جەيلان .
يىـڭى ئــەزا
ھەممىمىزگە ئايانكى ، قىز - ئاياللار مىللەتنىڭ كەلگۈسى شۇنداقلا مىللەتنىڭ ئانىسى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ ، دېمىسىمۇ ئاياللار مىللەتنى پارلاق ئىستىقبالغا باشلاپ ماڭىدىغان ئۇلۇغ باشلامچى . ئەگەر قىز - ئاياللار كىچىكىدىن تارتىپ ياخشى بولغان ئائىلە تەربىيسى كۆرگەن بولسىلا . ئەگەر قىز - ئاياللىرى بالاغەت يېشىغا يەتكۈچە ، ھېچقانداق تەربىيە ئۇسۇلىنى ئىگەللىمىگەن بولسا بۇنداق مىللەتنىڭ گۈللىنىش ۋە تەرەققى قىلىشىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس . قىز بالا جسىمانى جەھەتلەردە ئوغۇللارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئاجىز كېلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىز بالىنىڭ مىجەز - خاراكتىرى ناھايتى نازۇك كېلىدىغان بۇلۇپ ، كىچىككىنە ئىشمۇ قىزلارنىڭ ئىددىيىسىگە ناھايتى تەسىر قىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن قىز بالىنىڭ تەلىم - تەربىيسى مۈشكۈل ئىش دەپ قارىلىدۇ . قىزلىق ۋاقىت ناھايتى قىسقا ۋاقىتتۇر ، بۈگۈن لاي قونچاق ئويناپ يۈرگەن قىزچاق ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئانا بولىدۇ ، بىر ئۆيگە باش بولىدۇ . شۇڭا تارىختا ئۆتكەن داڭلىق شەخسىلەر ‹‹ بۈگۈنكى قىز - ئەتىكى ئانا ، قىزنىڭ تەربىيسىگە سەل قارىغانلىق ، كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق ›› دەپ تولىمۇ توغرا ئېيىتقان . مۇبادا ئاتا - ئانىلار قىز بالا تەربىيسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ئائىلىسىدە ‹‹ ئائىلە مەكتىپى ›› نى بەرپا قىلالىسا ، ئۆزلىرىنىڭ جان - جىگەر قىزلىرى كەلگۈسىدىكى ئائىلىسىدە ئۇرۇندايدىغان ئائىلە ئىشلىرىنى پىششىق ئىگەللىيەلىسە ، ئائىلە ئىشلىرىغا پىششىق بۇلۇش بىلەن بىرگە پىداگوگىكا ، پىسخىكا بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولسا ، بۇنداق ئىلغار مەدەنىيەتلىك بولغان مىللەت تېزلا گۈللىنىدۇ .( مەسىلەن ئالايلۇق ، ياپون ، يەھۇدى ، نىمىس مىللىتىنىڭ ئاياللىرىغا ئوخشاش) شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئاتا - ئانا بولغۇچى قىز - ئاياللارنى تەربىيلىگەندە تۈۋەندىكىدەك ئۇسۇللارغا ئەھمىيەت بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك . 1. ئالدى بىلەن قىزلارنى ھايالىق ، ئىپپەت - نۇمۇسىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ، ئاتا - ئانا ، ئۇرۇق - تۇققان ھەم ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ،كۈيۈمچان قىلىپ تەربىيلەش . 2. كىچىكىدىن تارتىپ پاكىزلىققا ئادەتلەندۈرۈش . 3. ئائىلە ئىشلىرىنى پىششىق ئىگەللىتىش . 4. ئائىلە تەربىيسىنى تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك مىسال ۋە ھېكايەتلەر ئارقىلىق قىزلارنىڭ ئىددىيسىگە سىڭدۈرۈش ، ھەر قانداق ئىشتا سەۋىرچان ۋە قانائەتچان بۇلۇشقا ئۈندەش ، مۇلايىم ، ئىللىق چىراي ، شېرىن سۆزلۈك ، ئەدەبلىك قىلىپ تەربىيلەش كېرەك . قىسقىسى ، تەلىم - تەربىيە خۇددى بىر تال چىۋىققا ئوخشايدۇ ، ناۋادا چىۋىق كۆك ۋاقتىدا قاياققا ئەگسە شۇ ياققا ئېگىلىدۇ . بىراق ئۇ قۇرۇپ قالغان ھامان تونۇرغا تۇتۇرۇق بولىدۇ ، خالاس . شۇنىڭ ئۈچۈن ياش ئاتا - ئانىلار كىتابخانىلاردا كۆپلەپ سېتىۋېلىۋاتقان ئاتا - ئانىلار ئوقۇشلۇقى يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنى سېتىۋېلىپ كۆپرەك ئوقۇش ئارقىلىق پەرزەنىتلىرىنى شۇ بويىچە تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . شۇنداقلا بالىلارنى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ، توغرا ئۇسۇلدا تەربىيلەشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . ھەرگىزمۇ بالىلارنىڭ رايىغا باقماسلىق ، قىزلارنى ھەددىدىن زىيادە ئەركە ئۆگەتمەسلىك كېرەك . بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە ئەركە ئۆگىتىش - بالىلارنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىغا ، تۇرمۇشىغا زىيانكەشلىك قىلغان بىلەن باراۋەر . بالىلارنى توغرا ئۇسۇلدا تەربىيلەيلى ، بۇلۇپمۇ قىزلارنىڭ تەربىيسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەيلى . ‹‹قىزلار قانچە نادان بولسا شۇنچە ئەخلاقلىق بولىدۇ ›› دېگەن قاراشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق ، ئەكسىچە قىزلار قانچە بىلىملىك بولسا شۇنچە ئەخلاقلىق ، ئىلغار پىكىرلىك بولىدۇ . قەدىردان دتورداشلار ، مەيلى ئايال كىشى بۇلۇڭ ۋە ياكى ئەر كىشى بۇلۇڭ ، ئەتراپىڭىزدىكى قىزلارنىڭ تەربىيسىگە مەسئۇل بولىشىڭىز كېرەك . ھەرگىزمۇ قىزلارنىڭ ئەخلاق مەسىلىسىگە قارىتا كارى بولماسلىق پوزىتسىيسىدە بولماسلىقىڭىز زۆرۈر ، چۈنكى قىز - ئاياللار ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدى ھەم پەخىرى . قىزلارنىڭ نامىغا يەتكەن داغ ئەلۋەتتە بىزگىمۇ يۇقىدۇ .
پاش قىلىش
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا
نېمىلەرنى ئويلا
مەستانە ئـــەزا
wahpa يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 11:35 PM قارسام مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بولۇپسىز،سىزگە قېرىنداش ...
دائىملىق ئــەزا
ئاكتىپ ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ