| 
 قـار ياقـقــان كـۈنـى كـەلـمـىـدىـڭ *         *         *  
قار ياققان بىر كۈن،كىلىمەن دېدىڭ، ياغماقتا قارلارمۇ ئەمما كەلمىدىڭ. قارايمەن يولۇڭغا،قارايمەن تىنماي. نە ئىلاج قالدىممەن كەلمگەچ خەۋەرىڭ. *         *         *  
سوغ شامال سۆيمەكتە يۈزۈمنى بىر پەس، ئىزدەيمەن ھىدىڭنى قايتا-قايتدىن، ئاھ،نىتەي كۈتىمەن قاچانغىچە يار، ئۇنتۇلۇپ كەتتىمۇ يۈرەك قىتىڭدىن. *         *         *  
قار ياققان بۇ كۈن كەتمەكتە ئۇزاپ، ئېيتىلپ بولغان ئاشىق كۈيىدەك. ئولتۇرۇپ قانمايمەن قارنىڭ ئۈستىدە، خۇددى سەن ئۇ ياقتا قارنى سۆيگەندەك. *         *         * -شاتئاي- 2014-12-11  بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاتئاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-13 02:14 PM   
 
  |