 |
 |
 |
 |
ياپونلار راستىنلا يۇقىرى ساپالىق، باشقا قەۋىملەرگە ئۈلگە بولالايدىغان ساپالىق مىللەت.
ياپۇنىيەدە ئۇزۇنراق تۇرۇپ قالسىڭىز كۆنۈپ قالىدىغان ئادەتلەر؛
1.ئىشىكنى قۇلۇپلاششنى دائىم ئۇنتۇپ قالىسىز ، ئىسىڭىزگە كەلسىمۇ پەرۋا قىلىپ كەتمەيسىز .
2.ساقچىلار ئەزەلدىن سۈرلۈك ئەمەس
3.ساختا پۇلدىن ئەنسىرىمەيسىز ، ساختا پۇلنى تەكشۈرۈش ئاپراتىمۇ يوق .
4.ۋەلسىپىتتىن چۈشۈپ ئىش بىجىرگەندە ، ياكى تاللا بازارلىرىغا كىرىپلا چىقىدىغان ۋاقىتتا ، قۇلۇپلىمايسىز ، سىۋەتتىكى نەرسىلەرنىمۇ ئىلىۋىلىش ھاجەتسىز .
5.ئۇسساپ كەتسىڭىز قەيەردە سۇ جۈمىكى كۆرسىڭىز ، بىۋاستە ئىچسىڭىز بولىدۇ.
6.نەرسە سىتىۋىلىپ ، ئاشقان پۇلنى قايتۇرغاندا سانىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
7.ناتونۇش ئادەم ئۇچرىسىمۇ ، كۈلۈمسىرەپ ئەھۋال سورايسىز.
8.سىتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ھەتتا خاتىرە كومپيوتىر قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ .
9.يىشىل چىراغ يانغاندا يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە قاراپمۇ قويماي< كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ماڭسىڭىزمۇ بولىدۇ> ماڭىسىز.
10.ئۆيگە كىرىپلا يالاڭئاياغ ماڭىسىز ، ھەممە ئۆيلەر پول .
11. ئىشىك چىكىلگەندە كىملىكىنى سورىمايلا ئىشىكنى ئاچىسىز .
12. سەل <دۆتلىشىپ>قالىسىز ، ئەخلەتنىمۇ خالىغان ۋاقىتتا تۆكەلمەيسىز، <<ئەخلەت تۆكۈشتىن بۇرۇن چىسلاغا قاراپ ، تۈرى بويىچە تۆكىدۇ.>>
13.تاماقنى كۆپ يەيدىغان بولۇپ قالىسىز ، گۆشكە بۇرۇنقىدەك ئامراق بولمايسىز.
14.قانۇنسىز نەشىردىكى نەرسىلەرنى تاپالمايسىز . < ئەسلى بار ، لىكىن تىپىش بەك تەس ، تاپسىڭىزمۇ ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەس >
15. سىرىتتىكى ئاشخانىلارغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيسىز . بىزىلىشى ئادەتتىكىچە ، تاماق تۈرى كۆپ ئەمەس < بىزلەر ئۇنداق ئەمەس ، ئۇيغۇر تامىقىغا نىمە يەتسۇن >
16.سىرىتقا چىقسىڭىز كۈنلۈكنى ياندىن ئايرىمايسىز، ئۆيگە كەلسىڭىز ، ئىشىكنىڭ سىرتىغىلا قويۇپ قويىسىز .
17.سەي سىتىۋالغاندا ئىلغاپ يۈرمەيسىز ، قولغا چىققىنىنى ئىلىپلا ماڭىسىز .
18.نەرسە سىتىۋالغاندا باھا تالاشمايسىز .< ئاساسەن مۇقىم باھا >
19.سىرىتتىكى سودا ساراي دۇككانلارنىڭ ھەممىسى ئىلىكتىرونلۇق ئىشىك ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىچىشى ھاجەتسىز . <چوڭ شەھەرلەردە ئاساسەن شۇنداق ، كىچىك شەھەرلەردە ئاز >
20. سۇمى ما سېن <كەچۈرۈڭ ، دەخلى قىلدىم > دىگەن سۆزنى ئاغزىڭىزدىن چۈشۈرمەيدىغان بولۇپ قالىسىز.
21.ئۇرۇشۇش دىگەن نىمە ؟ مۇشلۇشۇش دىگەنچۇ ؟
22.سىرتقا چىقسىڭىز قەغەز <تەر ئىيتىدىغان ، تازلىق ئۆيىگە كىرىپ قالسام لازىم بولىدۇ دەپ > ئىلىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
23.دائىم ئىككى پورتمال ئىلىپ يۈرىيسىز . بىرى پۈتۈن پۇل سالىدىغان <قەغەز پۇل > ،يەنە بىرى پارچە پۇل سالىدىغان <تەڭگە پۇل >.
24.كىچىك بالىڭىزنى ھارۋىغا سىلىپ ماڭغاندا ، پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشۈشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ھەممىلا يەردە مەخسۇس لىفىت بار.
25.ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا ئىشىنىدىغان بولىسىز ، سائەت 2 گىچە يامغۇر ياغىدۇ دىگەن بولسا ، 3 بىلەن سىرتقا چىقسىڭىز كۈنلۈك ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .< توغرىلىق دەرجىسى بەك يۇقىرى >
26. ئىغىرلىقىنى ئۆلچەپ قويۇپ ساتىدىغان نەرسىنى قايتا تارازىغا سىلىپ باقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ،گرامغىچە توغرا .
27. دىڭىز مەھسۇلاتلىرى ، گۆشتىن ئەرزان .
28.قالايمىقان تاماكا قالدۇقى تاشلايدىغان ، قالايمىقان تۈكىرىدىغان ئىشنى يىرگىنىشلىك ئىش دەپ قارايدىغان بولىسىز .
29.خاتا گەپ قىلىپ قالسىڭىز ، ياكى ئۆلچەملىك سۆزلىيەلمىسىڭىز ھىچكىم كۈلمەيدۇ .
30.ئويۇنچۇق ساتىدىغان دۇككاندا سىتىۋالمىسىڭىزمۇ قانچىلىك ۋاقىت سىناپ ئوينىسىڭىزمۇ بىرسى سىزگە سوغۇق كۆزى بىلەن قارىمايدۇ.
31.ھەممە كوچىلار پاكىز ،رەتلىك . ھەيران قالغۇچىلىكى يوق .
32.يول بويىغا قويۇلغان ئاممىۋى تىلفۇن ، ئىلىكتىرونلۇق مال سىتىش ماشىنىسىنىڭ ھەممىسى نۇرمال ئىشلەيدۇ .
33.ياپۇندا <<ئەرزان مالنىڭ شورپىسى يوق >> دىگەن گەپ يوق . يۈز يۈەنلىك دۇككان <ئەرزان ماللار دۇككىنى .تەخمىنەن 5.2يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ>دىكى ماللار ھەقىقەتەنمۇ ياخشى .
34.باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتقان ماللار راستىنلا ئىتىبار باھادا سىتىلىدۇ .
35. تىلىۋىزوردا بىرىلگەن ھەرخىل ھادىسىلەردىكى يارلىنىش ، ئۆلۈم-يىتىم خەۋەرلىرىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالىسىز .
36.ئىش بىجىرگەندە بىرەر ئىشتىن خاتالىق يۈزبەرسە، ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالارلىق ئىش .
37.يىمەكلىكلەرنىڭ تازلىقىدىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ .<تەركىبىدە قانداق ماتىياللار بار ، ھەممىنى تولۇق يازىدۇ . ئارتۇق ياكى كەم يىزىلىپ قالمايدۇ >
38.سائەتكە قاراپ پويىز ساقلايدىغان بولىسىز . ۋەقە ياكى تەبىي ئاپەت سەۋەبىدىن سىرت ،پويىزنىڭ كىچىكىپ قىلىشى ئاز ئۇچرايدۇ.
39.قىرى بوۋاي-مومايلارمۇ دائىم روھلۇق يۈرىيدۇ.
40.سىز كۆرگەن ئىلان بىلەن مەھسۇلات ئوخشاش .
41.تىلفۇندا سۆزلەشكەندىمۇ ئىختىيارسىز باش لىڭىشىتىپ جاۋاپ بىرىسىز .
42.پويىزدا قىستاڭ ، ئادەم كۆپ ۋاقىتتا ، بىكەتكە كىرگەندە ، ئىشىك ئالدىدىكى ئادەم ئۆزلىكىدىن چۈشۈپ ، ئارقى تەرەپتىكى چۈشىدىغانلارغا يول بىرىدۇ ، چۈشىدىغان ئاخىرقى ئادەم تۈگىمىگىچە ، ھىچكىم قىستىلىپ چىقمايدۇ.
43.لىفىتقا چىقسىڭىز ، كونۇپكا يىنىدىكى ئادەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ، قايسى قەۋەتكە چىقىدىغىنىڭىزنى سوراپ ، كونۇپكىنى بىسىپ بىرىدۇ.
44.ماشىنا ھەيدىگەنلەر ئەزەلدىن سىگنال بەرمەيدۇ.
45.سىرتمىسى يوق سومكىلارنىمۇ خالىغانچە قويۇپ قويىۋىرىدۇ .
46.ئىنگىلىسچە سۆزلىگەندە بىلىپ-بىلمەي ياپۇن تەلەپپۇزىدىكى ئىنگىلىسچە سۆزلەرنى ئىشلىتىپ سالىسىز.
47.ئىلىكتىرونلۇق پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشكەندە ھەممە ئادەم بىرلا تەرەپتە تۇرىدۇ ، يەنە بىرتەرەپ بولسا ئالدىرايدىغانلارنىڭ مىڭىشى ئۈچۈن بوش قويۇپ قويىلىدۇ . توكيودا سول تەرەپتە ، كيوتو ، ئوساكا تەرەپلەردە ئوڭ تەرەپتە تۇرىدۇ .
48.كىرەكسىز قەغەز ، كىچىك ئەخلەتلەرنى سومكىڭىزغا سىلىپ ، ئۆيىڭىزگە بىرىپ ،ئەخلەت ساندۇقىڭىزغا تاشلايسىز . چۈنكى سىرتتا، يول بويىدا ،ئەخلەت ساندۇقى يوق . تاللا بازىرى ، ئىچىملىك ساتىدىغان يەردە بوتۇلكا يىغىدىغان ئەخلەت ساندۇقىلا بار .
49.يىنىڭىزدىن قولياغلىق ئايرىمايدىغان بولىسىز .
50.يولدا ماشىنا بولمىسىمۇ ، قىزىل چىراغدا چوقۇملا ساقلايدىغان بولىسىز.
51.ئۆلىكىڭىزدىن ئۆچرەت ساقلايدىغان بولۇپ كىتىسىز.
52.ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى ئالدىغا ئىش بىجىرگىلى بارغاندا ، سىزگە باش ئىگىپ ، تازىم قىلىپ تۇرۇپ بىجىرىشى ئادەتتىكى ئىش .
53.تىلفۇن ، پورتمالنى ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىغىلا سالىسىز ، يىرىمى سىرتقا ماراپ قالسىمۇ مەيلى .
54.باغچىلاردا خالىغان ئوتۇندا ئولتۇرسىڭىز بولىۋىرىدۇ .
55.يىرىم يىلغىچە ئايىغىڭىزنى مايلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ<مەن بىر قىتىممۇ مايلاپ باقمىدىم>
56. سىرتتا ئاممىۋى ھاجەتخانا ئىزدىسىڭىز ئاسانلا تاپالايسىز ، شۇنداقلا ھەممىسى ھەقسىز ، قەغەزدىن ئىلىۋالمىغىنىڭىزدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، قەغەزنى بىۋاستە ھاجەتخانا ئوچىقى ئىچىگە تاشلايسىز.
57.باشقىلارغا تاماكا تەڭلەيدىغان ، ھاراق زورلايدىغان ، باشقىلارنىڭ قاچىسىغا سەي سىلىپ بىرىدىغان ئىشلار يوق .
58.سىتىۋالغان گۆش ، سەي-كۆكتات، مىۋىلەرنى بىر چايقىۋىتىپلا ، ياكى بىۋاستە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
59.يەر تەۋرىسە جىددىيلىشىش ھاجەتسىز .<ھەپتىسىگە بىر-ئىككى قىتىم يەر تەۋرەش ئادەتتىكى ئىش ،4 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەندە ھەرقايسى بىنا ، سودا -سارايلارنىڭ ئىلىكتىرونلۇق ئالدىن سىگنال بىرىش ئۈسكىنىسى بار .>
60.ماشىنىغا چىقىش ، ئىشقا بىرىش ، پۇل تاپشۇرۇش ، باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىق ئىشلاردا ۋاقىتقا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان بولىسىز.
61.ماسكا تاقىۋالغان كىشىلەرنى دائىملا ئۇچرىتىپ تۇرىسىز ، ئادەتتىكى ئىش .
62.پورتمال ياكى سومكىڭىز يۈتۈپ كەتسە %95 تىپىلىدۇ .‹ ياپۇنلۇق ياكى ئىمانلىقلار تىپىۋالسا ھىچنەرسىڭىز يۈتمەيدۇ . باشقلار تىپىۋالسا ، پۇل يوقاپ كەتسىمۇ ئىچىدىكى ماتىرىيال ،كىنىشكە ، كارتىلار يوقاپ كەتمەيدۇ .مىنىڭمۇ پورتمالىم ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبوستا چۈشۈرۈپ قويۇپتىمەن ، باشقا بىر شەھەرگە كىتىپتۇ ، تىپىۋالغۇچى 2 كۈندىن كىيىن ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلىق كارتام ئارقىلىق مەكتەپكە تىلفۇن قىلىپ ، ئەۋەتىپ بىرىدىغىنىنى ئىيتتى ، پوچتا ھەققىنى مەن تۆلەپ تاپشۇرۇپ ئالدىم ، ھىچنىمە يۈتمەپتۇ.›
63.تاماكا چىكىدىغانلار ئۈچۈن ، مەخسۇس تاماكا چىكىش رايونى بار ، ئاشخانا ، تىز تاماقخانىلاردىمۇ ، تاماكا چىكىدىغانلار ئورنى بىلەن ،ئىس-تۈتەكسىز رايون ئايرىۋىتىلگەن .
64.ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبوستا ناتونۇش قىز يىگىتلەرگە يانمۇ-يان ئورۇن بىلىتى سىتىلمايدۇ .
65.ئادەتتە خىزمەتكە پويىزدا بىرىپ كىلىدۇ. ئەتىگەن ۋە كەچلىك يولوچىلار ئىنتايىن كۆپ ۋاقىتتا ، پويىزنىڭ مەخسۇس قىزلار ۋاگونى بار .‹ يىڭى كەلگەندە بىلمەي ، قىزلار مەخسۇس ۋاگونى ئانچە قىسىتاڭ ئەمەس بولغاچ ،ئالدىراپلا چىقىۋاپتىكەنمەن ، ‹‹بىر توپ بۆرىنىڭ ئارىسىدىكى قوزىدەك›› دىگەن ئىبارىنى باشتىن كەچۈردۇم . ھەممىسى ھەيرانلىق بىلەن قاراپلا تۇرىدۇ ........يامان تەستە كىيىنكى بىكەتتە ئۇلىشىپ ، چۈشىۋالدىم ۋە ياندىكى ۋاگونغا قىستىلىپ چىقىۋالدىم ، نىمە دىگەن بىخەتەر ھە ......!›
66.ۋىلسىپىت خۇددى 10 يىل بۇرۇنقى قەشقەردىكىدەك كۆپ undefined، يەنە كىلىپ ۋەلسىپىتنىڭ كىنىشكىسى بار ، ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قالسىڭىزمۇ يۈتۈپ كەتمەيدۇ ، ھەممە ۋىلسىپىتكە چوقۇم چىراغ ئورنۇتۇلغان .
67.ھەرقانداق قىيىنچىلىق بولسا ساقچىنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ . ‹ ياپۇنغا يىڭى كەلگەندە ،مەن بىرقىتىم دوستلار بىلەن ئوينىغىلى بىرىپ ،بەك كەچ قالدىم ، پويىز توختاپ كەتكەچكە ، 20 كلومىتىردەك يىراقتىكى ئۆيۈمگە قايتالمىدىم ، شۇنىڭ بىلەن بىكەت يىنىدىكى ساقچى بوتكىسىغا كىرىپ ، ئەھۋالنى دىسەم ، ئۇلار مىنىڭ ياپۇنچىغا ئانچە راۋان ئەمەسلىكىمنى كۆزدە تۇتۇپ ، ماشىنا بىلەن ئۆيۈمنىڭ ئالدىغىچە ئاپىرىپ قويدى ،يەنە بىر ئىش ،ئاڭلىسام ئۆيۈمنىڭ يىنىدىكى ياپۇنلۇق موماينىڭ مۈشۈكى دەرەخكە چىقىۋىلىپ چۈشكىلى ئۇنىماپتىكەن ، ساقچى كىلىپ ، دەرەخكە يامىشىپ تۇتۇپ بىرىپتۇ›
68.ياپۇندا 20 ياشتىن تۆۋەنلەرگە تاماكا ھاراق سىتىلمايدۇ ، سىتىۋالغاندا چوقۇم يىشىنى ئىسپاتلايدىغان كىنىشكە كۆرسىتىشى شەرت.
69. ياپۇننىڭ توي قىلىش ياش چەكلىمىسى توغرىسىدا ئىنىق بەلگىلىمە يوق ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ‹18دىن تۆۋەن› توي قىلماقچى بولسا ، ئاتا-ئانىسىنىڭ قوشۇلىشى شەرت . ئاڭلىسام 15-16 ياشتا توي قىلىدىغانلارمۇ بارئىكەن.
70.ئىغىر ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى ئىسىۋالغانلارنى كۆرمەيسىز . ‹مەن ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىدىم ،تويلۇق ئۈزۈك بىلەن بەزى قىزلار ئاددىيغىنە مارجان ئىسىۋالىدۇ.›
61-70 غىچە ئۆزۈمنىڭ ، قالغىنى تەرجىمە . داۋامىنى ئىسىمگە كەلسە يەنە يازىمەن .
مەنبە: باغداش تورىدىن mart نىڭ يازمىسى
[size=17.894737243652344px]http://bbs.bagdax.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=27308
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شەۋقى79 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-12 12:09 PM
|
 |
 |
 |
 |
|