مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Gvlmisal

قەلبىمدىن كۆچتۈڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4664
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 08:52:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"سەنسىزلىككە كۆنۈش"........مۇدىھىش پۇراق بۇرنۇمغا پۇراۋاتىدۇ.
ئادەم نىمىگە كۆنمەيدۇ؟بەلكىم كۆنەرسەن،خۇددى مەن سەنسىزلىككە كۆنگەندەك.لىكىن كۆنگىنىڭدە كۆنۈشنىڭ ئارقىسىدا قانلىق كۈلۈمسىرەشنىڭ شولىسىنى كۆرەرسەن ......

ئاي بەرگى-

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4664
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 08:53:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىگەن چاغدا ئۆتۇپ كەتكەن گۈزەل خاتىرلەرنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇ .قەدىرلەشكە تىگىشلىك بولغىنى رىئاللىق ،گۈزەل كىلەچەككە ئىنتىل!بەخىت ساڭا مەڭگۈ ياربولغاي ...
قانلىق كۈلۈمسىرەشنىڭ شولىسىنى كۆرۇپ تۇراساممۇ شۇنداق دىيىشكە مەجبۇرمەن ،يۈرىكىمدە چوڭقۇر قاناپ ئولتۇرۇپ .شۇنداق دىمەي ماڭا نەچارە ……بۇ كىشىلىك ھاياتتا تارقالمايدىغان بەزمە يوق ئىكەن .بىراق،ئايرىلىشنى ئويلىساملا كۆزياشلىرىم يامغۇردەك تۆكىلدۇ .ئاي تولدى ،سەن قانداراق تۇرىۋاتىسەن ؟!...
كۆكتاش-

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4664
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 08:54:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

175436t34nj076r3f6rn66.jpg

بەرگىدىكى شەبنەممۇ؟ ياكى كۆز ياشمۇ؟
مىنىڭ كۈلگىنىمنى كۆرگۈڭ بارمۇ ياكى يىغلىغىنىمنىمۇ؟ رىئاللىق ھامان ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدىكەن.كۈندىن كۈنگە رىئاللىق ئالدىدا ئۆزەمنىڭ ئاجىز كىلىپ قېلىۋاتقىنىمنى ھېس قىلىپ يەتمەكتىمەن.سەن مىنى شۇنچە ياخشى چۈشىنىسەنغۇ؟ سەن ھېس قىلىپ يىتەلەيسەن...قانچىكى قەيسەر بۇلۇشقا  تىرىشقانسىرى ئۆزۈمنىڭ چارچاپ كىتىۋاتقىنىمنى سېزىۋاتىمەن.شۇ تاپ يۈرىكىمنى بىر تاش بېسىۋالدى.ھەممىنى ياراتقان ئىگەم بىلەر.......ئارتۇقنى ئويلىماي دەيمەنۇ خىياللىرىم گەپ ئاڭلىمايدۇ.كۆزلىرىم ياش تۈكۈشكە شۇنچىلىك ئۆگىنىپ كەتتىكى بۇ خائىن كۆزلەر........ياش تۆكىدۇ يەنە شۇ ياش تۆكۈشكە سەۋەبچى بولغانلارنى ئىزلەيدۇ.
ئۆزۈمنىڭ قاچانغىچە بەرداشلىق بىرەلەيدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن.بەلكىم رىئاللىقتىن چەتنەپ كەتكەن بۇ ئارزۇلىرىم بۆشۈكىدە بۇغۇلار،بەلكىم ئارزۇلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىركەشكەن مەن كۆز ئالدىڭدا تۆكۈلەرمەن.........
شۇ دەقىقە كونۇپكا تاختىسىنى قوللىرىم بىلەن ئەمەس يۈرىكىم بىلەن بېسىۋاتىمەن .....سىنى كۆرمىگىلى قانچىلىك بولدى؟
سېغىنمىدىم ئەمەس سېنى كۆرۈشكە باھانەم يوق.ئالدىڭدا قانچىلىك پۈكۈلۈشنى خالىسامممۇ ئۇنى ئىتىراپ قىلغۇم يوق.سېنىڭ مەغرۇرلۇق بىلەن ماڭا قارىغىنىڭنى كۆرگىنىمدە ،مىھرىلىك قاراشلىرىڭدىن ئېرىگەن يۈرىكىم مۇز بۇلۇپ قاتىدۇ.سەن تامان بىر قەدەم ئېلىشقىمۇ جۈرئىتىم قالمايدۇ.
بىلەمسەن؟
"سېغىندىڭمۇ؟"دەپ سورىغانلارغا يەنىلا شۇ جەلىپكار كۈلكەم بىلەن "مىنىڭ ئىشىم يوق بولغىيدى خەقنى سېغىنىپ ..."دەپ جاۋاپ بەردىم يۇ يۈرىكىم قاناپ كەتتى........
"سۆيگەنلەرنىڭ سۆيگۈسى سۆزىدىن مەلۇم"دىگىنىمۇ يالغانكەن قارىغاندا........
قانچىلاپ سىنى ئىزدىمەكچى بولدۇم...لىكىن ئۇنداق قىلالمىدىم.ئويلاپ باقسام ئۇ جۈرئەتنى سەن ماڭا بەرمەپسەن.
يەنە كۆز ئالدىمدا باشقىلار ئۈچۈن ماڭا ئازار بىرىشىڭگە بەرداشلىق بەرگۈدەك مادار مەندە قالمىدى.
بىلمىدىم سەندىكى مۇھەببەت ئۇ قانداق مۇھەببەت؟
بەلكىم ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆرگۈلىكىمىز باردۇ......
ئاي بەرگى-

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4664
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 08:55:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىدە سىنىڭ تولۇنئايدەك يورۇق ،قوياشتەك ئوتلۇق كۈلۈپ تۇرۇشىڭنى بىر ئۇلۇغ رەببىمدىن تىلەيتتىمكى ھەرگىزمۇ يىغلىشىڭنى ئەمەس .خۇشال ياشىشىڭىنى تىلەيتتىمكى ھىجرانغا ئاشنا بولىشىڭنى ئەمەس !سەن كۈلسەڭ كۈلەتتىم ،يىغلىساڭ ئۆلەتتىم مانا ھازىر نەچچە ئۆلۇپ تىرىلدىم بىلمەيمەن ...بەلكىم تەقدىر پۇتمىشى شۇنداق ئوخشايدۇ ،بىزنى ھىجران كوچىسىغا تاشلاپ ،جۇدالىق يېشى تۆككۈزدى.بەلكىم سەۋىر قىلساق ۋىسال دوقمۇشىدا ئۇچرىشىپ قالارمىز ۋە بەلكىم  ...‏

‏شۇنداق !سەنمۇ مەغرۇر مەنمۇ ھەم .سىنىڭ مىنى ئىزدەشكە باھانەڭ يوق ،مىنىڭمۇ ھەم .سەندە مىنى ئىزدىگۈدەك جۇرئەت يوق مەندىمۇ ھەم .بۇ تاتلىق ئازاپلارغا قاچانغىچە بەرداشلىق بىرىمەن .مەنمۇ ھەم بىلمەيمەن .شۇ تاپ نىرۋىلىرىم قالايمىقان .مۇنۇ سۆزۇڭدىن يۈرىكىمگە بىر ئاغرىق كىرىپ ئولتۇرۇپ قالدىم .پۇتۇن بەدىنىمگە تارىدى بۇئاغرىق .
‏سەندىكى قانداق مۇھەببەت ؟.ئاچچىقتىن تولغىنىپ كەتتىم . بۇ سۇئالىڭ راسلا ھار كەلدى .ئەجابا سۆيگۈ -مۇھەببىتىمگە شەك قىلغان ئوخشىمامسەن!؟
‏مىنىڭ شۈنچە قىلغانلىرىمدىن سۆيگۈمنىڭ پاك ،مۇھەببىتىمنىڭ چىن ئەبەدى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي شەك قىغان بولساڭ بوپتۇ.مىڭ بىر كىچىدەك ئۇزۇن رىۋايەت قىپ ساڭا سۆزلەپ بىرىشىمنىڭ ھاجىتى قالماپتۇ .
‏يۈرىكىمنى قانىتىپ ئولتۇرۇپ مۇنۇ قۇرلارنى پۇتۇۋاتقىنىمدا كۆزۈمدىن ئىككى تامچە سىرغىدى .شۈنچە سۈزۈك ،شۈنچە قىرتاق،شۈنچە ئىغىر ،شۈنچە چوڭقۇر .خۇددى شەبنەمدەك.
‏قەلبىمگە بىر مۇدھىش قاراڭغۇلۇق بۆسۈپ كىردى .يالماپ يۇتىۋىتىدىغاندەك.ئۆزۈمنى شۇنداق سەزدىمكى بىر ھاڭغا چۆكۈپ كىتىۋاتقاندەك .تىتىردىمكى بوران سوققاندەك .مۇز ئوكياندا قالغاندەك .پىشانەمدە سوغۇق تەر ،ئىچىم شۇنداق ھۆل خۇددى يامغۇردەك ...شۇنداق قىلىپ سەن مىنى يەنە بىر قىتىم قاراڭغۇلۇققا ئۇزاتتىڭ .كىتىش  ئالدىدا كۈلۈپ تۇرۇپ ،ساڭا  يىڭىدىن ئۈزۈلگەن بىر دەستە گۈلنى تۇتتۇم.ئۇ مىنىڭ تەبەسسۇمىم ،ئۇنىڭ يىشىل يۇپۇرماقلىرى مىنىڭ ياد ئىتىشىم...!

كۆكتاش-

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4664
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 08:57:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇيۇقسىز شۇنداق بىر كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمدىن كىنو لىنتىسىدەك ئۆتتى:
باغچىدىكى ئۇرۇندۇقتا يانمۇ-يان ئولتۇراتتۇق .يېنىمىزىكى گۈللۈكتە خىلمۇ- خىل گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن.سەن ماڭا گەپ قىلغاچ شۇنداق قولۇڭنى سۇنۇپلا بىرتال سېرىنگۈلنى ئۈزۈپ قولۇمغا تۇتقۇزدۇڭ.ھەركىتىڭ شۇنداق تېز بولدىكى مەن تۇسۇپ ئۈلگۈرەلمىدىم.لىكىن كۆڭلۈمنىڭ يېرىم بولغىنىنى سەن سەزمىدىڭ.
-بۇ گۈلنىڭ ئىسمىنى بىلەمسەن؟
-ياق،سەن بىلەمسەن؟
-سېرىنگۈل...قارا ..بىكارلا ئۈزىۋەتتىڭ...-كۆڭلۈمنىڭ يېرىم بولغىنىنى شۇ سۆز بىلەن ئىپادىلىدىم.
شۇ چاغدا سەن مىنىڭ سېرىنگۈلگە ئامراقلىقىمنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىڭ.قايتقاندىن كىيىن مەن ئۇ گۈلنى لوڭقىغا سېلىپ قۇيۇپ نەچچە كۈنگىچە ساقلاپ ئاخىرىدا تاشلىۋېتىشكە قىيىماي ،بەرگىلىرىنى كىچىك ئەينەك قۇتىغا سېلىپ قويغان ئىدىم.
نىمىشقىكىن سېرىنگۈلگە بۆلەكچە ئامراقمەن.
يەنە دەي:
مېنى دىسەڭ گۈل ئۈزمە......گەرچە سېنىڭ قولۇڭدا گۈل كۆرۈشنى شۇنچە خالىساممۇ ،گۈلنىڭ ئۈزۈلگەندىن كېيىن شۇنچى تېزلا خازانغا ئايلىنىدىغىنىنى ئويلىسام كۆڭلۈم بەك يېرىم بۇلىدۇ.


بىلمىدىڭمۇ؟ ھازىر ئىككىمىز بىر-بىرىمىزدىن قېيىدايدىغان ۋاقىت ئەمەس.قېيىدىشىپ ،باتنىشىپ تېخى ھارمىغاندۇقمۇ؟
ئاخرىقى شۇ تىلىفۇن........
سەن تىلفۇن قىلغاندا باشقىلاردىن كەلگەن تىلفۇننى ئېلىۋاتقىنىم ئۇ تىلفۇننى قويغاندا ،تىلفۇنۇم توختاپ قالغانلىقتىن ساڭا ۋاقتىدا قايتۇرالماي ،سىنى يەنە تىلفۇن قىلىدىغۇ؟ دەپ ساقلىغىنىم..........ئاخىرىدا سەن ماڭا ئىشەنمىدىڭ.نەزىرىڭدە مەن باشقىلارنى سەندىنمۇھىم ئورۇنغا قويغان ھىسابلاندىم.ساڭا قىسقىچىلا چۈشەندۈردۈم،ئارتۇقنى مىنىڭ دىگۈم كەلمىدى.شۇ پەيتتە مەن چۈشەندۈرگەنچە گەپنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كىتىشىنى مەن خالىمىدىم.لىكىن سەن مىنىڭ يۈرىكىمنى ئاغرىتتىڭ.ھەممىدىن گۇمان قىلساڭمۇ مىنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىمدىن گۇمان قىلمىساڭ بۇلاتتى.ماڭا ھەقىقەتەن بەك ھار كەلدى.سەن بىلەن شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى بىللە يۈرۈپ سەن ھېس قىلالمىغان مۇھەببىتىمنى مەن قايسى ئۇسۇل بىلەن ساڭا چۈشەندۈرەي جېنىم؟
مىنىڭ تاللىغىنم سۈكۈت.....مەن پەقەت:كەچۈرگىن،ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن...لا دىيەلىدىم.سەن يەنە ئۈندىمىدىڭ.بۇ خاپا بولغىنىڭمۇ؟ ياكى مىنى كەچۈرگىنىڭمۇ بىلمىدىم.سوراشقىمۇ پېتىنالمدىم.جېدەلنىڭ شۇ جايىدا توختاپ قېلىشىنى تىلەيتتىم .
كىملەر دىگەن بولغىيدى؟ "يىراقنىڭ ياندىن ئۆتەر،يېقىننىڭ جاندىن (ئۆتەر)"دىگەننى؟
باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى بىلەن پەرۋايىم پەلەك ئىدى،لىكىن سىنىڭ مىنى چۈشەنمەي،قەستەن تەتۈرلۈك قىلغىنىڭدىن بەك ئازابلانغان بولساممۇ  كۆڭلۈمدە يەنە سىنى ئاقلاپ:مېنى بەك ياخشى كۆرگەچكە شۇڭا چىدىماي ..شۇنداق دەۋاتىدۇ ،ئىشەنمىگەنلىكتىن ئەمەس..."دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم.
شۇ ئىشتىن كىيىن باشقىلار تىلفۇن قىلسا قويىۋېتىشكە بەك ئالدىرايدىغان بولدۇم.سېنى تىلىفۇن قىلىپ قالسا خاتا چۈشىنىپ يۈرمىسۇن دەپ .....
ھازىر ئويلىسام سېنى يامان كۆندۈرۈپ قويغان ئۆزۈم ئىكەنمەن.
بۇرۇن تىلفۇندا "خوش"دىيىشكەندە سېنىڭ ياكى ئۆزۈمنىڭ ئالدىدا قويىۋەتكىنىمىزگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىگەن ئىكەنمەن.شۇ قېتىمدىن كىيىن   سەن تىلفۇنغا بەك سەزگۈر بۇلۇپ كەتتىڭ.ھەتتا بىر قېتىم ئۆزۈڭ  "ھازىر ئالدىراش ئىدىم،سەل تۇرۇپ تىلفۇن قىلاي.."دىگەندە،مەن "ماقۇل"دەپلا قويىۋەتكىنىم ئۈچۈن،سەن شۇ ھامان تىلفۇن قىلىپ مەندىن خاپا بولدۇڭ،سىنىڭچە مەن باشقىلارغا تىلفۇن قىلىشقا ئالدىرىغان ئىدىم......
ھازىر تىلىفۇنغىمۇ ئۆچ بولدۇم.نەۋاق مەن ئۆزۈم باشقىلارغا تىلىفۇن قىلىپ باقمىغىلى؟
بەلكىم باشقىلارنىڭ مىنى پاتىراق ئۇنتۇپ كىتىشىنى ئىستىگەندۇرمەن.......
ھەراست،ھويلاڭدىكى مەن بىلەن ئىسىمداش گۈل بۇيىلمۇ ئېچىلدىمۇ؟ مىنى :لەيلى..........دەپ چاقىرىشلىرىڭنى سېغىندىم.

ئاي بەرگى-

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4664
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 08:58:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىمەئىچىدە ياشاشمۇ بىر بەخت .ئالەمچە ھىسقا چۈمۈلۈپ خىيابان دۇنيادىن بەخىتنىڭ تەمىنى تىتىيسەن !بۇمۇ بىر بەخت .بەك تاتلىق بەخت ھە...!
كىچە كۆرگەن چۈشۈمنى ساڭا دەپ بىرەيمۇ ؟دەپ بىرەي ئاڭلا!بۇمۇ بىر بەخت ...
يەنە شۇ بۇرۇنقى بىز دائىم ماڭىدىغان يول .كىلىۋاتىسەن .كىتىپ بارىمەن كۆزلىرىمىز مۇكۇشمەك ئويناپ .شۇنداق ئۆتۇپ كەتتۇق ،شۇنداق بىر ئىغىر جىمجىتلىق سۆرىلىپ ئۆتتىكى ...
ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلدىم .سەنمۇھەم شۇ چۈشنى كۆرگەن بولساڭ بىلدىڭ سۆيگۈمىزنىڭ شۈنچە چوڭقۇرلۇقىنى .
ئەتىگەندىن بىرى بىر كۆڭۈل تاتلىقلىمدا سىنى ئويلاپ يۇرۇپتىمەن !بۈگۈن ئالدىمغا سەن ئۇچراپ قالىدىغاندەك .!.

كۆكتاش-

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 935
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 526 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 11:28:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق يېقىملىق چىقىپتۇ ...........................

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2117
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 11:30:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ رومانتىك چىقىچتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 11:35:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئڭزۇن بوپتىكەن ، بۇنداق مۇڭلۇق لېرىكىنى ئوقۇمىغىلى . ياخشى يېزىپسىز . ھارماڭ جانىم .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6360
تۆھپە نۇمۇرى: 510
توردا: 1941 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-13 12:10:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈزەل تۇيغۇلار بىلەن يېزىلغان نەسىرلەردىن ئۆزگىچە زوق ئالدىم.  رەھمەت گۈزەل قىزلار، ئاللاھ سىلەرنى سالامەت قىلسۇن، گۈلدەك قەلبىڭلار تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش