- توردا
- 2614 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-22
- ياخشى باھا
- 359
- مۇنبەر پۇلى
- 25475
- تۆھپە نۇمۇرى
- 500
- تىزىملاتقان
- 2010-6-22
- ھوقۇقى
- 255
- يازما
- 174
- تېما
- 109
- نادىر
- 6
- جۇغلانما
- 283
- UID
- 2841
 
|
 |
 |
 |
 |
دەۋىرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر كىشىلەرنىڭ كۆپلىگەن ۋاقىتلىرىنى كونتىرول قىلىۋالدى. كىشىلەردە كىتاب ئوقۇشتەك قىزغىنلىق بارغانچە سۇسلاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، كونسۇل كوچىسىغا جايلاشقان ئوسمانىيە ساغلاملىق چايخانىسى چايچىلىق مەدەنىيتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ بۇ چايخانىنى ھەم چاي ئىچكەچ ،ھەم كىتاب ئوقۇغاچ ئولتۇرۇپ مەنىۋىي ھەم ماددىي ئېھتىياجنى تولۇقلايدىغان يېڭىچە بىر تىجارەت ئەندىزىسىنى ئوتتۇرغا قويدى.
ئوسمانىيە چايخانىسىنىڭ 4 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە ئوسمانىيە چايخانىسىنىڭ يېڭىچە قىياپەتتە كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن 12- ئاينىڭ 6 – كۈنى كاتتا پائالىيەت ئۆتكۈزدى .پائالىيەتكە تونۇلغان رىياسەتچى مەۋلۇت ئىبراھىم رىياسەتچىلىك قىلدى .
جامائەت ئەربابلىرىدىن ھۆرمەتلىك ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ،مىجىت ناسىر ، يۈسۈپ ئەيسا ، ئىمىن ئەھمىدى ،ئۇستازلاردىن ئابدۇقادىر جالالىدىن ، يالقۇن روزى ، ئابدۇقەيۇم ئىمىن ،شۇنىڭدەك شىركەت – كارخانىلار ،ئىدارە ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى .
ئىگىللىشىمىزچە ئوسمانىيە چايخانىسىغا تىزىلغان كىتابلارنى خېرىدارلار ئىستىمال سوممىسى 300 يۈەنگە يەتكەن ھالەتتە ماس ھالدىكى كىتابتىن بىرنى ئېلىپ كەتسە بولىدىكەن. كىتابنىڭ سۈپىتىنى بۇزمىغان ھالدا ئوقۇپ بولغان كىتابلار يېڭى كىتابلارغا ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدىكەن .
بىز تور بېكىتىمىز نامىدىن ئوسمانىيە ساغلاملىق چايخانىسىنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمىز. ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ ئوسمانىيە قىرائەتخانىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تۆۋەندە پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر بېرىلدى؛
رەسىملەرنى مىسرانىم فوتوگىرافى ئەخمەتجان تارتقان
،تېلىفون : 18599005244
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 11:00 PM
|
 |
 |
 |
 |
|
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10
باھا خاتىرىسى
|