 |
 |
 |
 |
ئۈرۈمچى خاتىرلىرى سىدىقجان غوپۇر (1) ئۇنىڭ قوللىرى تىنىمسىز تىتىرەپ تۇراتتى. ئۇ بۈگۈن بىر كۈنلۈك سودسىدىن تاپقان پارچە پۇللارنى رەتلەۋاتاتتى. سۇغۇقتىن كاچكولدەك تىتىرەۋاتقان لەۋلىرىدە بىر خىل مەمنۇنلۇق ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. ھەممە يەر سوغۇق ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ قەلبى ھامان ئىللىق بىر تۇيغۇغا چىلىنىپ، ھاياتقا قاراپ كۈلۈمسىرەيتى. ئۇ كىچىككىنە سومكىسىدا ئېشىپ قالغان بىرقانچە قەغەزلىرىنى ساناپ ئاستا يەنە سومكىسىغا سېلىپ قويدى. سائەت ئاللىقاچان ئوندىن ئاشقان ئىدى. ئۈرۈمچىنىڭ يوپيۇرۇق كوچىلىرىدا ئۇ كېچىنىڭ ۋەھىمىسىدىن ئەمەسبەلكى ئەتىدىكى سودىسىنىڭ غىمىنى يەپ كېتىپ باراتتى. ئۇ ئەمدىلا ئون بىر ياشقاكىرگەن ئىدى. مەكتەپ قوينىدىن ئاجىراپ سودا يولىنى تاللىغان بۇ قەغەز سېتىۋاتقان بالىنىڭ قەلبىدىكى بۈيۈك ئارمانلىرى بەلكىم ئۇنى جىقىراق پۇل تېپىشقا ئۈندەۋاتقاندۇ؟ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ئۈمىد خۇددى ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى تامان يورىتىپتۇرىۋاتقان كوچا چىرىغىدەك يۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ھارغىن قەدەملىرىنى ئېلىپ، مېھر تولغان ئۆيىگە قاراپ كېتىپ باراتتى. ئۇ چوقۇم ئۆزىگە ۋەدە بەردى. «مەن چوقۇم مەكتەپكە قايتىپ بارىمەن، ئاز قالدى...» ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئارمانلىرى ئەتىدىكى گۈزەل ئىستەكلەرنى قۇچاقلاپ تېخىمۇ يورۇق بىر مەنزىل ئۈچۈن ئۇزاپ بارماقتا ئىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چوقان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-18 06:33 PM
|
 |
 |
 |
 |
|