 |
 |
 |
 |
كۈنسىرى سۇسلىشىۋاتقان مەدەنىيەت بازارلىرىمىزنى جانلاندۇرۇش ۋە تۆھپە قوشۇش يولىدا ئۈزلۈكسىز تېرىشىپ كېلىۋاتقان دىلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى قېرىنداشلارنىڭ مەنىۋىيتىنى بېيىتىش ئۈچۈن بىرلا قېتىمدا يەتتە پىلاستىنكىنىڭ تارقىتىش پائالىيتىنى ئۆتكۈزدى . پائالىيەتتە ھەربىر پىلاستىنكا ئۈچۈن ئەجىر قىلغان ئەزىزلەر ئۆز يۈرەك سۆزلىرىنى قىلدى ۋە ھەر بىر پىلاستىنكا چىقارغۇچى دوستىمىز بىردىن ناخشىنى نەق مەيداندا ئورۇنداپ بەردى .
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە شىنجاڭ دىل كۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ يېڭى يىللىق سوۋغۇسى سۈپىتىدە ناخشىچىلىرىمىزدىن ئىلھام ئىمىنجاننىڭ << گۈزەل دۇنيا>> ، <<ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەدتۇرسۇن ناخشا كېچىلىكى >> رافەت ئەل روماننىڭ << رافەت ئەل رومان ئۈرۈمچى ناخشا كېچىلىكى >>،<<ئەركىن كېرەم سەنئەت كېچىلىكى >>، غولام ئېلى غوپۇرنىڭ<<دەردىمنى ئال >>،قەيسەر ھەبىبۇللارنىڭ<< كۆل بويىدا >>، ئابدۇغېنى ئابلىكىمنىڭ << ۋىسال كۈيى >> قاتارلىق پىلاستىنكىلىرىنى بازارغا سالدى.
پائالىيەتتە يەنە دىلكۈيى مەدەنىيەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى روزى مۇھەممەد ئەپەندىم ، ھاجى مۇختار بۇغرا، مىسرانىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختەر قاتارلىقلار ساختا پىلاستىنكىلارنىڭ نەشىر قىلىنىشىنى توسۇش ، ئۆز مەنىۋىيتىمىزنى بېيىتىۋاتقان شىركەت ۋە كارخانىلارنى قوللاش قاتارلىق مەزمۇنلاردا سۆز قىلىپ ئۆتتى .
پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىرقىسىم رەسىملەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 12:05 AM
|
 |
 |
 |
 |
|