مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 903|ئىنكاس: 4

2015-يىلى ئالتۇن باھاسى ئۆرلەمدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100827
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 10:59:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھەممىمىزگە مەلۇم بۇ يىل دىيارىمىزنىڭ ئىختىسادى دۇنيا ئىختىسادىغا ماس ھالدا چېكىندى.پاختا باھاسى چۈشتى.دۇكانلاردا سودىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەن ھالەتتە.
مەن ئىختىساتتا ئەڭ موھىم بولغان ئالتۇنغا بولغان كۆز قارشىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەخسىتىدە بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.بۇ پەقەت مېنىڭ كۆز قارشىم خالاس.
ئىختىساد يەرشارىلاشقان دەۋرىمىزدە بىزمۇ يەرشارىنىڭ ئەزالىرى بولغىنىمىز ئۈچۈن ،يەر شارىنىڭ ئۇ چېتىدە بىر ئىختىسادى مەسىلە كۆرۈلسە ناھايىتى تىزلا بىزگە تەسىر قىلىدۇ.
ئالتۇن باھاسى چۈشتى،2015-يىلى ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلەمدۇ؟
بۇ سۇئالغا مەن ياق دەپ جاۋاپ بېرىمەن.
چۈنكى بۇ ئالتۇننىڭ چۈشىشى ئالدىنقى يىللاردىكىدەك ئادەتتىكىچە ئىختىسادى كىرزىستىن پەرقلىك بولىۋاتقان ئامېرىكا بىلەن روسىيەنىڭ نىفىت ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدىن چۈپ كېتىۋاتقان ئالتۇن ئۇنچە ئاسان ئېسىگە كەلمەسلىكى مومكىن.ھەتتا ئومۇميۈزلۈك مال باھاسى تۆۋەنلەپ كېتىشى مومكىن.
نىفىت ئۇرۇشى سەۋەبىدىن روسىيە ئىختىسادى زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى.روسىيە ئىختىسادنىڭ موقۇملۇقىنى ساقلاش ،نىفىت ئۇرۇشىدىكى پاسسىپلىقنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالتۇن سېتىۋېلىش قەدىمىنى تىزلىتىپ،ئالتۇن زاپاس مىقدارىنى ئاشۇرىۋاتىدۇ.سەئۇدى ئەرەبىستان كەلگۈسىدە دۇنيا تۆۋەن باھالىق نىفىت دەۋرىگە كىرىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈردى.دىمەك كېلەر يىلى نىفىت ،ئالتۇن موقۇم تۆۋەن باھانى ساقلاش ئىھتىمالى يۇقىرى.ئوكرائىنىيە مەسىلىسى ھەققىدە روسىيە بىلەن ئامېرىكا ،ياۋرۇپا رايۇنىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كېلىشتىن بۇرۇن ئىختىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ناتايىن.ئەگەر ئىختىسادتا بىز ئويلاپ باقمىغان تەتۈر شامال چىقىپ قالسا ،ئالتۇن باھاسى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشىمۇ مومكىن.ئەمما بۇنداق ئېھتىماللىق ناھايىتى تۆۋەن.
ئاخىرىدا ئالتۇن سودىسى قىلىدىغانلارغا تەكلىۋىم :ئالتۇننىڭ ئەڭ تۆۋەن باھا چېكى 200يۈەن،يۇقىرى باھا چېكى 400ئەتراپىدا بولىدۇ.دىيارىمىزدا ئالتۇن باھاسى ئۆرلىسە كۆپلەپ ئالتۇن سېتىۋالىدىغان ،چۈشسە ھەدەپ ئالتۇن ساتىدىغان خاتا ھەركەت ئومۇملاشقان .ئالتۇندىن پايدا ئالىمەن دەيدىكەنمىز ئالتۇن باھاسى ئۆرلىگەندە ئالتۇن سېتىۋېلىش بىز ئۈچۈن پايدىسىز.چۈنكى دايىم ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلىيالىشى ناتايىن.ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش ياكى چۈشىشىدىكى موھىم سەۋەپ دۇنيانىڭ ئىختىسادى ھەم سىياسى ۋەزىيتى.ھازىرقى ۋاقىتتا دۇنيا ئىختىسادى چېكىنگەن،سىياسى ۋەزىيتى ناھايىتى قالايمىقان .شۇڭلاشقان ئالتۇن سودىسى قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئالدىمىزدىكى 3يىلدا ناھايىتى سەگەكلىك بىلەن سودا قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 03:53:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقتا 2015يىلى ئالتۇن 200يۇەنگە چۈشەمدۇ ؟

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 03:59:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولتۇز يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 03:53 PM
ئۇنداقتا 2015يىلى ئالتۇن 200يۇەنگە چۈشەمدۇ ؟

ئۇنچىلىك تۆۋەنلەپ كەتمەس ، بەلكىم شۇ 220 -230 نىڭ ئارلىقىدا بۇلىشى مۇمكىن .ئەڭ تۆۋەن چەك .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13237
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 04:31:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەتراپلىق تەھلىل قىپسىز . توغرا مىنىڭچىمۇ ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشكەن تەغدىردىمۇ ئىستىمال سەۋىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا تۆۋەنلەيدۇ ، ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسىلا .

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1920
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4720
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 05:37:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزمۇ ئامېرىكىنىڭ ئالتۇن زاپاس ساقلاش ئورنىغا قۇيغان  ئالتۇنىدىن ھەر بىر پۇخراغا بىر گىرامدىن تارقىتىۋەتسە...كىيىن ئۆسكەندە بىز ئۇ ئالتۇنلارنى ھۆكۈمەتكە سىتىپ بەرسەك بىر سەكرەپلا ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈدەكمىز ئىختىسادتتا.بىراق بۇ بىر خام خىيال.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش