مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2184|ئىنكاس: 14

باي بولغىڭىز بولسا تۆۋەندىكى ئادەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جەيلان .

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102546
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-13 05:27:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باي بولغىڭىز بولسا تۆۋەندىكى ئادەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ

«بايلارنىڭ ئادەتلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى تام كورېي ئىلگىرى توردا مۇنداق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، نامراتلاردا بايلاردا بار بولغان نۇرغۇن ئادەتلەر يوق ئىكەن. ياپونىيە تور بېكىتى يېقىندا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ بىر خەۋىرىگە ئاساسەن بايلار ۋە نامراتلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئوخشاش بولمىغان يەتتە ئادىتىنى كونكرىت تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. سىزمۇ ئۆزىڭىزدە بۇنداق ئادەت بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، سىزنىڭ بەزى ئادەتلىرىڭىز سىزنى ياكى باي قىلىۋىتىدۇ ياكى نامرات قىلىۋىتىدۇ.
1. كۈندە ئەخلەت يېمەكلىك يەيدىغان ئادىتىڭىز بارمۇ؟
كورېيەنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، %70 بايلار كۈندە 300 كالورىيەگە يەتمەيدىغان ئەخلەت يېمەكلىك يەيدىكەن، ئەمما %97 تىن ئارتۇق نامرات كىشىلەر بولسا كۈندە 300 كالورىيەدىن ئارتۇق ئەخلەت يېمەكلىك يەيدىكەن.
2. كاللىڭىزغا كەلگەننى دەمسىز ياكى كاللىڭىزغا كەلگەننى قىلامسىز؟
69% نامرات كىشىلەر كاللىسىغا بىرەر ئىش كەلگەن ھامان ئۇنى دەۋېتىدىكەن، بۇنداق ئادەت پەقەت %11.6 باي ئادەملەردە بولۇپ، نامراتلارنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىغىمۇ يەتمەيدىكەن.




3. ئۆزىڭىزگە نىشان بېكىتتىڭىزمۇ؟
80% بايلار ئۆزىگە نىشان بىكىتىدىكەن ۋە پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ بۇ ئىشنى قىلىدىكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئۆزىگە نىشان بېكىتىدىغان نامراتلار پەقەت %12 ئىكەن. ئۆز نىشانىنى قەغەزگە يېزىپ قويىدىغان بايلار بولسا نامراتلاردىن تۆت ھەسسە كۆپ ئىكەن.
4. ھەر ھەپتىدە قانچىلىك ۋاقىت ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىسىز؟
ھەر ھەپتىدە تۆت كۈن ھەرىكەت قىلىشقا چىڭ تۇرىدىغان بايلار %76 بولۇپ،نامراتلار پەقەت %23 ئىكەن. تەن سالامەتلىك ئىنقىلابنىڭ ئاساسى، ساغلام بەدەن بولمىغاندا ئىشلىگۈدەك غەيرەت ۋە روھ نېمىش قىلسۇن؟! ھەرىكەت ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىكەن.
5. ئۆزىڭىزنىڭ خىزمىتى، قىزىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ئوقۇمسىز؟
88% بايلار بىر كۈندە ئاز دېگەندە يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال كۆرىدىغان بولۇپ، پەقەت %2نامراتلار بۇنداق قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، بايلار بالىلىرىغا بىر قىسىم كىتابلارنى ئوقۇپ بېرىدىغان بولۇپ، نامراتلارنىڭ ئارىسىدا بۇنداق قىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىكەن.
6. مومىڭىزغا تېلېفون قىلىپ «تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن» دەمسىز؟
80% بايلار مومىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ «تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن» دەيدىكەن، پەقەت %11 نامراتلارنىڭ بۇنداق ئادىتى بار ئىكەن. ياپونىيەلىكلەرنىڭ مۇنداق بىر ماقال-تەمسىلى بار: «بىرەر ئىشنى بىكارچىلارغا قارىغاندا ئالدىراش كىشىلەرگە ئىشىنىپ ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ». ھەقىقەتەنمۇ ئالدىراش كىشىلەر ھەرقانداق ئىشنى ئەتراپلىق ئويلايدىغان بولۇپ، ئىشقا پىششىق.
7. دائىم تېلېۋىزور كۆرەمسىز؟
تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىدا بايلار بىلەن نامراتلار ئارىسىدىكى پەرق ئىنتايىن زور. بايلارنىڭ ھەركۈنى تېلېۋېزور كۆرىدىغان ۋاقتى بىر سائەتكىمۇ يەتمەيدىغانلىرى %67 بولۇپ، ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىلىرىنى كۆرىدىغانلار بولسا %6 كىمۇ يەتمەيدۇ. ئەمما نامراتلار ئارىسىدا %78 ئادەم ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىلىرىنى كۆرىدىكەن.

بايلار ۋە نامراتلارنىڭ ئادەتلىرى ئارىسىدىكى پەرقنى كۆرگەندىن كېيىن، نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟ ئامېرىكىلىق داڭلىق ئوبزورچى داۋىد دونالد ئىلگىرىنامرات ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، كېيىن بېيىپ كەتكەن كىشىلەرگە مۇنداق باھا بەرگەن: «ئۇلار ئاغرىنىپلا يۈرمەيدۇ، يەنە كېلىپ بايلاردىن ئۆگىنىدۇ». ئەگەر سىزنىڭمۇ باي بولغىڭىز كەلسە، ئۇنداقتا سىزمۇ بايلاردىن ئۆگىنىڭ، ئىشنى تۇنجى ئادەتنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاڭ.

مەنبە: نۇر خەۋەر تورى
مەنبە: ئىلقوت كارخانىچىلار تورى




جەيلان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111433
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-13 08:02:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاساسى بار

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10843
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-13 08:51:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاساسى بار..........  


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4976
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1120 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 01:25:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلاشقا تېگىشلىك تېمىكەن .........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81380
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2012-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 02:50:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باي بۇلۇپ دەككە دۈككىدە يۈرگەندىن نامرات بۇلۇپ كېرىلىپ ئۇخلىغان ئەۋزەل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81718
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4164
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 384 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 02:12:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2012yadikar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 02:50 AM
باي بۇلۇپ دەككە دۈككىدە يۈرگەندىن نامرات بۇلۇپ كېرىلى ...

سىز بۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ، نامىراتلىق ھەرخىل سەۋەبلەردىن بولىدۇ، كاللىسىدىن كەتمىگەنلا بولسا ئاشۇ نامىرت كىشلەرنىڭ غېمى باينىڭ غېمىدىن نەچچە يۇز ھەسسە ئارتۇق .
نامىراتلىقىنى تەشەببۇس قىلىش نامىراتلىقىنىڭ ئەڭ يامىنى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆلەڭگە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-14 02:13 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81718
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4164
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 384 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 02:15:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ،نىشان بېكىتىش ھەممىدىن مۇھىم دەپ ئويلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81380
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2012-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 02:23:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆلەڭگە يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 02:12 PM
سىز بۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ، نامىراتلىق ھەرخىل سەۋەب ...

غەم قايغۇ ھەممە ئادەمدە بار لىكىن بايلارنامراتلاغا قارىغاندا خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ ،يەنەشۇ پۇلۇم يوقاپ كىتەمۇ دەپ ،ئۆلۈپ قالسام پۇلۇم خەقنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ كېتەمۇ دەپ ،مەن تۇنۇيدىغان بايلارنىڭ كۆپىنىچىسنىڭ ئاجىراشقننى كۈرىمەن ،شۇنىڭغا قارىغاندا نورمال تۇرمۇش ھەممدىن ئەۋزەلمىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 02:25:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىكەن.  بۇنى مەن ئىلگىرى ئىلقۇت تورىدا كۆرگەن ئىدىم.

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81718
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4164
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 384 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 02:45:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2012yadikar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 02:23 PM
غەم قايغۇ ھەممە ئادەمدە بار لىكىن بايلارنامراتلاغا ق ...

باشتا توغرا ئىپادىلىيەلمەپسىز، نورمال تۇرمۇش بىلەن نامىراتلىقنىڭ پەرقى زور.
ئادەمگە ئەتىراپتىكى مۇھىت بەكرەك تەسىر قىلىدۇ، ھەمىمىز تىرىشايلى ، كېينىكى پوشايمەن ئۆزىگە دۈشمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش