بۆرەكنىڭ سەككىز دۈشمىنى
جۇڭيى تېبابىتىدە «بۆرەك تۇغما شەكىللەنگەن ئەزا» دېيىلىدۇ. ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىق ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدۇ، ئەمما بۆرەك تۇرمۇشتا مۇنداق دۈشمەنلەرگە دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ:
تۇز ۋە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك: يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكنى كۆپ يېيىش ئادەم بەدىنىگە تازا پايدىلىق ئەمەس، دائىم يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك يېگەنلىك بۆرەكنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېغىرلاشتۇرغانغا باراۋەر؛ يېمەكلىك بەك تۇزلۇق بولۇپ كەتسىمۇ بۆرەككە پايدىسىز. تېۋىپلار مۇنداق دەيدۇ:«مۇۋاپىق يېيىلگەن تۇز بۆرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ، ئەمما تۇز بەك كۆپ بولۇپ كەتسە قان بېسىمنى ئۆرلىتىپ بۆرەكتىكى قاننىڭ نورماللىقىنى ساقلاش ئىقتىدارىغا تەھدىت سالىدۇ، ھەتتا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ».
سۇنى ئاز ئىچىش: نۇرغۇن ئادەم ئالدىراشچىلىقتا سۇ ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بىراق سۇنى ئاز ئىچكەندە سۈيدۈك ئازىيىدۇ، سۈيدۈك تەركىبىدىكى كېرەكسىز ۋە زەھەرلىك ماددىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىدۇ. كىلىنكىدا دائىم ئۇچرايدىغان بۆرەككە تاش چۈشۈش سۇنى ئاز ئىچكەنلىكنىڭ مەسھۇلى. شۇڭا ئادەم سۇنى كۆپ ئىچىشكە ئادەتلىنىشى، ئىچىملىكنى ئەمەس، قايناق سۇنى كۆپ ئىچىشى كېرەك.
ئۇزاق ئولتۇرۇش: ھەرىكەت قىلماي ئۇزاق ئولتۇرۇش دوۋساقتىكى ھاۋا ۋە قاننىڭ راۋان بولماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۆرەك ئىقتىدارى نورمالسىزلىشىدۇ. ئادەتتە بىر ئورۇندائۇزاققىچە ئولتۇرۇۋالماي مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، باشنى ئايلاندۇرۇپ بېرىش زۆرۈر.
سوغۇق ئۆتۈش: جۇڭيى تېبابىتىدە بۆرەك سوغۇقتىن قورقىدۇ، بۆرەكنى قوغداش ئۈچۈن بەلنى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك، دېيىلىدۇ؛ بۆرەك بىلەن بەلنى ئاسراش ئۈچۈن، پۇتنى ئىسسىق تۇتۇش ئەڭ مۇھىم، ئىككى قولى بىلەن بەلنى ئۇۋلاپ ئىسسىتىپ بەرسە، بەلنى ۋە بۆرەكنى ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
چۆچۈش: جۇڭيى تېبابىتىدە «قورقۇش» بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ؛ ئادەم قورقۇپ كەتكەندە تۆۋەنكى مۈچە ئېچىشىپ ئاغرىيدىغان، چوڭ-كىچىك تەرەت راۋان بولمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇ بۆرەكنىڭ ئادەم قورققان ۋاقىتتىكى ئىپادىسى. بەزىلەر قورقۇنۇچلۇق كىنولارغا ئامراق. بىراق كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن قورقۇپ ئۇخلىيالمايدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا، بۆرەك جەۋھىرى سەرپ بولۇپ تۈگەيدۇ.
سۈيدۈك قىستاش: دوۋساق سۈيدۈكنى يىغىپ ساقلايدىغان ئورگانىزم، ئۇ دائىم نورمال ئېچىلىپ ھەم يېپىلغاندىلا، سۈيدۈك نورمال چىقىپ كېتەلەيدۇ. ئەكسىچە دائىم سۈيدۈكنى قىسىۋېلىش سۈيدۈكنىڭ نورمال چىقىشىغا توسالغۇ بولۇپ، بەدەندىكى پار ماشىنىلىرىغا زىيان سالىدۇ.
شەھۋەتپەرەسلىك: جۇڭيى تېبابىتىدە «بۆرەك قۇۋۋىتىنى ساقلاش» بۆرەكنىڭ جەۋھىرى، شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ يىلتىزى؛ بۆرەك جەۋھىرى زەخىملەنسە، ئادەمنىڭ ھاياتىغا زىيان يېتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئەر-خوتۇنچىلىق مۇناسىۋىتى ئوڭۇشلۇق بولمىسا، بۆرەك زەخىملىنىدۇ ياكى زەئىپلىشىدۇ، شۇڭا دوختۇرلار «شەھۋەتپەرەسلىكنى توسۇش»، «ئەر-خوتۇنچىلىق مۇناسىۋىتى»گە چەك قويۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-8 03:21 PM