مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2916|ئىنكاس: 20

غۇلام ئەلى غوپۇرنىڭ ( دەردىمنى ئال ) ناملىق پىلاستىنكىسى بازارغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48072
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3233
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2011-7-16
ئاخىرقى: 2014-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 05:54:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار!
«كېتەرسەنمۇ»، «سۆيەلمىسەڭمۇ» قاتارلىق ناخشىلىرى بىلەن ياشلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان، ‏يېتىلىۋاتقان، ياش، ئۆمۈدلۈك ناخشىچى غۇلام ئەلى غوپۇرنىڭ ئەڭ يېڭى، نادىر ناخشىلىرىدىن تۈزۈلگەن «دەردىمنى ئال» ناملىق  DVD، CD پىلاستىنكى پات ئارىدا ھوزۇرىڭلارغا سۇنىلىدۇ. پىلاستىنكىدىكى سەنئەت ئىلمىيلىكى بىلەن چالغۇلاشتۇرۇلغان، يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان يېقىملىق كۈيلەر سىزنى ئىختىيارسىز مەستخۇش قىلسا، تالانتلىق ئاكتىيور، رېژىسور مەمەتجان ئابدۇقادىرنىڭ باش بولىشى ئارقىسىدا رۇياپقا چىققان، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىچە بېرىپ سۈرەتكە ئېلىنغان، يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق mv كۆرىنىشلىرى قوشۇلۇپ سىزنى سەنئەتنىڭ ھەققى نازۇك تۇيغۇلىرىغا باشلاپ كىرىدۇ؛ ئاچچىق، تاتلىق تۇيغۇلار ئىچىدە سىزنىڭ سەنئەت تەشنالىغىڭىزنى قاندۇرىدۇ. پىلاستىنكىنىڭ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يورۇق نوقتىسى ۋەقەلىك ئېھتىياجى بىلەن شاڭخەيگە مەخسۇس بېرىپ ئىشلەنگەن، رىئالنى ئەھمىيتى، سەنئەتلىك قىممىتى يۇقىرى، بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنغان 6 ناخشىدا بولۇپ ئارامبەغىش، يېقىشلىق كۈيلەرگە يانداشقان يارقىن كۆرىنىشلەر سىزنىڭ سەنئەت دۇنيارىڭىزدا تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ سىزنى يېڭىدىن يېڭى گۈزەل تۇيغۇلارغا باشلاپ كىرىدۇ.
‏سەنئەت گۈلزارىغا يېڭىدىن تىزىلماقچى بولىۋاتقان بۇ گۈل دەستە پات ئارىدا ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ!


غۇلامئەلى غوپۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
تونىلىۋاتقان ، تالانتلىق ياش ناخشىچى غۇلامئەلى غوپۇر . 1987-يىلى 2-ئاينىڭ 6- كۈنى قەشقەر يىڭىشەر ناھىيسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .
غۇلامئەلى كىچىكىدىن قويۇق بولغان سەنئەت مۇھىتى شۇنداقلا دادىسىنىڭ رىغبەت ، ئىلھاملىرى ، تەربىيسى بىلەن مۇزىكىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق ئۇنىڭ سەبىي قەلبىدە بىخ سۈرگەن ئىدى . دادىسى ئۇنى دەسلەپتە داپ چىلىشتا مەشقىلەندۈرگەن بۇلۇپ ،كىيىن باشقا سازلارنىمۇ چىلىشىنى ئۆگىنىپ ، مەكتەپ ۋە مەھەللىلەردىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ، توي-تۆكۈنلەردە ساز چىلىپ ئۆزىنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى تىخىمۇ ياخشى جارى قىلىدۇرۇپ ، ھەم ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ راۋاپ ، دۇتتار.. ، رىيال قاتارلىق مىللى ھەم زامانىۋى ساز چالغۇلارنى چىلىشىنى ئۆگەندى.
غۇلامئەلى غوپۇر تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى،مۇزىكىغا ، ناخشىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق ، قەلبىنى چۇلغاۋاتقان ئارزۇ ئارمانلىرى ئۇنى بوشاشماي ئالغا ئىلگىرلەپ ، قەلبىدىكى ئاشۇ يۈكسەك چوقىلارغا چىقىش ئۈچۈن شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ، ئارزۇسى بويىچە مۇزىكىدىن تىخىمۇ ئەتراپلىق ، مۇكەممەل بىلىم ئىلىش ، ئىزدىنىش ئۈچۈن  ئىمتىھان بىرىپ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى چوڭلار مائارىپىغا قوبۇل قىلىندى .
ئۇ سەنئەت ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇش ھاياتىدا ئىزچىل بوشاشماي ،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ئۈگەندى . كىيىنچە كومپىيوتۇردا مۇزىكا چالغۇلاشتۇرۇش ئىستىكى بىلەن ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ناخشا سەنئىتىگە كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان ، ھەم قۇشىۋاتقان ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان سەنئەتكار ، مۇزىكانت مەۋلان مەمتىمىنىڭ زامان سىتودىيىسىدە، مەۋلان مەمىتىمىن ۋە ئىنىسى مۇھەببەت مەمىتىمىن لارنى ئۇستاز تۇتۇپ ، كەسپىنى تىخىمۇ مۇكەممەل ھەم سىستىملىق ئۆگەندى .
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ، ئۇ上海都全紧固件有限公司 دە ئىشلەپ كەلمەكتە . گەرچە ئۆز كەسپىگە تۈپتىن يات خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما مەسئۇلىيەتچانلىق ، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ باشقا خىزمەتداشلىرى ھەم شىركەت يۇقىرى قاتلىمىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشى ھەم ئالىي باھاسىغا نائىل بولۇپ كەلمەكتە .
ئەمما مۇزىكىدىن ئىبارەت ، ئۇنىڭ سەبىي چاغلىرىدىن تارتىپ قەلبىدە بىخ سۈرۈپ ، يىلتىز تارتقان بۇ ئارزۇ ئارمانلار ئۇنىڭ قەلبىنى ھەر ۋاقىت چۇلغايتى . ناخشا مۇزىكىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق ئۇنىڭ ئىجادىيەتكە ئۈندەيتى . بالىلىقتىكى ئارزۇ-ئارمانلار ، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ھەم سۇنماس ئىرادىسى بىلەن ئۇ ئىشتىن سىرتقى چاغلاردا ئۆزلىكىدىن ئىجادىيەت قىلىپ ، 2010-يىلنىڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئىجادىيەت مىۋىسى بولغان < كىتەرسەنمۇ > ناملىق ناخشىسى كەڭ خەلق ئاممىسىغا سۇندى . بۇ ناخشا كەڭ ياشلارنىڭ قەلب تارىنى چىكىپ ، بىر مەزگىل مودا ناخشىلاردىن ئورۇن ئالدى . شۇنداقلا دوستلىرى ھەم كەسپداشلىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا ، رىغبەت ، ئىلھاملىرىغا مۇيەسسەر بولدى . بۇنىڭدىن قەلبى ئالەمچە خوشال بولغان غۇلامئەلى تىخىمۇ تىرىشىپ ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ھارماي-تالماي ئىزدىنىپ كىيىن سۆيەلمىسەڭمۇ ، ئەزىز يار ، قارىمىساڭمۇ ، ئايدىڭ كىچىلەر، جان ئانا قاتارلىق بىر يۈرۈش لىرىك ، مۇڭلۇق ناخشىلارنى ھەم شوخ خەلق ناخشىلىرىنى ئىشلىدى ھەم MV ناخشلىرىنى ئىشىلەپ ئۇيغۇر توربەتلىرىدە ئىلان قىلىپ ، ياشلارنىڭ ھەم چوڭلارنىڭمۇ ياقتۇرىشىغا نائىل بولدى . شۇنىڭدىن كىيىن خىزمەتتىن سىرتقى چاغلاردا ئۆزىنىڭ ھەم كەسىپداشلىرىنىڭ ئىجادىي ناخشىللىرىنىڭ مۇزىكىسى ھەم چالغۇلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قىلىپ كەلمەكتە .
ئەنە شۇنداق تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ئۆزى سۆيگەن بۇ كەسپىنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ نەچچە يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ، تىرىشىش ئارقىلىق 2013-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى < دەردىمنى ئال > تىمىسىدىكى پىلاستىنكىسىنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە پۈتتۈردى . 2013- يىلنىڭ ئوتتۇرى بارلىق ناخشىلىرىنىڭ چالغۇلاشتۇرۇش ، ئۈنگە ئىلىش خىزمىتىنى تاماملاپ ، 2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2014- يىلى 5- ئايغىچە ، تالانتلىق ئاكتىيور ، تونىلىۋاتقان رىژىسسور مۇھەممەتجان ئابدۇقادىر بىلەن قەشقەر ، ئۈرۈمچى ، شاڭخەي ، خاڭجۇ ،  يىۋۇلاردا سۈرەتكە ئىلىپ ، پۈتۈنلەي يىڭىلىققا ، خاسلىققا ، ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان پلاستىنكىسى كەڭ خەلق ئاممىسىغا سۇندى .
ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن . شۇنداق غۇلامئەلىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى ، كەسپىگە بولغان مۇھەببىتى ھەم مەسئۇلىيەتچىلىقى بىلەن ئۇنىڭ بۇ مىننەتسىز ئەجىرلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئۆزىگە لايىق بولغان نەتىجىلەرنى بەردى . غۇلامئەلى غوپۇرمۇ بۇندىن كىيىنمۇ ئۆز كەسپىدە يەنىمۇ تىرىشىپ ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ، تىخىمۇ نادىر  ئىسىل بولغان ، مۇڭلۇق ، لىرىك كۈيلەرنى ، شوخ ، جۇشقۇن ناخشىلارنى خەلىقىمىزگە سۇنغۇسى . ئۇيغۇر سەنئەت كۆكىدە پارلاۋاتقان ، ئۈمىدلىك يۇلتۇزلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغۇسى .....

ئاتا- ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36
يازما سانى: 2208
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12064
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 3080 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 07:07:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنكاس مۇكاپاتى +1

دوستۇم غۇلام ئەلىنىڭ  ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي

سەنسىز يۈرگۈنۈمدىن سىنى كۆرگەن چۈشلىرىم ياخشىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94621
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 810 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 07:18:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
MVلىرى بەكلا يارىدى ماڭا،سېتىشقا باشلىغاندا چۇقۇم ئالىمەن

http://xadiman.tawarim.com/   تاۋارىم شادىمان بالىلار دۇنياسىغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ،ئوماقلىرىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بوپ قالغۇسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 866
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1537
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 08:11:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرۇتداش ئكەنمىزدە؟   نەدە كۆرگەن بولغيتىم دەپتىمەن ئۇتۇق تىلەيمەن.

مېركۇرىي ئىسىملىك تورداش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8745
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2094 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 08:22:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتەرسەنمۇ ، سۆيەلمىسەڭمۇ  دىگەن ناخشىلىرى گەرچە چۈشكۈن مۇھەببەت ناخشىلىرىغا تەۋە بولسىمۇ ، لىكىن مۇزىكا ۋە ئورۇنداش جەھەتتە شۇ تىپتىكى ناخشىلارنىڭ ئۈلگىسى دىيىشكە بولىدۇ . مۇنداقچە ئىيتقاندا ، ئاچقان يەرگە بارالايدۇ
. ناخشىنىڭ تىكسىتىگىمۇ بەكرەك كۈچىسە دىگەننى ئۈمىد قىلىمەن .

         مايمۇن كېشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال - خۇرام قامچىغا ،
         تۆگە كىلۇر مەردانە ھەم قوتۇر ئىشەكنىڭ كەينىدە ،
         ...

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 698
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2047
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 08:54:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
م ۋ سىنى ئىچىكىرىدە سۈرەتكە ئاپتۇدە،شاڭخەينىڭ مەنزىرىسىنى تۇنۇپ قالدىم،خېلى پەيزى چىققاندەك قىلىدۇ.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BUEREZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-10 08:55 PM  


قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 09:11:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قاچان چىقا دەپ دەھشەت ئىنتىزار بولۇپ كىتىۋاتىمەن .

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101787
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1489
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 365 سائەت
تىزىم: 2014-1-4
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 09:49:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ....م ۋ سى راسلا قالتىس چىققاندەك قىلىدۇ، يېقىندىن بىرى ئۇيغۇر كىنوچىلىقىمىز ۋە ناخشا م ۋ ئىشلەش جەھەتتە ئىلگىرلەشلەر راسلا زور جۇمۇ، كۆز تەگمىسۇن.

يۇقۇرغا قاراپ پىكىر قىل، تۈۋەنگە قاراپ شۈكۈر(قىل)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1085
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3892
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 976 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 10:12:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئۆتنە ئالەم بۇ .ب

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57001
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3218
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 04:03:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي غۇلام ئەلى تىرشقان تاپار بوپتۇ ئۇكام ئۇتۇق تىلەيمىز

ئۆتنە ئالەم بۇ .بۈگۈن ماڭا،ئەتەساڭا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش