مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3090|ئىنكاس: 23

يارىلانغان قەلب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110937
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 48
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-11-16
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 11:48:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۈنلىرىم خۇددى تىنچ كۆل سۈيىدەك ئۆتىۋاتاتتى، بىراق تۇيۇقسىز كەلگەن بىر پارچە خەت مىنىڭ تىنچ كۆل سۈيىدەك ئۈتىۋاتقان تۇرمۇشۇمنى پۈتۈنلەي يوق ئىدى.

خەتنى يازغىنى ئەينى ۋاقىتتا  مىنى قاتتىق ئازاپقا سالغان، مىنى مۇھەببەتكە ئىشەنمەس قىلىۋەتكەن بىرى، يەنە ئەسقەر ئىدى. مەن ئۇ ئىشلارنى، ئاچچىق كەچمىشلەرنى، ئەسقەرنى تەستە ئۇنتۇغان ئىدىم. ئۇلارنى قايتا ئويلاشنى خالىمايتتىم، بىراق مەن شۇ ئەسلىمىلەرنى قايتا ئەسلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم.


ئادىل مىنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ ئويناپ چوڭ بولغان دوستۇم ئىدى، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا دائىم بىللە ئوينايتتۇق، ئۇ مەندىن بىر ياشلا چوڭ ئىدى، ئۇ ۋاقىتلار تۇلىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى، مەھەللىنى ئۇ بېشىدىن –بۇ بېشىغىچە بېشىمىزغا كىيەتتۇق، بالىلىقتىكى ھەر بىر ئەسلىمەمدە ئادىل بار ئىدى. ياز كۈنلىرى مەھەللىمىزدىكى كىچىك ئېرىقتا بىللە سۇغا چۈمۈلەتتۇق، قىش كۈنلىرى نۇر، چانا ئوينايتتۇق. يەنە پىروزا، گاگا .... قاتارلىق ئۇيۇنلارنى ئوينايتتۇق. تاكى ئادىل مەندىن بىر يىل بۇرۇن مەكتەپكە كىرگەنچىلىك شۇنداق بولدى.

ئادىلنىڭ سومكىسىنى كۈتۈرۈپ مەكتەپكە ماڭغىنىنى ياكى مەكتەپتىن كىرگىننى كۆرسەم مىنىڭ مەكتەپكە چىقىش ئىشتىياقىم تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشاتتى.ئەلۋەتتە مىنىڭ بالىلىقتىكى دوستۇم پەقەت ئادىللا ئەمەس، مەھەللىدىكى تەڭ دىمەتلىك بالىلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ئاداش ئىدىم، ئاخشىمى سۇقۇشۇپ قالساقمۇ ئەتىسى كۈرۈشۈپ،-ئاداش ئاداش بولايلى، بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى دەپ باش بارمىقىمىزنى چىقىرىشىپ يەنە يارىشىۋالاتتۇق.  ئادىلمۇ مەكتەپتىن كىرگەندىن كىيىنكى ۋاقىتلاردا بىز بىلەن بىللە بولاتتى. يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئارىمىزدىكى يېقىنچىلىقمۇ تەبىئىيلا يىراقلىشىشقا باشلىدى.

تۇلۇقسىز 2. يىللىققا چىققان ۋاقتىمدا ئادىلنىڭ مىنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىنى بىلدىم. بىراق مەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى قۇبۇل قىلىشقا ئامالسىز ئىدىم، سەۋەبى مەندە ئۇنىڭغا نىسپەتەن مۇھەببەتتىن ئەسەرمۇ يوق، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى مەن بۇ يېشىمدا بىرەرسىنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلالمايتتىم. ئۇ ۋاقىتتا مەن ئاران 14 ياش ئىدىم. مەن ھەتتا مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم.

گەرچە ئۇنىڭ مىنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىنى بىلمەستە كىچىك ۋاقتىمىزدىكىدەك يېقىن ئۆتمىسەكمۇ ئىشقىلىپ ھەرھالدا يېقىن ئىدۇق. ئۇمۇ بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە كىرىپ ئۆتەتتى، مەن ئۇلارنىڭ سىنىپى ئالدىدىن ئۈتۈپ قالسام سىنىپىغا كىرىپ نەرۋە ئاچام بىلەن كۈرۈشكەچ ئادىل بىلەنمۇ كۈرۈشۈپ چىقاتتىم. بەزەن كۈنلىرى مەكتەپكە بىللە چىقىپ بىللە كىرەتتۇق. مەكتەپتىن كىرگەچ ئىتىزلاردىن قوغۇن-تاۋۇز، چىلگە ئوغۇرلاپ ئۆستەڭ بويىدا ھۇزۇرلىنىپ يەپ كىتەتتۇق، ئەلۋەتتە ئادىل ئىككىمىزلا ئەمەس، مەھەللىدىكى يېقىن ئۆتىدىغان دوستلار بىرلىشىپ قىلاتتۇق. ئۇغۇللار ئوغۇرلۇققا كىرسە قىزلار كۈزەتتە تۇراتتۇق. بىزدە ئۇنى تىلىپ يەيدىغان پىچاق يوق، دەرەخكە مۇشلاپلا تاۋۇزلارنى چېقىپ يەپ شاپاقلىرىنى ئۆستەڭگە چۆرۈيتتۈق، ئۇ كۈنلەر ھەقىقەتەن غەمسىز خۇشال ئۆتكەن كۈنلەر ئىدى.  ئەمما ئادىلنىڭ مىنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈردۇم. ئادىلنىڭ يازغان خەتلىرى، ئۈمۈدلىك قاراشلىرى، تارتقان ئازاپلىرى مىنىڭ خىيالىمغا كىرىپ چىقمايتتى.
ئۇ ۋاقىتلاردا كىچىكلىكىمدىنمۇ ياكى ئازاپنىڭ نىمىلىكىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈنمۇ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئادىلنىڭ تارتقان ئازاپلىرى مەن ئۈچۈن ئۇيۇندەك بىلىنەتتى.


ئادىل مەندىن بىر يىل بۇرۇن تۇلۇقسىزنى پۈتتۈردى، بىراق ئائىلە شارائىتى ھەم ئوقۇشى ياخشى بولسىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇقىمىدى. تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا ئۆيىدە تۇردى، بىراق كۈندە مەكتەپكە چىقاتتى، مەن ئۇ ۋاقىتلاردا توپقا مەستانە ئىدىم. بۇرۇن قىزلار بىلەن ۋالىبول ئوينايتتۇق، كىيىن يېقىن دوستۇم زىبانىڭ ئاكىسى ۋىلايەتتىن ئۆتكۈزگەن تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ مەلۇم سوممىدا نەخ پۇل ھەم بىر پۇتبۇل مۇكاپات ئالغاندىن كىيىن بىزمۇ پۇتبولغا قىزىقىپ قالدۇق. زىبانىڭ ئاكىسىمۇ مۇكاپات ئالغان توپنى زىباغا بەردى. شۇ كۈندىن باشلاپ بىز پۇتبۇل ئوينايدىغان بولدۇق،  چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا قورسىقىمىزنىڭ ئاچلىقى بىلەنمۇ كارىمىز يوق ئوينايتتۇق، كەچ تەرەپتە مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كىيىنمۇ يەنىلا توپ مەيدانىدا بولاتتۇق، ئادىلمۇ مەيدان سىرتىدا بىزگە قاراپ تۇراتتى. ئۇنداق ۋاقىتلاردا ئەركىن بولالمايتتىم، بىراق ئامال يوقتە. بەزىدە ئويۇنىمىز تۈگىگەندە باشقا بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئادىل قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئۆيگە قايتايتتىم.

ئۇيۇنغا بەك قىزىقىپ كەتكەنچە تاماق يىيىشمۇ ئىسىمىزگە كەلمەي يۈرۈپ كىتەتتۇق، ئاناممۇ ماڭا تۇلا قاقشاپ گەپ ئاڭلىتالمىغاندىن كىيىن كىيىنكى كۈنلىرى دادام، ھەر كۈنى چۈشتە ۋە كەچتە مەكتەپكە كىلىپ مىنى موتوسىغا مىندۈرۈپ ئەكىرىپ كىتىدىغان بولدى. ئۇنداق ۋاقىتلاردا ئادىل يەنە قىيالماستىن ماڭا قاراپ قالاتتى.

ئۇنىڭ ئىشى بولمىسىمۇ مەكتەپكە چىقىشى، بىز توپ ئويناۋاتساق ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىپ قاراپ تۇرىشى بارغانچە ماڭا خۇددى مىنى كۈزەتكىلى چىققاندەك بىلىنىپ ئۇنىڭدىن بىزار بولۇشقا باشلىدىم.

بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم.
-ئادىل سەن نىمىشقا ئىشىڭ بولمىسىمۇ كۈندە مەكتەپكە چىقىسەن، يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇقىمىغاندىن كىيىن بىكار يۈرگىچە ئۇغۇل بالا بولغاندىكىن بىرەر كەسىپ ئۈگەنسەڭ بولمامدۇ؟
-كىم مىنى بىكار يۈردى دەيدۇ، مەن ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملەشكەچ دەرىسلەرنى تەكرار قىلىۋاتىمەن، بىكار ۋاقىتلىرىمدا مەكتەپكە چىقتىم. يوقىرى ئۆرلەپ ئۇقۇيمەن دەپ ھازىر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەتسەم سەن ئوقۇمايدىغان بولۇپ قالساڭچۇ، ياكى سەن تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۇقۇساڭچۇ؟ ئۇ ۋاقىتتا مەن قانداق قىلىمەن. شۇڭا مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بەرگەندە سەن قايسى مەكتەپنى تاللىساڭ مەنمۇ شۇ مەكتەپكە ئىمتاھان بىرىمەن، سەن تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۇقۇساڭ مەنمۇ تۇلۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ ئوقۇيمەن.
-مەن بىلەن سىنىڭ نىمە ئىشىڭ؟
-چۈنكى مەن سىنى ياخشى كۈرىمەن.
- .........

گەپ قىلماي ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتىم، ئەسلىدە ئۇنىڭغا خېلى قاتتىق گەپ قىلماقچى ئىدىم، بىراق ئاچچىقىمدا نىمە دىيىشنى بىلەلمىگەن ئىدىم.

بىر يىلمۇ تىزلا ئۆتۈپ كەتتى، بىزنىڭمۇ ئىمتاھان بىرىدىغان كۈنىمىز يېقىنلىشىپ قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىنىپ مەسئۇلىمىز بىزنى، قايسى مەكتەپكە ئىمتاھان بىرىش توغۇرۇق ئاتا-ئانىمىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ چىقىشقا بۇيرىدى. مەنمۇ مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئۆيگە كىردىم. بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئانام مىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇقۇشىمغا قارشى چىقتى.
-بالام، ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇماڭ، سىزدىن نەچچە ئاي ئايرىلىپ مەن قانداق چىدايمەن، مەنمۇ ساقسىز بولۇپ قالدىم. يېنىمدا تۇرۇڭ، ۋىلايەت ئىچىدىن چىكەتمەي نىمە ئىش قىلىمەن دىسىڭز دىگىنىڭىزنى قىلىپ بىرەيلى، بىراق مىنى تاشلاپ يىراق يەرگە ئوقۇيمەن دەپ كەتمەڭ.
- بىراق ئانا، سىز ئىچكىرىدىكى نوختىلىق تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتاھان بىرىمەن دىسەم قۇشۇلغانتىڭىزغۇ؟
-سىزنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۈگەنسۇن دەپ ماقۇل دىگەن، بىراق مەن ھەرگىزمۇ سىزنى بىر يىلدا بىر قېتىم كىلىدىغان يەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتىشنى ئويلاپ باقمىدىم.
-بىراق، مىنىڭ ئۇقۇغۇم بار تۇرسا.
- ئۇقۇڭ، ئۆز تەۋەلىكىمىزدىكى مەكتەپلەردە، يەنە يۇرت ئاتلىماي ئۇقۇڭ، سىز كىلەلمىسىڭىز مەن سىزنى كۈرۈپ كىلەلەيدىغان يەرلەردە ئوقۇڭ.
گەرچە ۋاز كەچكۈم بولمىسىمۇ ئانامنىڭ گىپىنى رەت قىلالمىدىم. دىمىسىمۇ ئانام مىنى يىراققا ئوقۇشقا ئەۋەتىپ قويۇپ چىدىيالمايتتى، كۈندە ئەتتىگەن مەكتەپكە چىكەتسەم كەچتە مىنىڭ مەكتەپتىن كىرىشىمگە يولغا چىقىپ مىنى ساقلاپ ئولتۇراتتى.

-بولمىسا كومپيۇتېر كۇرسىغا قاتنىشىپ كومپيۇتېر ئۆگىنىپ، شۇ ساھەدە بىر ئىش قىلسىڭىزمۇ مەيلى بالام. ئىشقىلىپ يۇرت ئاتلاپ ئوقۇيدىغان ئىشنى قىلماڭ، مىنى ئاياڭ.

چۈشكۈن ھالدا مەكتەپكە چىقتىم. دوستلىرىمنىڭ بەزەنلىرى ئىچكىرىدىكى تۇلۇق ئوتتۇرىغا ئىمتاھان بىرىدىغان، بەزىلىرى ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىمتاھانىغا قاتنىشىدىغان يەنە بەزىلىرى ئىمتاھانغا قاتناشماي تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئاز بىر قىسىملىرى ئوقۇشتىن توختايدىغان بولۇپ چىقتۇق.
دوستلىرىم مەندىن سورىغان ئىدى، گەپ قىلمايلا توپنى ئېلىپ سىرتقا ماڭدىم. ئۇلار ھەيران قالدى.
-ئىمتاھان بەرمەيدىغانلار كەينىمدىن مېڭىڭلار، توپ ئوينايمىز.
زىبا، ئايگۈل،بەرنالار كەينىمدىن يۈگرۈپ چىقىپ ئالدىمنى توستى.
-نۇسرەت، سەن ئىمتاھان بەرمەمسەن؟
-ھەئە، بەرمەيمەن.
-نىمىشقا، ئوقۇشۇڭ ياخشى تۇرسا، ئائىلە شارائىتىڭمۇ ياخشى تۇرسا، يەنە كىلىپ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىمتاھان دەپ ياخشى تەييارلىق قىلدىڭغۇ؟
-ئانام ئىمتاھان بىرىشىمنى خالىمايدىكەن، سەن ئوقۇشقا كەتسەڭ چىدىمايمەن دەيدۇ.
-شۇنداق قىلىپ ئىمتاھان بەرمەيدىغان بولدۇڭما؟
-قانداق قىلاتتىم ئەمىسە.


شۇنداق قىلىپ ئىمتاھان بەرمەيدىغان بولدۇم، ئەمدى مەكتەپكە چىقساممۇ ئۆگىنىش قىلىشنى ئارتۇقچە دەپ ئويلىدىم، سىنىپ مۇدىرىمىز ئىمتاھان ئىشىم توغۇرلۇق ئانام بىلەن سۆزلەشكەن بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىدى.
-قىزىم ئىمتاھان بىرىپ ئۆزىنى سىناپ باقسا بولىدۇ، بىراق ئوقۇشقا ئەۋەتمەيمەن.
بۇ ئانامنىڭ بەرگەن جاۋابى بولدى.
بىزنى مەكتەپتىن تۆت تۈركۈمگە بۆلدى، ئىچكىرىدىكى تۇلۇق ئوتتۇرىغا ئىمتاھان بىرىدىغانلار، ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئىمتاھان بىرىدىغان، تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۇقۇيدىغانلار، تۇلۇقسىزنىڭلا دىپلومىنى ئالىدىغانلار.......

مەن شۇ تۇلۇقسىزنىڭلا دىپلومىنى ئالىدىغان سىنىپقا كىردىم. ئىشقىلىپ مەكتەپكە چىقساق بولاتتى، تۈزۈملىرى چىڭ ئەمەس ئىدى. تاپشۇرۇق يوق، ئىمتاھان بېسىمى يوق. مەكتەپتىكى ئويۇنلار مىنىڭ بولغان ئىدى. دادامغا دەپ پۇتبول، ۋالىبول، پەي توپلارنى ئالغۇزدۇم. دەرىس ئارلىقلىرىدا ئوينىسا ئۇ ئۇيۇنلارمۇ ئادەمگە بەك ياققان بىلەن شۇ ئۇيۇن بىلەنلا بولسا ئۇنىڭدىنمۇ زىرىكىدىغان گەپكەن. شۇنداق قىلىپ ئىلىكترونلۇق ئۇيۇنچۇقلارغىمۇ كۈنۈپ قالدىم. ئايگۈل دەيدىغان بىر ساۋاقدىشىم بىلەن كۈندە شۇ يەرگە چىقىدىغان بولدۇق.
بىزگە ئەگىشىپ ئادىلمۇ چىقىدىغان بولدى، بىراق ئۇ يەرگە چىقىشىمنى يەنە ياقتۇرمىدى، بىراق ئويۇنچۇقلارغا بەكلا كۈنۈپ قالغان ئىدىم. ئانام مىنىڭ ئۇ يەرگە چىقماسلىقىم ئۈچۈن ياتاق ئۆيۈمگە تىلىۋىزور بىلەن بىر دانە ئىلىترونلۇق ئۇيۇنچۇق ئېلىپ بەردى، ئويۇنچۇقنى تىلىۋىزورغا چېتىپ ئۆيدە ئوينايدىغان بولدۇم. مەكتەپكىمۇ چىقماسلا بولدۇم. مەكتەپكە چىقمىغان كۈنلىرىم ئادىل ئۈچۈن قىيىن ئۆتكەن كۈن بولۇپ ھىساپلىناتتى. گەرچە بىزنىڭ ئۆيگە كىرسىمۇ بىراق ياتاق ئۆيۈمگە كىرەلمەيدۇ دە.
مەكتەپكە چىقمىغان كۈنلىرىم ھەر كۈنى كەچ دوستلىرىم بىزنىڭ ئۆيگە كىرىدىغان بولدى. ئىمتاھان بىرىدىغان دوستلىرىم كۈرۈشۈپلا ئالدىراپ يەنە ماڭاتتى، ئوقۇمايدىغانلار ياكى تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغانلار بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق.

ئارىدىن 10 نەچچە كۈن ئۈتۈپ ئويۇنچۇق ئويناشتىنمۇ زىرىكتىم، ئانام مىنى يېزىمىزدىكى مەدەنىيەت يۇرتىغا ئەزا قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشۇم يەنە ئۆزگەردى. ئۇ يەرگە تۆلىگەن زاكالەت پۇلى ئارقىلىق خالىغان كىتاپلارنى ئارىيەت ئېلىپ ئۇقۇيالايدىغان، دوستلىرىم بىلەن ئۇ يەرگە چىقىپ دامكا ئوينىيالايدىغان، ئوغۇللار ئاز ياكى يوق ۋاقىتتا بىرلىيات ئوينايدىغان بولدۇم.

بۇ ۋاقىتلاردا مەن ئادىلدىن ئۆزۈمنى خېلىلا تارتتىم. ئۇ كۈنلەرمۇ تىز ئۆتۈپ كەتتى.
ئىمتاھان بەرگەن دوستلىرىمنىڭمۇ نەتىجىسى چىقىپ تەرەپ-تەرەپكە ئوقۇشقا مېڭىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى، بەزى دوستلىرىم ناھىيەگە چىقىپ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشقا تەييارلىنىۋاتاتتى، بۇ ۋاقىتتا مەن ئازراق جىمغورلىشىپ قالغان ئىدىم. يەنە ئانام باشتا ئېغىز ئاچتى.


-نەچچە كۈندىن بىرى جىمىپ قالدىڭىزغۇ، بىرەر ئىش بولدىمۇ؟\
-ياقەي، نىمە ئىش بولاتتى.
-تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغىڭىز بارمۇ؟
-.....
-گەپ قىلىڭە، ئوقۇغىڭىز بارمۇ بالام؟
-ھەئە.
-بوپتۇ ئەمىسە، ئۇ مەكتەپتە ياتاقلىشىپ ئوقۇيدىغان ئىش ئەتىلا بازارغا چىقىپ لازىملىق نەرسە-كىرەكلەرنى ئالايلى.
-بىراق سىز....
-مەن سىزنى ئوقۇماڭ دىمىدىم، مۇشۇ ئۆزىمىزنىڭ تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتمەڭ دېدىم بالام.
-بەرىبىر تۇلۇق ئوتتۇرىدىنمۇ ئىمتاھان بەرمەيدىغان گەپ.
-مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بىلىم ئېلىش، چوقۇم ئىمتاھان بىرىش ئەمەس. سىزنىڭمۇ دوستلىرىڭىزدىن ئايرىلغۇڭىز يوق. بوپتۇ، تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇڭ.

شۇنداق قىلىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولدۇم.

ھەپتىدىن كىيىن دادام مىنى ناھىيەگە ئاچىقىپ مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كىرىپ كەتتى.

ئادىلمۇ دىگىنى بويىچە بۇيىل ئوقۇشقا چىققان ئىدى. ياخشى يىرى بىز بىر سىنىپتا ئەمەس، بەلكى پاراللىل ئوقۇغان ئىدۇق.

داۋامى بار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 12:46 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2117
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 12:51:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن  تىزىراق يوللىڭە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6750
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 01:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۈم قانداق ئەھۋالىڭىز. بۇ ئەسەرنى ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ؟ مەن بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئەسەرنى ئوقۇغان ئىدىم.


ئۇنىڭ ماۋزۇسى: ھىجران كوچىسىدا
ئاپتۇرى: مەمەتجان ئابلەت ياۋا كۆز

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110937
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 48
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-11-16
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 01:44:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
iptihar2014 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 01:13 PM
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۈم قانداق ئەھۋالىڭىز. بۇ ئەسەرنى ئۆز ...

ھىجران كوچىسى بىلەن بۇ ئايرىم ئايرىم ئەسەر. مەزمۇنىمۇ ئوخشىمايدۇ.
ھىجران كوچىسىنى مەنمۇ ئوقۇغان. ئۇنىڭدىكى پەرھات ئاۋۇ قىزنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشى. ماۋۇنىڭدىكى ئادىل بالىلىقتىكى دوستى.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109197
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 02:20:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنساپسىز ئادەمنىڭ كۆڭلى قارادۇر،
نادان ۋە ئاچكۆزلەر ئەلگە بالادۇر.
ئىناقلىق بولمىغان قەۋم ئۇ ھامان،
ئاخىر قان يىغلاپ دەردتە قالادۇر.

تەڭىرتاغ غونچىللىرى بىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106846
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 397
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-5-17
ئاخىرقى: 2014-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 04:07:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ئاچاش

چىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە،ئۇلار تۇننىڭ زىننىتى بوۋىلارنىڭ سۆزىچە

ئــــــۇيــــغـــــۇرۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4975
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6214
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 04:19:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى بۇنىڭ داۋامى  پەخرىيەخان ؟

ئـــــــــــەرنىڭ بــــــــــــــــــــەختى ۋاپادىن ، ئـــــــــــــــــايــــــــــــــالنىڭ بەختى  ھايادىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 04:20:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىسىز،داۋامىغا تەشنامەن.

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111541
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 242
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2014-12-7
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 07:15:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتىكەن . ئاخىرى قاچان يوللىنار………

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 12:37:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ؟

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش