مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1988|ئىنكاس: 18

ئالى مەكتەپ ۋە دادا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104545
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 12:22:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بازار ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ ئادەملەر بىلەن لىق تولۇق ، ئاۋاتلىشىپ كەتكەن ئىدى ، بېشىغا كىرلىشىپ كەتكەن ، ھېچ بىر كەيگىچىلكى يوق تۇماق ، قولدا تىكىلگەن پاختىلىق چاپان ، شۇنىڭغا ياندىشىپ نەچچە يىرىگە ياماق چۈشكەن ئۆيدە تىكىلگەن پاختىلىق ئىشتان ، پۇتىدا بولسا ئانچە يېڭىمۇ ئەمەس ، ھەم ھازىرقى زاماندا ھېچكىم كىيمەيدىغان ، كىگىز دەپسە ، ئېغىر قەدەملەر بىلەن يەلكىسىگە ئارتىۋالغان بۇغداينى ئاستا - ئاستا مېڭىپ ئاشلىق بازىرغا ئىلىكپ كىردى ، بىرسى ئېغىز ئاچتى ،
ئاكا بۇغداينى ساتاملا ؟
ھەئە ئۇكام ، ساتاي دەپ ئەكەلگەن ئىدىم .
ھە ، بولىدۇ مەن ئىپ قالاي ، بۇ تاراشىغا قويسىلا ،
ھە مانا پۇل 229كويلۇق كەپتۇ ، خالتىنى قالسۇن دىسلە 230كوي بېرەي
ھە بولىدۇ ئۇكام
بوۋاي پۇلنى ئالغاندىن كىيىن نىملەرنىدۇر خىيال قىلغاندىن كىيىن تىز تىز قەدەملەر بىلەن ئاشخانا تەرەپكە ماڭدى ، لىكىن ئاشخانا ئالدىغا كىلىپ بىر ھازا قاراپ تۇرۋىتىپ ، ئاغزىغا كەلگەن سېرىق سۇنى گۇرتتىدە يۇتىۋىتىپ  ، بانكا تەرەپكە ماڭدى ،  بۈگۈن بۇ يەردە بازار كۈنى بولغاچقىمۇ بانكىدا خېلى ئادەم بار ئىدى ، تەخمىنەن يېرىم سائەتلەر ئەترەپىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ نۆۋىتى كەلگەندە ، يانچۇقىدىن بىر كىرلىشىپ كەتكەن قول ياغلىقتىن  بىر قەغەز بىلەن 300يۈەن پۇلنى بايا ئاشلىق ساتقان پۇلغا قوشۇپ ، مۇلازىمەتچى قىزغا تەڭلىدى ، مۇشۇ نۇمۇرغا سالامسىز ئاكا ؟
ھەئە سېڭلىم ، قىزىم ئالى مەكتەپتە ئىدى قىش كىرىپ قىلۋاتىدۇ شۇڭا ،
ئۆتكەن ھەپتە تېخى 500كوي سالغان ئىدلە ، يەنە …
ھەئە ، ئەمدى ئالى مەكتەپتە بولغاندىكىن بويۇن قىسىپ قالمىسۇن دەيمەن سېڭلىم ،
مۇلازىمەتۋى قىز بىر نىملەرنى ئويلىغاندەك بولدى دە ، ئالدىدىكى كونۇپكا تاختىسىنى بىر نەرسىلەرنى تىز تىز بېسىپ ، بوۋايغا بىر تالۇننى تەڭلىدى ، بولدى ئاكام 530كوي كەتتى قىزىڭىزغا .
رەھمەت سېڭلىم .
بوۋاي چىقىپ ئامۋۋىي تېلېفۇن بوتكىسىغا كەلدى ھەم ، يانچۇقىدىن كونا بىر تېلفۇن خاتىرە دەپتەرنى چىقىرىپ بىر نۇمۇرغا ئۇرۇپ بېرىشنى ئېيتتى
دۇۇۇۇۇۇۇت - دۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇت  ئۇزاق شۇنداق قىلغاندىن كىيىن ئالىدىغان ئادەم يوق دىگەن ئاۋاز كەلدى
بوۋاي يەنە بىر ئۇرۇپ بىرىشنى ئېيتتى ، دۇۇۇۇۇۇۇت ،
كارۋات ئۈستىدە Samsung ماركىلىق ئەقلى ئىقتىدارلىق بىر تېلېفۇن سايراۋاتاتتى ، ئەينەك ئالدىدا بىر قىز ئۆزىنى ياسىماقتا ، داڭلىق ماركىلىق گەرىم بويۇملىرى ، ئۇچىسىغا كەيگەن كىيىملىرى بولسا تاس قالغان ئىدى كۆكسى كۆرۈنۈپ قالغىلى ، كىيگەن يوپكىسىمۇ شۇنداق تار ھەم قىسقا ، مانا مەن دەپلا يوتىسى ئېچىۋىلىپ قالغان ئىدى ،
قىز غودۇرغىنچە كىمدۇ بۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ ئەتىگەندە تېلفۇن قىلغان دەپ تەستە بېرىپ ، قوپاللا ۋەي دەپلا ئالدى ،
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئايشەمگۈل قىشىم ، بۇ مەن قانداق ئەھۋالىڭ ؟ ياخشى تۇرۋاتامسە ؟
ھەەەە دادا سەنمىتىڭ ، مەن ياخشى ئەنسىرمە ،
سېنى سېغىنىپ بالام شۇڭا بۈگۈن بازاغا كەلگەن ساڭا تېلفۇن ئېلشىم ،
ھەەە ، مەنمۇ سىنى سېغىندىم دادا (ئاران تەستە ئېيتقان ئىدى)
بوۋاي كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا جىم تۇرغاندىن كىيىن ، ھە راس بالام ئوقۇشىو قانداقراق ؟
ياخشى دادا ، سىنىپ بويىنچە ئالدىدا مېڭۋاتىمەن ، ھە راس دەرىسكە چىقىدىغان ۋاقتىم بوپ قاپتۇ كېيىن كۆرشەيلى ھە ،
ماقۇل قىزىم ، ئۆزۈڭنى ئاسرا  ، ۋاقتىدا تاماق يە ، ياخشى تاماق يە ،
ۋاي ۋۇي دادا ماقۇل ، ئۇششاق گەپنى بەك تولا كىلدىكەنسە مەن ئالدىراۋاتسام . قويۋەتتىم ھە كىچكىپ قالمەن بولمىسا .
ماقۇل قىزىم بايا بانكىغا باغان ساڭا پۇل سېلۋەتتىم لازىم بولسا يەنە دىگىن ھە ؟ ئاللاھقا ئامانەت
ماقۇل دادا ، خوش ئەمسە ، قويۋەتتىم .
بوۋاينىڭ كۆزى ياش يۇقى ئۆيگە يول ئالدى .
قىز ئاساسەن تەييار بولغان ئىدى تېلفۇندىن بىر نۇمۇرنى تېپىپ ئۇردى ،
ھە ئاداش بۈگۈن ئۆزۈم مىھمان قىلىمەن ، ھېلقى يېڭى ئېچىلغان رىستۇرانغا بارايلى ھە ، چاتاق يوق ، ھە بولىدۇ ئەمسە شۇ يەردە كۆرىشەيلى ،
سوغۇققا قارىماي كىيۋالغان كىيمىدىن ئۆرگىلەي ، ئۈچ قىز  تەڭلا ئالى  رىستۇراننىڭ ئالدىدا پەيدا بولىشتى ، ھەممىسى ئاساسەن  شۇنداق ئاتالمىش مودا كىينىۋالغان ئىدى ،
بىر باشتىن تاماقلا چىقىشقا باشىدى ، بىردەم كۈلكە چاقچاقلار بىلەن ئۈستەلدىكى تاماقلار يىيىلگگندىن كېيىن قەيەگە بېرىش توغۇرلۇق مەسلىھەت قىلىشتى ،
ئاخىرى دىسكو خانىغا بېرىشنى لايىق تاپتى ،
بىزنىڭ قانچە پۇل بولدى ؟ تاماقلار ئاساسەن شۇ پىتى ئىششىپ قالغان ئىدى
486كوي بوپتۇ ، قىپ قالغان تاماقلارنى خالتىغا ئېلىپ بىرەيمۇ ؟
ياق بولدى ، مانا پۇل ، ئارتۇقىنى قايتۇرماڭ .
500كوينى شۇنداق مەردلەرچە بىرۋىتىپ چىقىپ كەتتى .
بوۋاي بولسا بۇ ۋغقىتتا ئۆزى يالغۇز ، قاتتىق ناننى چايغا چىلاپ يەپ ، قىزنىڭ 10يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئانسىنىڭ ئويلاپ ، كۆزى قاراڭغۇلاشتى ، قىسقىسى بوۋاي ئايالىنى بەك سېغىنغان ئىدى
قىز بولسا ئاپتۇماتلىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن بايا بوۋاي سالغان پۇلنى ئىلىپ چىقتى دە ئۇدۇل دىسكو خانىغا يۈرۈپ كەتتى ،
كېچە سائەت 2دىن ئاشقاندا قىزلار ئاساسەن مەس بولغان ھالدا بۇ يەردبن دەلدەڭشىپ چىقتى ، ھەم ئارقىدىن قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئۈچ ئەر چىقىپ كەلدى ، ئۇلار قىزلارغا ئەگىشىپ ماڭدى ، بۇ كەچتە مەكتەپكە كىرگىلى بولمايدۇ دە ، يەنە كىلىپ مەس ، ئۇلار ياتاققا مىڭىشتى ئۈچ ئەرمۇ ئەگەشتى ، بىر ئالى مىھمانخانىغا ئالتەيلەن كىردى ، ئاردىن بىر ئەر چىقىپ ئۈچ ئۆي ئاچقۇزدى ، قىزلار ھېچ نىمنى سەزمىگۈدەك مەس بولمىسىمۇ لىكىن جىملا تۇراتتى ، ئارقىدىن بىرى ئۇلاتغا مىنرال سۇ تەڭلىدى بۇنى ئىچىۋېلىڭلا ، ئۇلار چاڭقىغان ئىدى ، راھەت بىلەن ئىچۋالدى ،  قىز ئانىسى بىلەن دادىسىنى كۆردى ئۇلار قىزغا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى ، لىكىن ئاستا - ئاستا يىراقلىشىپ كىتۋاتاتتى ،
قىز ئانا  ـ دادا دىگەنچە ۋارقىراشقا باشلىدى ھەم كۆزىنى تەستە ئاچتى ، قانداقتۇر بىر ئاغرىق بىلىنىڭ ئاستىدا پۈتۈن بەدىننى قاپلىغان بىر ئاغرىقنى سەزدى ، ئۇ تۇرۇپلا قالدى ، قىز ئاپئاق كارۋات ئۈستىدە ئانسىدىن تۇغما ھالەتتە ياتاتتى ، ئىپبتىدىن  ئايرىلغان ئىدى ، قىزلىق ئىپپىدىنلا ئەمەس كەلگۈسى ئېرىنىڭ ئامانىتىدىن ، ئەڭ چوڭ بايلىقىدىن مۇشۇنداقلا ئايرىلغان ئىدى .  نىمىش بولغىننى ئويلاپمۇ ئەسكە ئالالمىدى ، شۇ تەرىقىدە قىزغا تىلفۇن كەلدى ، بىر تونۇشراق ئاۋاز ئىدى .
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىزىم ، مەن قوشنىڭىز بولىمەن ، كېچىدىن دادىڭىز  … شۇ گەپنى ئاڭلاپ قىتتىپ قالغان ئادەمدەكلا تۇرۇپ قالدى ،
ۋەي قىزىم ، ۋەي ،
ھە مەن با ، دادىڭىز سىزگە خەت قالدۇرۇپتۇ ئۆيدە قەغەز قەلەم بولمىغاچقا تامغا يىزىپ قالدۇرۇپتۇ ، ئەتىگەندىن تېلفۇنىڭىز ئۇلانمىدى شۇڭا مەلىدىكى جامائەتلەن نامىزىنى چۈشۈرۈپ دەپنە قىلىپ كەلدى ، سىزگە ئەمدى خەۋەر قىلشىم ، خەتنى ئوقۇپ بىرەيمۇ قىزىم ؟ ماقۇلە ،
قىزىم مەن ئاناڭنى بەك سېغىنىپ كەتتىم ، بۇنداق قىلسام سەن يالغۇز قالارسەنمۇ ؟ لىكىن مەن ئامالسىزمەن ، ئاناڭنى كۆرگۈم كەلدى  ، يۈرۈكۈم بەك مۇزلاپ كىتۋاتىدۇ قىزى، ، يۈزۈڭنى كۆرەممەيدىغان ئوخشايمەن ، سىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم ، ئۆزۈڭنى ئاسىرا ، مەكتەپتە ياخشى ئوقىشىن جېنىم قىزىم . نەسپىم يىتىشمەيۋاتىدۇ ، سېنى سېغىنىپ كەتتىم قىزىم ، ئانىڭنىمۇ سېغىنىپ كەتتىم قىزىم . ئەمدى ئۇخلاي قىزىم ، سەنمۇ بالدۇراق ئۇخلىغىن ، سىنى سۆيۈپ داداڭدىن .
قىز يىغلىغىنچە تۇرۇپلا قالدى ، تېلفۇندىن بولسا سەۋىر قىلىڭ قىزىم دىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى .
قىز بارچە ئاۋازىنى قويۇپ بىرىپ يىغلاۋاتاتتى ، دادىسى ئۈچۈنمۇ ؟ ياكى  كىيىنكى دادىسىدىن كىلىدىغان پۇل ئۈچۈنمۇ ؟ ياكى ئىپپىتى ئۈچۈنمۇ ؟ قىزنىڭ چىرايىدىن ھېچ نەرسىنى بىلگىلى بولمايتى . تامام ،
مەنبە ئۆزۈم .

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10403
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 03:11:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ خۇدا   ھەممىگە   .ۆزەڭ  بار   

شاھزاد

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10403
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 03:12:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىم   بوپ  كىت  بارىدۇ  بۇ   بىزنىڭ مىللىتىمىز   
اللە   ھەركىم بولسا كۆڭلىگە   ئىنساپ بەرسۇن

شاھزاد

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10403
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 03:12:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇلار ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ  مۇشۇ  بىلىمنى  ئۈگىنەمدىغاندۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   axek13999649893 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 03:15 PM  


شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102722
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 146
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2014-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 03:13:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ بىچارە دادا.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 922
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 03:18:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىڭىزنى شۇنداق ياخشى يېزىپسىز،بىر ئاتىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى،يۈرىكىنڭ پارىسى بولغان قىزى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى ۋە قىزنىڭ ئاتالمىش مودىنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى شۇنداق ياخشى تەسىۋىرلەپسىز. بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

ئادەم  ئىمانى بىلەن نۇرلۇق ، ئەخلاقى بىلەن  گۈزەلدۇر  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1866
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 934 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 03:45:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز.

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 04:49:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ خۇدا... ئۆزۈڭ   ئامانلىق، ھېدايەت بەرگىن.

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 712
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 05:04:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87258
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 853
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2012-11-15
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 05:13:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز،لىكىن يىزىپ بولغاندىن كىيىن قايتا ئوقۇپ ئىملانى تۇزۇتۇپ يوللىغايسىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش