گىتلىر نىمە ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا ئۆچ
يەﻫۇدىيلارنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكى ﻫەم ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شۇنچەقىرغىنچىلىققا ۋە خورلۇققا ئۇچراپ تۇرسىمۇ يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى زادى نېمىدىن دېەك بېرىدۇ ؟ يەﻫۇدىيلار زادى قانداق مىللەت ؟ يەﻫۇدىيلارنىڭ دۇنيادىكى تارىخ ئىزلىرى ﻫەم ئۇلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىل - پاراسىتىنىڭ سىرى .... يەﻫۇديلارغا ئائىتماتىرىياللارنى كۆرسەكلا جاۋاب تاپالايمىز . بۈگۈن بىز بۇ يەردە يەﻫۇديلارنى بىلىشتىن ئاۋۋال ` گىتلېرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يەزۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشىنىڭسىرلىرى ﻫەققىدەتوختىلىپ ئۆتۈپ ، كېيىنچە يەﻫۇديلار ئۈستىدە توختالساقمۇ ئۈلگۈرىدىغاندەكقىلىمىز .
گىتلېرنىڭ يەﻫۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل ﻫالدا تارىخشۇناسلارنىڭ تالاش - تارتىش قىلىدىغانتېمىسى بولۇپ كەلمەكتە .
بەزىلەر : گىتلېرنىڭ بوۋىسى يەﻫۇدىي بولۇشى مۈمكىن ، گىتلېرنىڭ دادىسى بوۋىسىنىڭ ئايال خىزمەتچىسىدىن تاپقان ﻫارامدىن بولغانبالىسى ، شۇنىڭ ئۈچۈن گىتلېر چارەك يەﻫۇدىي قان سېستىمىسىغا كىرىدۇ . گىتلېر ئۆزىنىڭكېلىپ چىقىشىدىن نەپرەتلەنگەچكە ، يەﻫۇدىيلارغا نەپرەتلەنگەن ~ دەپ قارايدۇ .
بەزىلەر : گىتلېر ئىلگىرى سېرىق چاچ قىزغا كۆيۈپ قالغان ، كېيىن ياش بىر يەﻫۇدىي بۇ قىزنى تارتىۋالغان ، گىتلېر شۇنىڭ ئۈچۈن يەﻫۇدىيلارغا نەپرەتلەنگەن ، دېيىشىدۇ .
يەنە بەزىلەر ، گىتلېرنىڭ ئىلگىرى يەﻫۇدىي پاﻫىشە ئايال بىلەن مۇناﻫىۋېتى بولغان ، گىتلېر ئۇ ئايالدىن جىنسىي كېسەليۇقتۇرۇۋېلىپ ، بىر ئۆمۈر جىنسىي مۇناسىۋەتئۆتكۈزەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ، شۇڭا گىتلېر يەﻫۇدىيلارغا نەپرەتلىنىدۇ دەپ قارايدۇ
يەنە بەزىلەر ، گىتلېرنىڭ يەﻫۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭسەۋەبى ئۇنىڭدا << پىسخىلوگىيىلىك غەيرىينورمال ﻫالەت >> نىڭ ئېنىق بولمىغان خورلاش ۋەقىرغىن قىلىش ئىستىكى بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ .
يەنە بەزىلەر ، گىتلېرنىڭ يەﻫۇدىيلارغاقارشى تۇرۇشى بىر << جىنسىي كۈندەشلىك >> تىن بولۇشى مۈمكىن دەپ قارايدۇ . چۈنكى << مېنىڭ كۈرەشلىرىم >> ناملىقكىتابىدا : << نەچچە مىڭلىغانقىزلارنى يىرگىنچلىك ئىچ مايماق يەﻫۇدىي شالغۇتلىرى ئازدۇرۇپ يۈرىدۇ >> دەپ يازغان . بۇ گىتلېرنىڭ بىر خىل << جىنسىي كۈندەشلىك >> پىسخىكىسىنىچۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ، دەپ قارايدۇ .
بۇ توغرىلىق قاراشلار يۇقۇرقىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ . لېكىنكۆپىنچىسىنى ئۆز سۆزىنى يورغىلاتقان قاراشلاردېگىلى بولمىسىمۇ ، لېكىنن گۇمانلىق تەرەپلىرى بار . ئەگەربىز گىتلېرنى ئىنچىكە تەﻫلىل قىلىدىغان بولساق ، ئۇنىڭ يەﻫۇدىيلارنى ئۆچ كۆرۈشىنىڭ ﻫەقىقىي سەۋەبىنى كۆرۈۋېلىشىمىز تەس ئەمەس . ئۇنداق بولساتۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ ......
بىرىنچى ، دىنىي خاﻫىش ۋە ئىرىقچىلىق گىتلېرنىڭ يەﻫۇدىيلارغا قارشى ئىدىيىسىنىڭ ئاساسى .
گىتلېر ۋېنادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە ، نۇرغۇن دىنىي كىتابلارنى ئوقۇغان . ئۇ چېمبېرلىننىڭ : ئىسا يەﻫۇدىي ئەمەس ، يەﻫۇدىيلار ئىساغا ساتقىنلىق قىلغان يەﻫۇدىيلارنىڭ پۇشتى ، شۇڭلاشقا يەﻫۇدىيلار گۇناﻫكار مىللەت ، دېگەن سەپسەتىگە ئىشىنەتتى . پۈتۈن دۇنياخاراكتېرلىك يەﻫۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرىمۇ كۆپىنچە مۇشۇنىڭدىنكېلىپ چىققان .
گىتلېرنىڭ << مېنىڭ كۈرەشلىرىم >> ناملىقكىتابىدىن مۇنبەرگە يوللاشقا ۋەدە قىلغان ئىدىم ~ ئەمدى بۇ كىتابتىكى يەﻫۇدىيلارغا مۇناسىۋەتلىك ﻫەم گىتلېرنىڭ يەﻫۇدىيلار ﻫەققىدە توختالغان مۇنۇ قۇرلىرىغا دىققەت قىلىڭ :
<< بارلىق مەدىنىيەتلەر ئاق تەنلىكلەردىنباشلانغان . >>
<< ئارىيانلار بولسا ئاق تەنلىكلەرئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل ئىرق .>>
<< يەﻫۇدىيلار باشتىن - ئاخىر باشقا مىللەتلەرنىڭ بەدىنىدىكى پارازىت قۇرۇتلار .... ئۇلار زىيانلىق تاياقچە باكتىرىيىگە ئوخشاش كېڭەيمەكتە ، ئۇلارقەيەردە بولسا ، شۇ يەردەئولتۇرۇشلۇق ئائىلىلەر ﻫامىنى بىر كۈنى نابۇت بولىدۇ . >> شۇنىڭ ئۈچۈن ، يەﻫۇدىيلار " جەزمەن يەر شارىدىن يوقىلىشى كېرەك " >> .
<< بارلىق ئورگانىك ﻫاياتلىقلارنىڭ ئەركىن رىقابىتىدە ئەلالىرى يېڭىپ ، ناچارلىرى شاللىنىپ كېتىدۇ ، ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر يەيدۇ ، بۇ تەبىئەتپىرىنسىپى ۋە پولاتتەك قانۇنىيەت ... >>
<< يەﻫۇدىيلار پەس مىللەت >>
.........
دېمەك ، گىتلېر << مېنىڭ كۈرەشلىرىم >> دېگەن كىتابىدا سۈرلۈك تۈس ئالغان " ياشاش ماكانى نەزىرىيىسى " ۋە " ئىرقىي ئەۋزەللىك نەزىرىيىسى " نى زوركۈچ بىلەن تەرغىپ قىلىپ ، " يەﻫۇدىيلارغا ، دېمىكىراتىيىگە ۋە ماركىسىزمغابولغان قاتتىق ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارىلىغان . دەل مۇشۇ كىتابنىڭ ئىدىيىۋى يېتەكچىلىكىدە ، گىرمانىيە ئۇرۇشپەرەسلىك ۋە يەﻫۇدىيلارنى قىرغىن قىلىش يولىغان ماڭغان .
گەپتىن گەپ چىقىپ قالدى بۇ يەردە ، ئۆتكەندەمۇنبەردىكىلەرگە گىتلېرنىڭ بۇ كىتاۋىنىڭئەينى ۋاقدىدىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىپ بارغانلىقىنى دېگەنئىدۇق . ئەمدى بۇ كىتابنى نېمە ئۈچۈن باشقىلار ئەكسىيەتچىل كىتاب دېيىشىدۇ؟ مۇشۇنىڭ جاۋابىمۇ مېنىڭچە ناﻫايىتى ئاددىي . تارىخچىلارنىڭ سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا ، << مېنىڭ كۈرەشلىرىم >> دېگەن كىتاب 1933 - يىلىدىن 2 - دۇنيائۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ، ناتسىسىت گېرمانىيىسىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىۋالغان ، بۇ كىتابنىڭ ﻫەر بىر خېتى 125 مىڭ ئادەمنىڭ ؛ ﻫەر بىر بابى 1 مىليون 200 مىڭ ئادەمنىڭجېنىغا زامىن بولغان !!
شۇڭلاشقا ، يەﻫىۇدىيلار گىتلېرنىڭ بۇ كىتاۋىنى << ئەكسىيەتچىل كىتاب >> دەپئاتاشىدۇ . گىتلېرنىڭ زوڭتۇقلۇققاسايلىنىپ يەﻫۇدىيلارغائايرىم بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنى ، ئۇلارنىئەزگەنلىكىنى بىز گىتلېر ﻫەققىدىكى كىنو ۋەقەلىكلىرىدىمۇ كۆرگەن . بولۇپمۇ گىتلېرنىكۆرگەندە گىېرمانىيىكلەرنىڭ << خايلگىتلېر >> دەپ ، ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ ~ توۋلاشلىرىغا مەن بەك قىزىقاتتىم ..... گىتلېر شۇنچە ﻫۆرمەتكە سازاۋەرمىدۇ ؟ ياكى ..؟ دەپ . دېمەك، مانا بىز بۇيەردە گىتلېرنىڭ يەنە بىر قىسىممەخپىيەتلىكلىرىنىمۇ بايقايمىز . بۇ كېيىنكى قېتىملىق مۇلاﻫىزىگە قالدۇرۇلۇپ تۇرسۇن ... (ئايچىۋەر) ئۆز گېپىمىزغا كېلەيلى .
ئىككىنچى ، ماركىسىزمغاقارشى تۇرۇش -- گىتلېرنىڭ يەﻫۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىدىكى سىياسىي سەۋەب .
ماركىسىزمنىڭ سىنىپىي كۈرەش نەزىرىيىسى ئىرىقچىلىقنىتەلتۆكۈس ئىنكار قىلىدۇ ، شۇڭلاشقا گىتلېرماركىسىزمنى دەﻫشەتلىك بالايىئاپەت دەپ قارايدۇ . << مېنىڭ كۈرەشلىرىم >> ناملىقكىتابىدا ، گىتلېر : << يەﻫۇدىيلار ماركىسىزمتەلىماتىدىن پايدىلىنىپ ، " گىېرمانىيىنىڭ روﻫىي دۇنياسىنى زەﻫەرلىمەكتە " ؛ ئۇلار مىللەتنى سىنىپقا ئايرىۋەتتى ، ماركىسىزملىق سىياسىيپارتىيىلەرنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىكونترول قىلىش ئۈچۈن سىنىپىي كۈرەش بىلەن شۇغۇللاندى ، " مىللىي ئىگىلىككە بۇزغۇنچىلىق سالدى ﻫەم ﻫەمكارلىقئۇيۇشمىلىرى ، بىلىم ساﻫەلىرىنى كونترول قىلىپ ، ئىنتېرناتسىئونالىزمنى ، تىنچلىقپەرەسلىكنى ، ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلدى " شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئەگەر "ماركىسىزم تازىلانمىسا " ، گېرمانىيە قايتىدىن باش كۆتۈرەلمەيدۇ ~ دەپ قارىغان .
مېنىڭ كۈرەشلىرىم دە يەنە مۇنداقمۇ يېزىلغان : << يەﻫۇدىيلار كۈرىشىنىڭ ئاخىرقى نىشانى --- ئىقتىسادىي جەﻫەتتە دۇنيانى قۇل قىلىپلاقالماي ، سىياسىي جەﻫەتتىمۇ دۇنيانى قۇل قىلىشتىن ئىبارەت . يەﻫۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ماركىسىزملىق نەزەرىيىسىگە تايىنىپدۇنيانى ، ﻫەرقايسىئەل خەلقلىرىنى يەڭگەن ۋاقىتتا ، ئۇلارنىڭ خان تاجى ئىنسانىيەت ﻫالاكىتىنىڭ كرېستى بولىدۇ .... >>
قىزىق ئىش ، نېمىگە ئۆچ بولساڭ كۆزۈڭگە كۆرۈنىدىغىنىمۇ شۇ دېگەندەك ، گىتلېر ئىككى نەرسىگە ئۆچ بولغان . بىرى يەﻫۇدىي يەنە بىرى ، ماركىسىزم . ئەمىلىيەتتەبۇ ئىككىسى بىرلىشىپ قالغان . ماركىسمۇ يەﻫۇدىي بولۇپلا قالماي بەلكى ئۇنىڭنۇرغۇن ئىنقىلابچىلىرىمۇ يەﻫۇدى . سوۋېت ئىتتىپاقى بولسېۋىكلار پارتىيىسى ئىنقىلابىي ﻫاكىمىيەت قۇرغاندا ، بۇنىڭئىچىدىكى كۆپ رەﻫبەرلەر يەﻫۇدىي ئىدى . ...... ئىشقىلىپ خېلى نوپۇسلۇقئورۇن ۋە كاتىۋاشلار ئىچىدە چوقۇم يەﻫۇدىي بار بولۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا ~ گىتلېر << ماركىسىزمنى يوقۇتۇشتىن ئاۋۋال يەﻫۇدىيلارنى يوقۇتۇش كېرەك ! >> دېگەن .
ئۈچىنچى ، ئىگىلىكنى<< ئارىيانلاشتۇرۇش >> ۋە ﻫەربىيلەشتۈرۈش گىتلېرنىڭ يەﻫۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ ئىقتىسادىيسەۋەبى بولغان .
XIX ئەسىردىن بۇيان ، كاپىتالىستىك ئىگىلىكنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، يەﻫۇدىي سودىگەرلىرى كاپىتالىزمنىڭ ۋەكىلى بولۇپقالدى . يەﻫۇدىيلارياۋروپانىڭ ئاخبارات ، داۋالاش ، پۇل - مۇئامىلە ، قانۇن ۋە مائارىپ ساﻫەسىنى دېگۈدەك مونوپۇل قىلىۋالغانىدى . بۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتلاردا ناتسىست پارتىيىسىنى قوللايدىغان مونوپۇل بۇرژۇازىيە يەﻫۇدىي سودىگەرلىرىگە ئىنتايىن نەپرەتلەنگەن ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىمەكچى بولغان . گىتلېر ئۆزىنىڭ تەختكە چىقىشى ئۈچۈن زور تۆﻫپە قوشقان بۇ ئوتتۇرا بۇرژۇازىيە سىنىپىنىڭمەنپەئەتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ، تەبىئىي ﻫالدا يەﻫۇدىيلارنىچەتكە قېقىش سىياسەتلىرىنى قوللانغان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەﻫۇدىيلارنىڭ مال - مۈلكىنى زوردەرىجىدە تالان - تاراج قىلىپ ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا زومىگەر بولۇش ئۇرۇشى قىلىش قارا نىيىتى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئاساس سالماقچى بولغان .
گىتلېر << مېنىڭ كۈرەشلىرىم >> ناملىقكىتابىدا ، يەﻫۇدىيلارنىڭ "گۇناﻫى" نى مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن : << يەﻫۇدىيلار خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كاپىتالىنى ئىگىلىۋالدى ،ئۇلار " قانخور يەﻫۇدىيلار" ۋە " سودا ئورۇنلىرىدىكى بۇلاڭچىلار" ، " يەﻫۇدىيلارگېرمان ئىمپېرىيىسىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلىشقا ئەڭ زور قۇتراتقۇلۇققىلغۇچىلار. گېرمانىيىگە قارىتىلغان ﻫۇجۇملارنى پەيدا قىلغۇچىلار ~ دەل دۇنيادىكىيەﻫۇدىيلار . >>
يۇقۇرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، گىتلېر ئىقتىسادنى << ئارىيانلاشتۇرۇش >> ﻫەرىكىتىنى قوزغاپ ، يەﻫۇدىيلارنىڭ مال - مۈلكىنى زور دەرىجىدە تالان - تاراج قىلغان . گىرمانىيىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆﻫپە قوشقان روتسچلىد ، ۋېينماس مالىيە گۇرۇﻫىمۇ مال - مۈلكىمۇ تالان - تاراج قىلىنىشتىنئىبارەت << ئارىيانلاشتۇرۇش >> نىڭ تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان . پەقەت 1938 - يىلى 11 - ئايدىكى " خرۇستال كېچىسى" دە يەﻫۇدىيلار بىر مىلياردماركتىن ئايرىلىپ قالغان . بۇ 1938 - يىللىق گېرمانىيە خام چوتىدىكى يىللىق مىللىي دارامەتنىڭ 82 دىن بىرىگە توغرا كەلگەن .
ئۇنىڭدىن باشقا ، گىتلېر گېرمانىيىنىڭئەتراپىدىكى كىچىك دۆلەتلەردىن ئىسپانىيە ، ۋېنگىرىيە ، ئاۋىسترىيە ، پولشا ۋە رومىنىيە قاتارلىقلارنىمۇ كونترول قىلىش ئۈچۈن ، ياۋروپا بىرلىككەكەلگەن يەﻫۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش فرونتىنى قۇرۇپ چىققان . بۇ ، گىتلېرنىڭ يەﻫۇدىيلارغاقارشى تۇرۇشىنىڭ خەلقئارالىقسەۋەبى . ئۇنىڭ قارىشىچە ، يەﻫۇدىيلار گېرمانلارنىڭ رىقابەتچىسى ، ياۋروپاغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا زومىگەر بولۇش ئۈچۈن ، يەﻫۇدىيلارنى تەلتۆكۈسيوقۇتۇش كېرەك . شۇنىڭ بىلەن گىتلېر پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدىنىيىتى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ بىر مەيدان تىراگىدىيىسىگە رېژىسسورلۇق قىلغان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا intizar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-12 10:51 PM