىرىم مىنى كۆچۈرۈڭلار ، مىنى چىن دېلىڭلاردىن كۆچۈرۈڭلار ، مەن سىللەردىن قايتا – قايتا ئۆتىنەي ، مىنى كۆچۈرۈڭلار ! چىن كۆڭلىڭلاردىن كەچۈرۋىتڭلار !! >> ئۇ شۇنداق سۆزلىگىنىچە مەھەلىنىڭ سىرتىدىكى ئۆستەڭگە قاراپ كېتىۋاتاتتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110734
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2014-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 10:49:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yahxikan!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110346
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2014-10-3
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 11:37:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزگىرشىڭىزگە زادى نىمە سەۋەپ بولدى  شۇ  يەرنى ئىنىق  يازسىڭىز بولاتتى

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12098
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3277 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 11:47:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111614
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2014-12-9
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 11:59:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپتۇ..!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92986
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 688
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 01:02:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ،ماڭا خۇددى ئاخىرى باردەكلا تۇيۇلدى....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109554
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 408
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 01:05:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز.

ساغلام تەندە ساپ ئەقىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108911
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 564
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2014-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 01:45:00 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايىدىكى نۇرغۇن جايلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىغا قالدۇرۇلۇپتۇ. قايىلمەن.

كۆيۈپ كۈل بولغۇچە ئۆچمەيمەن....

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10837
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2207 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 02:12:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق ئىچكەن ئادەملەر زادى ئاشۇنداق  ئەۋرەز كارىزىغا چۈشمىگىچە ھۇشىنى تاپمايدۇ........


ھېكايە ياخشى يېزىلىپتۇ.....


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106508
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 239
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 05:07:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز رەھمەت .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش