ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار
بۈگۈن كەچ يەنى 2014-يىل 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7:30 دا شىنجاڭ تېلىۋېزىيسىنىڭ 5-قانىلىدا روھلان ۋە مىسرانىم مۇنبىرىمىزدە ئۆزگىچە
ھېكايە ۋە نەسرى ئەسەرلىرىنى تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنۇپ كېلىۋاتقان، روھلان مۇنبىرىمىزنىڭ باشقۇرغۇچىسى، پەخىرلىك ئەزاسى Hiristal (قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن) خانىم بىلەن «دۇنيا مېھرى مۇھاببەت بىلەن گۈزەل» دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت پىروگراممىسى قۇيۇلىدۇ.
بۇ پىروگرامما 2014-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، بۈگۈن تۇنجى قېتىم قۇيۇلىدىكەن.
بۇ پىروگرامىنىڭ تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولۇپ چوقۇم كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدۇ، شۇڭا ئۆز ئارا
خەۋەرلەندۈرۈپ، ۋاقتىدا كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئەگەر تېلىۋۇزۇردا كۆرۈشكە زادىلا شارائىتىڭلار يار بەرمىسە روھلان تورىمىزنىڭ تور
تېلىۋىزىيە قانىلى
http://www.rohlan.com/tv دا 5-يۈرۈش قانالنى ئېچىپ كۆرسەڭلارمۇ بولىدۇ.
تېلىۋۇزۇر ۋە توردا نەق ۋاقتىدا كۆرەلمىگەنلەر ئۈچۈن بىز ئامال قىلىپ بۇ پىروگراممىنى تور بېكىتىمىزدە كۆرەلەيدىغان قىلىپ يوللاپ قۇيۇشىمىزمۇ مۇمكىن.
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن (Hiristal) خانىمنىڭ
بارلىق تېمىلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈشكەبولىدۇ.