مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10912|ئىنكاس: 61

‹ بۇ ئائىلىگە قاراڭ › ناملىق تېلېۋىزىيە چاتما تىيارىتىنى ئىشلەشنىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84155
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 02:12:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان ‹ بۇ ئائىلىگە قاراڭ › ناملىق كۆپ قىسىملىق فىلىم كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى. مەزكۇر فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى شۇنداقلا بۇ فىلىمنى كىمنىڭ قانچىلىك مەبلەغ بىلەن ئىشلىگەنلىگى ھەققىدە بەس مۇنازىرە قىلىشتى، شۇ سەۋەپتىن بۇ فىلىم ھەققىدە كۆپچىلىككە ئازراق چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.

بۇ فىلىمنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇستەقىل مەبلەغ سېلىپ ئىشلىگەن بولۇپ، 1-بۆلۈمىگە 3 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان چوڭ ھەجىمدىكى فىلىم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

بۇ فىلىمنى ئىشلەش تەييارلىغى 2013-يىلى 8-ئايدىلا باشلانغان دىيىشكە بولىدۇ، بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە مەسئۇل بولغان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى رەھبەرلىرى مۇشۇنداق ئويىنىڭ بارلىغىنى ماڭا ئېيتقان، ئەمما تېخى قولغا چىققۇدەك سىنارىيە يوق ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن مەزكۇر فىلىمنىڭ باش سىنارىيە يازغۇچىسى ۋارىس ئابابەكرى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتۈم، چۈنكى مەن ۋارىس ئابابەكرى ئەپەندىنىڭ مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى يازغانلىغىنى ئىلگىرى ئاڭلىغان ئىدىم. ئىشنىڭ ئوڭ كەلگىنى شۇ بولدىكى ۋارىس ئابابەكرى ئەپەندى بىر يىل بۇرۇن مۇشۇ خىلدىكى سىنارىيىنى 5 قىسىم قىلىپ يېزىپ قويۇپتىكەن، 2013-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە   تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى رەھبەرلىرى ئەستايىدىل ئويلۇنۇشتىن كېيىن بۇ سىنارىيەنى (ئەسلى ئىسمى‹ شادىمان ئائىلە› دەپ ئېلىنغان) ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىشلەشنى قارار قىلىپ، بۇ فىلىمنىڭ سىنارىيىسىنى ۋارىس ئابابەكرى ئەپەندىنىڭ دەۋاملىق يېزىشىنى بېكىتتى.

سىنارىيە بېكىتىلگەندىن كېيىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى رەھبەرلىرى ئەتراپلىق تاللاشتىن كېيىن ئاخىرى مېنى بۇ فىلىمنىڭ باش رېژىسسورلىغىغا بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشنىڭ  تەييارلىغىغا كىرىشىپ كەتتىم. سىنارىست بىلەن ھىكايە قۇرۇلمىسى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھىكايە مەزمۇنى بويىچە خۇدىژنىك (گۈزەل-سەنئەت لاھىيىلىگۈچى ) بىلەن سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىنى بېكىتىش شۇنداقلا ئۆينى قانداق ياساش قاتارلىق بىرقاتار مەسىلىلەر ئىچىدە بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتۇق. (فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ياسالغان ئۆي ھازىر بۇزۇۋېتىلدى، بۇ ئۆينى ياساپ رەسمى پۇتكەنگە قەدەر 300مىڭ سومغا يېقىن پۇل كەتتى)

ئەمدى موھىم مەسىلە بولسا بۇ فىلىمدىكى پىرسۇناژلار ئوبرازىغا ماس كېلىدىغان ئارتىستلارنى بېكىتىش بولدى. بىر فىلىمدە ماس كەلگەن ئارتىستلارنى بېكىتىش ئىنتايىن قىيىن بىر ئىش بولۇپ، ئارتىستلارنى جايىدا تاللىمىغاندا فىلىم سۈپىتىگە بەلگىلىك تەسىر يېتىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئارتىستلارنى مەخپى كۆزەتتۇق، ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۇق، تاللاش ئارقىلىق ئاخىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئەر-خوتۇننىڭ رولىنى ئالغان ئىككى نەپەر ئارتىستنى تاللاپ چىقتۇق. بالىلارنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىستلارنى تاللاش ئىشى ئەڭ جاپالىق جەريان بولدى، مەن ۋە ئىككى نەپەر ياردەمچى رېژىسسور بىر ئاي ۋاقىت چىقىرىپ  بۇ ئۈچ نەپەر بالا ئارتىستنى مەكتەپمۇ-مەكتەپ ئىزدەپ يۈرۈپ يامان تەستە تاللاپ بېكىتتۇق. خۇدىژنىك، جابدۇقچى، كىيىمچىك ۋە چىراقچى قاتارلىق خىزمەتچىلەرمۇ ئىككى ئايدەك جىددى تەييەرلىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى 2014-يىلى 2-ئاينىڭ بېشىدا بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشنى رەسمى باشلىدۇق. 90 كۈندىن ئارتۇق جاپالىق ئىشلەپ ئاخىرى  2014-يىلى5- ئاينىڭ 6- كۈنى كېچىدە بۇ فىلىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سۈرەتكە ئېلىپ تاماملىدۇق. مونتاژ، ئاۋاز ياساش، مۇزىكا ئىشلەپ كىرىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئۈچۈن يەنە 3 ئايدەك ۋاقىت كەتتى، ئاخىرى  2014-يىلى11- ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ فىلىم تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شۇنداق قىلىپ فىلىمنى ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىش باسقۇچىدىن تارتىپ، سۈرەتكە ئېلىش ۋە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكىچە بولغان جەريانغا بىر يىلچە ۋاقىت كەتتى.

بۇ فىلىمنى دەسلەپتە 100 قىسىم ئىشلەش پىلانلانغان، يەنى ئىككى يىل ئىچىدە ئىشلەپ بولۇش. بۇ فىلىمنىڭ داۋامى بەلكىم 2015-يىللىرى سۈرەتكە ئېلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

مەن ئاخىرىدا مەزكۇر فىلىمنى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەپ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشقان ھەر بىر ئارتىست ۋە خادىملارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىغىمنى بىلدۈرىمەن.

مەن يەنە بۇ فىلىمنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان ۋە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى رەھبەرلىرىگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دادىل قەدىمىگە مۇبارەك! شەرەپلىك قەدەملەر توختاپ قالمىغاي!

تۆۋەندە بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە قاتناشقان بىر قىسىم خادىم ۋە ئارتىستلارنىڭ خاتىرە رەسىملىرى ۋە ۋىدىولىرىنى يوللاپ قويدۇم، پەردە ئارقىسىدىكى نامسىز چولپانلار بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىققايسىلەر.

ئاخىرىدا مەزكۇر فىلىمنى ياقتۇرۇپ كۆرگەن ۋە قولىغان بارلىق كۆرەرمەن دوستلارغا رەخمەت!




باش رېژىسسور ئەنۋەر تۇرسۇن ئۇيغار

باش سىنارىست ۋارىس ئابابەكرى
فىلىم مۇدىرى ھەسەنجان ھاشىم


خۇدىژنىك ئادىل مەخەت

ئىجرائىيە رېژىسسور ئېرشات شىرزات

ئابدۇكېرىم ئابلىز

خاسىيەت قۇربان

ئايگۈل ئابدۇللا

ئالىپتېكىن نۇرمۇھەممەت


ئىلفىرات ئەخمەت



ئوپېراتۇر  قۇربانئېلى تۇردى

ئوپېراتۇر نادىر مۇخلىس

جابدۇقچى ئىكرام ئىلھام

مەيدان خاتىرلىگۈچى گۈلىستان ئابدۇرېھىم

چىراقچى ئەكرەم ئەكبەر

كىيىمچىك پەرىدە مەمتىمىن ۋە گۈلشاتقىز مەمەتئېلى

گىرىمچىك ئۇلۇغزات رۇستەم

ئاۋاز ئالغۇچى جاۋ بىڭ

مىكروفون ھۇسەن مامۇت ۋە نىجات مۇختەر

ياردەمچى رېژىسسور تاھىر مەمەتئېلى ۋە ياردەمچى ئوپېراتۇر زوردۇن ئاۋۇت

ياردەمچى ئوپېراتۇر زوردۇن ئاۋۇت

ياردەمچى ئوپېراتۇر ئادىل ئابدۇراخمان

ياردەمچى جابدۇقچى ئەرافات ئەختەم

فىلىم مۇدىرى ياردەمچىسى مۇختەر سۇلتان


چىراقچى ئەكرەم ئەكبەر ۋە ئەلقەم ئەخەت
























بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 06:16 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105855
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 04:55:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر باش رولغا ئابدۇكېرىم ئابلىز چىقماي باشقا بىر ئارتىس چىققان بولسا كىنونىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بۇنچىلىك يۇقۇرى بولماس ئىدى.

بۇ كىنودا شۇ ئائىلىدىكى 3بالىنىڭ فىلىمگە چىقىش نىسبىتى كۆپرەك ئىكەن،،خېلى كۆپ كۆرۈنۈشلەر شۇ 3بالىنىڭ ئىشلىرى،،،،مىنىڭچە شۇ ئائىلىدىكى يەنە باشقا تەرەپلەرگىمۇ چېتىشلىق بولغان بولسا،،مەسلەن،خىزمەت.بۇۋا-مۇمىلارنىڭ ئەھۋالى خۇلۇم-خوشنىلار،قاتارلىقلار...... تېخىمۇ ياخشى بولارمىكىن دەيمەن.

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13265
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 05:24:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىلەر بولسا بىزنىڭ تارىخنى فىلىم قىلىپ ئىشلەپ ........

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

http://www.dolanlik.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7539
يازما سانى: 773
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11720
تۆھپە نۇمۇرى: 1085
توردا: 11506 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 05:24:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئەجرىڭلارغا بارىكاللا، بۇ فىلىم خەلقىمىزگە ئستىتىك زوق ئاتا قىلىپلا قالماستىن زور تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە فىلىم بۇلۇپ قالغۇسى.

كۈزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67548
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 05:26:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىلىمنى ئىشلەپ تارقىتىش ئۈچۈن جاپا چەككەن ھەربىر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ تىنىغا سالامەتلىك ، خاتىرجەملىك  بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز .  جاپا چەكتىڭلار!.......  سىلەرگە كۆپ رەھمەت  !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67548
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 05:30:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىلىمنى ئىشلەپ تارقىتىش ئۈچۈن جاپا چەككەن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ تىنىغا سالامەتلىك ، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز ........

ئاددىيلىقىمنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7197
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8620
تۆھپە نۇمۇرى: 397
توردا: 3182 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 05:31:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم تىما يوللىغۇچى ھارمىغايسىز ؟
بۇ كىنونى مەن ناھايىتى ياقتۇردۇم ،چۈنكى ئۆزىمىزگە شۇنداق يىقىن ،شۇنچە گۈزەل تىلدا ،شۇنچە تونۇش كىشىللىرىمىز شۇنداق تاتلىق باللىرىمىزنى تىلۋزۇردا كۆرگەن ھوزۇر دەششەت بىر ھوزۇر بولدىكەن .
ئائىلدىكى مىھىر -مۇھەببەتنى تويلار چايلار ئېلىپ كەتكىنى يوق يەنە مۇشۇنداق تالاي .ئىللىق ئائىىللەر بار تىخى

ئاددىيلىقىمنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7197
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8620
تۆھپە نۇمۇرى: 397
توردا: 3182 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 05:32:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم تىما يوللىغۇچى ھارمىغايسىز ؟
بۇ كىنونى مەن ناھايىتى ياقتۇردۇم ،چۈنكى ئۆزىمىزگە شۇنداق يىقىن ،شۇنچە گۈزەل تىلدا ،شۇنچە تونۇش كىشىللىرىمىز شۇنداق تاتلىق باللىرىمىزنى تىلۋزۇردا كۆرگەن ھوزۇر دەششەت بىر ھوزۇر بولدىكەن .
ئائىلدىكى مىھىر -مۇھەببەتنى تويلار چايلار ئېلىپ كەتكىنى يوق يەنە مۇشۇنداق تالاي .ئىللىق ئائىىللەر بار تىخى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67548
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 05:37:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىلەر .............   سىلەرگە كۆپ رەھمەت ، جاپا چەكتىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99209
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-11-3
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 05:54:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭلارغا بارىكاللا، بۇ فىلىم خەلقىمىزگە ئستىتىك زوق ئاتا قىلىپلا قالماستىن زور تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە فىلىم بۇلۇپ قالغۇسى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش