چۈنكى ئۇ ئويلايدۇ بالام بەختى دەپ

يىمەيدۇ ھەم ئىچمەيدۇ سىنى باقىمەن دەپ›
گەر يىقىلساڭ يۆلەيدۇ ئارقاڭدىن تىرەپ.
ھەم يانماس يۇل بېسىپ سەن ئۈچۈن قاتراپ،
چۈنكى ئۇ ئويلايدۇ بالام بەختى دەپ.

تىلەيدۇ ئاللاھدىن ھەركۈن بەختىڭنى،
بىلسىكەن دەيدۇ سىنى توغرا تەۋھىدنى.
تاپسىكەن دىمەيدۇ ھەرگىز كۆپ پۇلنى،
چۈنكى ئۇ ئويلايدۇ قەبرە سورىقىڭنى.

چوڭ قىلدى سېنى بېقىپ قوشتى قاتارغا،
سەن بىلۋېلىپ ئازراق گەپ سۈز ياندىڭ ئاتاڭغا.
ئويلاپ باققىن چۈشۈپ كەتسەڭ تۇرمۇشتا ھاڭغا،
چىقالامسەن تايانماي ئاتا- ئاناڭغا.

ئىسلامدا تۇتقان ئەسلى يۇل نىمە؟
تۇتتى ئۇ مال دۇنيانى سەۋەبى نىمە؟
سەنچىلىك بىلمەسمۇ شاھادەت نىمە؟
ئالدىراپ ئىمانى زەئىپكەن دىمە.

ئويلامسەن ئىمانىم مىنىڭ مۇستەھكەم ،.
تۇتۇپ باقە ئسلامنى ئۇندۇنمۇ مەھكەم..
ئۇلارنىڭ قەلبىدىكىنى بىلىدىغىنىڭ بەك كەم ،
ئۇلارنى ئەيىپلەشكە نىمە ھەددىڭ ئۇكەم.

ئاغزىغا ئاپارسا بىر لوقما تائام ،
ئۇيلايدۇ دەرھاللا ئامراقتى بالام .
يادىدىن كوتۈرىلەر زىكرۇللا كالام،
سەن يوق يىگەن گۆشى رىزىنكە تامان .

ئەكەپ باققىن ئالدىغا بىرەر تال ئالما ،
ھەقىقى بەرگۈچى سەن ئەمەس ئاللاھ.
رەھمەت دەيدۇ رەببىگە ئەمەس ساڭا شۇ ئانا ،
خۇشاللىقتىن ئۇنتۇپتىغۇ رەببىنى توۋۋا......
ئەمگىكىمىزگە ھۈرمەت قىلىڭ !
ئاپتۇرى -------ئەلەمدارنىڭ قەلىمى