مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4738|ئىنكاس: 33

ھۆكۈمران: تالا مۈشۈكى (ئەخمەد ۋاھىدى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2550
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21642
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9883 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 05:19:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تالا مۈشۈكى
ئاپتورى: ئەخمەد ۋاھىدى



بىئەدەپ يالغۇز ئۆزى بولماس يامان،  
ھەممە ئالەمگە چاچار ئۇ ئوت ھامان...
(يانچۇق دەپتىرىمدىن)

  
    مەن ئوغلۇمنى مەكتەپكە ماڭدۇرۇپ، ئۆيۋاقنى يۇغۇشتۇرۇپ تالاغا چىقتىم. ئىللىق ھاۋا، مەيىن شامال سىنتەبىرنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن ئاپئاق بولۇتلار بەكمۇ ئاستا سىلجىيتتى. تاڭ قۇياشى بولۇت قوينىدىن گاھى-گاھى كۆرۈنۈپ قۇياتتى. شىركەت ئىشخانىلىرى ئالدىدا باتۇر خۇددى بىرسېنى ساقلاۋاتقاندەك ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. ئېغىزىدا تاماكا، كۈزى چوڭ دەرۋازىدا ئىدى.
    ھايال ئۆتمەي قولىغا يوغان بىر سومكا كۆتۈرۋالغان، مۈرسىىگە چىرايلىق قىزىل سومكا ئېسىۋالغان بىر قىز يىنىك قەدەم تاشلاپ ئويناقشىپ كەلدى-دە، يىراقتىنلا باتۇرغا ئىگىلىپ تازىم قىلدى. ئاندىن ماڭا قاراپ قۇيۇپ سوغوق كۈلدى. بۇ قىز شىركەتكە يېڭىدىن كەلگەن كاتىپ ئايجامال ئىدى.
-بۇياققا كىلىڭ،-دېدى باتۇر قولى بىلەن ئايجامالنى چاقىرىپ،-ئەجەپ كىچىكتىڭىزغۇ، ئاخشام بىز نېمە دىيىشكەن؟
-ۋىييەي، خاپا بولماڭە باتۇركا، ساقلىتىپ قۇيۇپتىمەن، دېدى ئايجامال كۈلۈپ تۇرۇپ،-بۇندىن كېيىن دىققەت قىلاي.
باتۇر  ماشىنا قۇيىدىغان ئامبارنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ ھەيدەپ چىقتى.
-قېنى، تىز ماشىنىغا چىقىڭلار،-دېدى باتۇر دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ،-يول ئۇزۇن، كەچكىچە يەنە قايتىپ كېلىمىز.
   مەن ماشىنىنىڭ كەينىدىكى قاپقاقنى ئېچىپ سومكىلارنى ئىچىگە ئاۋايلاپ تىقتىم. قۇغۇن-تاۋۇزلارنىمۇ پەم بىلەن جايلاشتۇردۇم. باشقىلار ئۈچۈن ھەمىشە پايپىتەك بولۇپلا يۈرۈيدىغان مىجەزىم زادىلا ئارام تاپقۇزمايتتى. ئاخشامدىن بۇيان سەپەر جابدۇقىنى قىلىپ خېلى ھارغان ئىدىم. باتۇر ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسېنى يوقلاش، روزا ھېيتىنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن گۈلئاۋات يېزىسېنىڭ گۈلئاۋات كەنتىگە بىزنى ئېلىپ ماڭغان ئىدى.
مەن قەستەن يۈكتاقلارنى كۆتۈرگەن بۇلىۋېلىپ ماشىنىنىڭ كەينىدە تۇراتتىم. ئايجامال ماشىنىنىڭ ئالدىغا چىقامدۇ ياكى كەينىگە چىقىپ ئولتۇرامدۇ دېگەننى خىيال قىلىپ، ئۇنىڭغا يول بېرىپ ساقلاپ تۇراتتىم. ئۇمۇ ماڭا لاپپىدە بىر قارىۋىتىپ باتۇرنىڭ كەينىدىكى ئىشىكنى ئېچىپ ماشىنىغا چىقتى. مەن باتۇرنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم.
    ئايجامالنىڭ تۈنۈگۈن بىر كۈن يوقاپ كەتكىنىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم. ئۇ ئۇزۇن سۇمبۇل چېچىنى كەستۈرۈپ كالتە قىلىپ ياسىتىپتۇ. «ۋاي ئەخمەق قىز،-دېدىم ئىچىمدە مىڭنى تىللاپ،- يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىگە ئوت ياقىدىغان ئاشۇ توم-توم ئۇزۇن چېچىڭنى كەستۈرۈپ نېمە تاپارسەن؟». ئۇ ئۈستىگە قېنىق يېشىل رەڭلىك قىسقا يوپكا، قارا رەڭلىك كالتە يەڭ يىپەك كوپتا كىيىۋالغان بولۇپ قۇلاقلىرىدىكى ئالتۇن ھالقا، قوللىرىدىكى ئالتۇن بىلەيزۈك، بوينىدىكى ئالتۇن بولاپكىلار ئەمدىلا كۆتۈرىلىۋاتقان قۇياش نۇرىدا ۋال-ۋۇل چاقناپ كۆزلىرىمنى قاماشتۇراتتى. تەكشى قىرقىلغان قاپقارا ماڭلاي چېچى كەڭ پىشانىسېنى يېپىۋالغانىدى. ئۇپا-ئەڭلىك بولۇلىشىغا سۈركۈلۈپ پەردەزلەنگەن يۈز-كۆزلىرى ئالىي مىھمانسارايلار ۋەياكى ھەشەمەتلىك رېستۇرانلاردىكى ھەمىشە ھىجىيىپ ئىگىلىپ سالام بېرىپ تۇرىدىغان كۈتكۈچى خانقىزلارنى ئەسلىتەتتى. بۇنداق كۈچلۈك جەزىبە ئالدىدا باتۇرنىڭ ئېغىزىغا گەپ كەلمەي ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ قېتىپلا قالدى. بۇنىڭدىن نە چۈشى ئىكەنلېكىنى بىلمەي ھۇشىنى يۇقاتقاندەك قىلاتتى. شۇ تاپتا باتۇرنىڭ قاغجىراپ كەتكەن ئاچكۆز قەلبىدە مەۋج ئۇرىۋاتقان ئىشىق-مۇھەببەت تەشنالىقىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايتتى.
ماشىنا ئىچىدىكى گۆردەك جىمجىتلىقنى ئايجامال بۇزدى:
-ھوي، باتۇركا،-دېدى ئۇ قاقاھلاپ بىر كۈلىۋىتىپ،-مېنى ئىلگىرى كۆرمىگەندەك ئەجەپ تىكېلىپ قاراپ كەتتىڭىزغۇ، توۋا...
-ھوي قارىسام چەتنەپ كېتەرسىزمۇ، قارىغىدەك سەتەڭ بولۇپ كېتىپسىز،-دېدى باتۇر جاۋابەن.
-ھەرقانچە ياسانساممۇ ئايگۈل ئاچامغا يەتمەيمەن،-دېدى ئايجامال زورىغا كۈلۈپ كالچارلاپ،-سەتەڭ دېگەن يېنىڭىزدا، مەن چېنىپ قالماي دەپ ئانچە-مۇنچە ياسېنىپ قويدۇم شۇ! قانداق دېدىم ئايگۈل ئاچا؟
«سەتنىڭ ھالى يامان، چىرايلىقنىڭ دەردى يامان» دېگەن شۇدە،-دېدىم ئىچىمدە. مەن چىشىمنى چىڭ چىشلەپ ئۇنىڭ نۇمۇسسىزلارچە قىلغان گەپلىرىگە جاۋاپ قايتۇرمىدىم. غەزەپتىن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تىترەك ئولاشتى. لېكىن مەن يەنىلا دەرھال ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ جىم ئولتۇردۇم. چۈنكى، سوقۇشۇش ئاجىزلارنىڭ قورالى، دانا ئادەم ئۆزىنىڭ دۈشمىنىدىنمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايدۇ-دە، قايسىبىر دانا «سۆيگىنىڭ بولمىسىمۇ زىرىكىسىەن، رەقىبىڭ بولمىسىمۇ زىرىكىسەن» دەپ توغرا ئېيتىپتىكەن ئەمەسمۇ، ھازىر مەن مۇنۇ ئىككى ئەدەپسىزنى ئۇستاز تۇتۇپ كۆپ نەسىلەرنى ئۆگىنىۋاتىمەن. باتۇر بىلەن ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى ئورتاق تۇرمۇش ئوچىقىدا ئۇزاق يىل تاۋلانغان مۇھەببەت، شۇڭا بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز شارقىراپ يېغىپ ئۆتۈپ كىتىدىغان ئۆتكۈنچى يامغۇرغا ئوخشىمايدۇ. ساختىلىققا، ناز-كەرەشمىگە، ياغلىما گەپلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان خۇشامەتكە مۇھتاج ئەمەس! ئەمما، ھۇشيار بولۇشۇم كېرەك، يېقىن دوستلارنى ئەزىز تۇتۇش، مەككار دۈشمەندىن پەرھىز قىلىش ئىنساننى تۇلۇق مۇرادىغا يەتكۈزىدۇ!
-ئايجامال، گەپ قىلغاچ ماڭمامسىز؟ قىزىق-قىزىق لەتىپە-چاقچاقلىڭىزنى باشلاڭ،-دېدى باتۇر شاڭخەي ئەتىرىسېنىڭ ئۆتكۈر ھىدى دىمىقىغا ئۇرۇلغاندىن كېيىن يۈرىكىدىكى خۇشخۇيلۇقى بىراقلا ئۇرغۇپ.
-ۋاي قۇيىڭە، مەن يۇمۇر، لەتىپە دېگەنلەرنى بىلمەيمەن،-دېدى ئايجامال پىخىلداپ يالغان كۈلۈپ،-توۋا، ھوي باتۇركا، مېنىڭ لەتىپە ئېيتقىنىمنى نەدە كۆردىڭىز؟ چۈش كۆرۈپ جۆيلىگەندەك گەپ قىلىدىكىنا ماۋۇ ئادەم.
بۇ لاي تامغا ئىشەك تەپكەندەك قوپال گەپ ۋە كىشىنى سەسكەندۈردىغان بەتقىلىق، بەتبۇي سېرىن مۇھەببەتلىك چاقچاق كۈتۈپ تۇرغان باتۇر ئەپەندىگە چىدىغۇسىز ئاھانەتتەك بىلىندى. مېنىڭ قېشىمدا ئۇنى ئوسال ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئايجامال ئىلگىرىكى ئەركە-نايناقلىقى، ناز-كەرەشمىلىك كۈلكىلىرى ئورنىغا ھېلىقىدەك داڭقان-پۇتى گەپلىرىنى قىلسا قانداق بولىدۇ؟ ئايجامال ئىلگىرى باتۇرنى كۆرگەندە چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلىپ، مېنى كۆرگەندە بولسا ئەيمىنىپ تۈزۈك پاراڭ قىلالمايتتى، زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالاتتى، يالغاندىن ئۇياتچان، تارتىنچاق، كەم سۆز قىياپەتكە كىرىۋالاتتى، ھازىر دەل شۇنداق بۇلىۋاتاتتى. گەپ-سۆزلىرىدىن قوپاللىق بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئەيمىنىش، قورۇنۇش سەۋەبىدىن باتۇر بىلەن ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭلىشالمىدى. شۇڭا، بارىدىغان مەنزىلگە پاتراق بېرىپ، كۈننى تىزراق كەچ قىلىپ، خۇشى يوق مەندىن بالدۇراق ئايرىلىپ، ھېچكىم كۆرمەيدىغان جايلارغا كىتىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.
-مەن مۇشۇ ماڭغانچە قازاقىستان، تۈركىيە ھەتتا ياۋرۇپانى ئايلىنىپ كەلسەم دەيمەن، باتۇركا،-دېدى ئايجامال بايا قىلىپ قويغان قوپال گەپلىرىدىن باتۇرنىڭ خاپا بولۇپ جىمىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ،-قانداقراق،مېنى شۇ ياقلارغا ئاپىرىپ ئوينۇتۇپ كىلەلەمسىز؟
باتۇر قاقاھلاپ كۈلدى.
-ئۇنچىلىك ئىش قانچىلىك ئىش دەيسىز، ناھايتى جىق كەتسە ئىككى كاللەك كېتەر، ئۇ دېگەن كۇلىغا بىرلا كىرىپ چىقسام بولىدۇ ئەمەسمۇ؟-دېدى باتۇر.
-مەن ساياھەت قىلغاچ، سىزنىڭ ناخشا-سازلىرىڭىزنى، قىزىق-قىزىق لەتىپە-چاقچاقلىرىڭىزنى ئاڭلىسام دەيمەن.
«باتۇركا مەن سىزنىڭ پۇلىڭىزغا، ناخشا-سازلىرىڭىزغا ئامراق بولۇپ قالدىم دىگىنە قېلىن دابشاق،-دېدىم ئىچىمدە غەزەپلىنىپ،-بۇ رەزىل غەرىزىڭگە يەتكۈزمەيمەن»!
ئايجامال ئۇياتسىزلارچە قىلغان گېپىدىن پەخىرلىنىپ كۈلدى ۋە ماڭا ئىڭىشىپ قاراپ قويدى، مېنىڭ تەمكىن چىرايىمنى كۆرۈپ داۋام قىلدى:
-باتۇركا، مېنىڭ دەۋاتقان ساياھىتىم، بارغان-كەلگىنىنىڭ، يىگەن-ئىچكىنىنىڭ، كۈلگەن-ئوينىغىنىنىڭ تاينى يوق ساياھەت ئەمەس. بەلكى، رەڭگارەڭ ئالەمنى، خىلمۇ-خىل تەبىقىدىكى ئادەمنى ۋە ئۇلارنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قەدىمىي ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەم دەيمەن. ناۋادا، شارائىتىم بولسا، -دېدى ئۇ ئۇلۇغ كىچىك بىر تىنىپ لىۋىنى چىشلەپ، تىللىرىنى چاكىلدىتىپ،-پۈتۈن ئالەمنى بىر ئايلىنىپ كەلگۈم بار... ھا-ھا-ھا...
-قالتىسكەنسىز، قالتىسكەنسىز، جۇمۇ خانقىز، خۇدائىم مۇرات-مەقسەتلىرىڭىزگە يەتكۈزگەي،-دېدى باتۇر قاقاھلاپ كۈلۈپ،-«زىيالى- قىلغان ئىشى خىيالى» دېگەن شۇدە!
باتۇر ئايجامالنىڭ كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان كۈلكىسىدىن بىزار بولغاندەك ۋە بۇ بىزارلىقىنى ماڭا بىلدۈرگۈسى كەلگەندەك ماڭا لاپپىدە بىر قاراپ قۇيۇپ:
-خىيالپەرەس گۈزەل قۇش بولۇپ قاپسىز،-دېدى باتۇر ئايجامالغا قارىتىپ، ئەمما ئايجامال بۇ مەسخىرىلىك گەپنى قېتىغا ئالمىغاندەك بىخارامان كۈلۈپ ئولتۇراتتى. باتۇر داۋام قىلدى،-ئاللا خالىسا، بۇ تەلەپلىرىڭىزمۇ يېقىن كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىپ قالار، بۇ يىلقى كىرىمىمىز ئۆتكەن يىلقىدىن بىر ھەسسە ئاشتى. ناۋادا كۇلىدىن كىلىۋاتقان خىمىيۋى ئوغۇتنى ۋاقتىدا ساق تاپشۇرۋالساق تىجارىتىمىز كۆڭۈلدىكىدەك گۈللەيدۇ، شۇغىنىسى، ماۋۇ خوتۇن، بىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىشىمىزنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغان بۇلىۋالدىغۇ تاڭ!
مەن خاپا بولۇشنىڭ ئورنىغا قاقاھلاپ كۈلۈپ، ئۇنىڭ تۇزسىز ئۇماچتەك گەپلىرىگە ھوررا توۋلاپ بەردىم. مەن سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكىنىڭ يېتىشىغا قاراپ ئىش كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ قالدىم. مۇنۇ ھاياسىز جىن چاچ ئارىمىزغا راۋۇرۇس كىرىۋېلىپ مېنى سىقىپ چىقارماقچى بۇلىۋاتقاندا، مەن ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشىم كېرەك. بىر دانىشمەن: «بەخىتلىك بولاي دىسەڭ، كۆزۈڭ بىلەن قۇلۇقىڭنى ئېچىپ قۇيۇپ، ئېغىزىڭنى چىڭ يۇمىۋال»-دەپ ناھايتى توغرا ئېيتقانىكەن. مېنىڭ خىيال ئېكرانىمدا يەنىلا باتۇرنىڭ دۇتتار چېلىپ، ناخشا ئېيتىۋاتقان سىماسى پەيدا بولدى-دە، ئىچىم دەردكە تولدى، زادى نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ مەن بىتەلەيمۇيا؟ ھازىر ماڭا ھايات-مامات، ياخشىلىق-يامانلىق، كېچە-كۈندۈز، دوست-دۈشمەن ھەممىسى ئوخشاشلا كۆرىنىدىغان بولدى.
مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم تەسەللىي بېرىدىغان مۇنداق بىر ناخشىنى غىڭشىپ ئېيتتىم:

قاراڭغۇ چۈشىۋاتىدۇ سەن كەتكەن يولغا،
قاپقارا بولۇتلار نەگىدۇر چاپار.
ۋەھىمىلىك خىياللار ئورنىشىپ دىلغا،
بىئازار يۈرەكتە ئاغرىق ئويغىتار.

بىز ئولتۇرغان ماشىنا گۈلئاۋاتقا ئاز قالغاندا بۈك-باراقسان ۋە ياپيېشىل ئورمانلىق، بىرى-بىرىسىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن ئالمىلىق، جىگدىلىك، نەشپۈتلۈك باغلار كۆرۈندى. ئايجامال سەھرانى كۆرمىگەن كىشىدەك خىلمۇ-خىل غەلىتە گەپلەرنى قىلىپ ئەتراپقا تويماي قارايتتى. گۈلئاۋات يېزىسى بەكمۇ چوڭ، يەرلىرى ئوي-دۆڭگۈل بولسىمۇ ئەتراپ ناھايتى گۈزەل ئىدى، ھاياجان ئىلكىدە قالغان ئايجامال ھەربىر گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگەندە خوشاللىقىدىن ئۆزىنى باسالماي قالاتتى. ئوڭ تەرىپىمىزدە گۈدۈك ياڭرىتىپ كېتىۋاتقان پويىز دېھقىتىمىزنى تارتسا، سول تەرىپىمىزدە گويا تەبىئەت ئانا سېھىرلىك كارامىتى بىلەن ياساپ قويغاندەك ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈردىغان قاتار-قاتار سۆگەت، ئاكاتسىيە دەرەخلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان تاش ئۆستەڭ سۈيى شارقىراپ ئېقىپ تۇراتتى. لايدىن ياسالغان گۈمبەزلەر، خىلمۇ-خىل رەڭلەردە سىرلانغان ياغاچ قەبرىلەر كۆزگە غىل-پال كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
-پاھ، پاھ، بۇ ئەجەپ ھاۋالىق گۈزەل جايكەن-ھە!- دېدى ئايجامال دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئۆستەڭ بۇيىدا بىردەم ئولتۇرۇپ دەم ئېلىپ پەيزى قىلايلىچۇ؟
باتۇر سائىتىگە قاراپ قۇيۇپ ئۈن-تۈنسىز ماشىنىنى يولنىڭ چېتىدە توختاتتى. ئاندىن ماڭا قاراپ:
-ۋاقىت خېلى بار، دەم ئېلىپ بارساقمۇ بولار،-دېدى.
مېڭەم مىڭبىر خىياللار بىلەن چارچاپ تۇرغاندا بۇ گەپ ماڭا راسا خۇشياقتى. ھەممىمىز ماشىنىدىن چۈشتۇق، بىز ئۈچۈن تەنگە ئارام، دىلغا ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بىرخىل ساياھەت باشلانغان ئىدى.
تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ رەھىمسىز تاللاش-شاللاش مەيدانىدا ئايجامال بىلەن ئاشكارا بەل تۇتۇشۇپ سېنىشىپ كۆرىدىغان ياخشى پۇرسەت كەلمەكتە ئىدى.
مەن ماشىنىنىڭ كەينى قاپقىقىنى ئېچىپ، بىر كونا ئەدىيالنى ئېلىپ، ئۆستەڭ بۇيىدىكى چىملىققا سالدىم. باتۇر ماشىنىدىن ئۈچ قۇتا سوغوق ئىچىملىك ئېلىپ كېلىپ ئايجامال بىلەن ئىككىمىزگە بىر تالدىن بەردى. بىز ئۇنى ئېچىپ ئۇسسۇزلىقىمىزنى قاندۇردۇق.
-ئەمدى مېنىڭ ھاردۇق چىقارغۇدەك بىر ناخشا ئاڭلىغۇم كېلىۋاتىدۇ،-دېدى ئايجامال باتۇرغا قاراپ،-قېنى باتۇركا، ئېسىل ناخشىدىن بىر نەچچىنى ئېيتىپ بېرىڭە.
-بولىدۇ، بولىدۇ،-دېدى باتۇر قاقاھلاپ بىر كۈلىۋىتىپ،-بىراق، دۇتتار يوق، قاملىشارمۇ؟
-سىزدەك ناخشىچىغا سەھنە، سازنىڭ لازىمى يوققۇ. بىز چاۋاك چېلىشقا يارايدىغان تاماشىبىن بۇلىمىز، شۇغىنىسى ئىككى سەر قېقىۋالغان بولسىڭىز بەك بەلەن ئېيتاتتىڭىز-دە!-دېدىم مەن ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ،-قېنى باشلاڭ!
مېنىڭ سۆزلىرىمدىن كېيىن ئارىمىزدا جىمجىتلىك ھۆكۈم سۈردى. كۈن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئېڭىزلىقلار، ئالتۇندەك پارقىرايتتى. شاخلاردىكى سارغىيىشقا باشلىغان يۇپۇرماقلار ئارىسىدا قۇشقاچلار ۋىچىرلايتتى. ئۆستەڭ سۈيى بىزنىڭ شادلىقىمىزنى كۈيلەپ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتاتتى.
-مۇنداق قىلايلى،-دېدى باتۇر ماڭا قاراپ،-ناخشىنى مەنلا ئېيتسام تازا ئادىللىق بولماس، ھەربىرىمىز بىردىن ئېيتايلى، قانداق؟
-ۋىييەي، باتۇركا، مەن ناخشا بىلمىسەم قانداق قىلىمەن؟-دېدى ئايجامال.
-بىلىسىز، نىمىشقا بىلمەيسىز، مۇشۇ ئەپتىڭىز  بىلەن ناخشا بىلمەيمەن دگىلى نۇمۇس قىلمامسىز؟-دېدى باتۇر.
باتۇر بىلىپ-بىلمەي بۇ «ئىختىساس ئىگىسى»نىڭ ئەدىۋىنى بەردى. مەن ئۇنىڭغا ئۇلاپلا:
-شۇنداق قىلايلى، ناخشا ئېيتايلى، ئۇسۇل ئوينايلى، دالا مەشرىپى دېگەن مۇشۇ،-مەن سەل تۇرىۋىلىپ ئايجامالغا قاراپ دېدىم،- باتۇر ئوبدان دېدى. شۇ سۆلىتىڭىز بىلەن ناخشا ئېيتالمىسىڭىز كالىدەك مۆرەپ، مۈشۈكتەك مىياڭلاپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئادەمنى دورىيالمىغاندىكىن، ھايۋاننى دورايسىز-دە! ئىشقىلىپ بىر ئىش قىلىپ بىزنى كۈلدۈرىسىز، كۈلدۈرەلمىسڭىز ھېساپ ئەمەس.
-ۋىييەي، ئايگۈل ئاچا، ئەجەپ گەپ قىلىۋەتتىڭىزغۇ، كۈلدۈرەلمىسەم قانداق قىلىمەن؟-دېدى ئايجامال.
-مەن بايا دېدىمغۇ، ئادەم تۇرۇپ كالىدەك مۆرىسىڭىز، مۈشۈكتەك مىياڭلىسىڭىز ھەرقانداق ئادەم كۈلمەي قالمايدۇ دەڭە.
بۇ گىپىمدىن باتۇر قاقاھلاپ كۈلدى. ئايجامال ئوسال ئەھۋالدا قالدى.
باتۇر خۇددى سەھنىدىكى ناخشىچىدەك بىزگە قاراپ ئۆرە تۇراتتى. ئايجامال بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭ تاماشىبىنلىرىدەك ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ ئولتۇراتتۇق.بىز قۇلاقلىرىمىزنى دىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازىنىڭ سېھىرلىگۈچى تەسىرى بىلەن ئۆزىمىزنى يۇقۇتۇپ قۇيۇشقان ۋە قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە قالغانتۇق. ھەتتا مېنىمۇ قايتىدىن ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە تەڭداشسىز بىر ئاۋاز ۋە ماھارەت بىلەن ھىچقانداق كۈچىمەيلا ئادەمنى مەپتۇن قىلغۇچى شۇخ قىياپەتتە ئېيتماقتا ئىدى. ئۇ ناخشا ئېيتقانسرى ئېچىلاتتى. ئېچىلغانسىرى تاماشىبىنلارغا بېرىدىغان سېھىرلىگۈچى تەسىرى كۈچىيەتتى. ئۇنىڭ ساپ، سۈزۈك، ياڭراق ئاۋازىغا جۆر بۇلىۋاتقاندەك ئايجامال چاۋاك چېلىپ، ئىككى تەرەپكە ئىرغاڭلاپ غىڭشىىپ قۇياتتى. ئۇنىڭغا ئىگىلگەن قىياپەت بىلەن ئۆزىنى يۇقۇتۇپ قويغاندەك كۆرىنەتتى.
تۇرۇپ-تۇرۇپ ئىككى جۈپ كۆز بۇ غەلبىدىن مەمنۇن بولغان بىرخىل خوشاللىق ئىچىدە ئۇچرۇشۇپ بىر-بىرىنى سەمىمىي تەبرىكلىشەتتى. بۇ مېنىڭ جىددىيلىشىپ كەتكەن نېرۋىلىرىمىنى ئارام ئالدۇرۇش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ نېرۋامغا قاتتىق تەسىر قىلاتتى. چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن شۇنچە تىرىشساممۇ چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرىدىغان ئېرىمنىڭ كۆزلىرىگە مۇنداق نۇمۇسسىزلارچە تەلمۈرۈپ قاراشلىرىغا ۋە مۇھەببىتىمگە شىرىك بۇلىۋاتقانلىقىغا چىدىيالمايتتىم.
پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغان ئەسەبىيلىك ۋە يۈرەكنى ئىزىۋاتقان خاپىلىق ئىچىدە ناخشا تۈگىشى بىلەنلا ئايجامالنىڭ ياغدۇرۋاتقان ئالقىشلىرىنى تىڭشاپ ئولتۇرغانىدىم.
-يارايسىز، بەلەن ئېيتتىڭىز، سەھنىلەردە ئېيتقاندەك، مىكروفۇن بولسا تېخىمۇ بەلەن بولاتتى!-دېدى ئايجامال چاۋاك چېلىپ.
ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كۈزۈم كۈلۈپ تۇرسىمۇ، ئېغىزىم ھىجىيىپ تۇرسىمۇ ، يىغلىغۇم كېلىۋاتاتتى، «يارايسىز» دېگەن تىلىڭنى كىسىۋەتسەم، نەشتەردەك قادىلىپ تۇرغان ئوغرى كۆزۈڭنى ئۇيىۋەتسەم، چاۋاڭ چالغان قوللىرىڭنى چېقىۋەتسەم دەيتتىم ئىچىمدە. ئىچىم دەردكە شۇنچىلىك تۇشۇپ كەتتىكى ئەگەر غەيرەت قىلمىسام چۇقۇم ئۈن سېلىپ يىغلاپ كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكىلەتتى.
-ھە، ياخشى، يارايسىز، ناخشا ماڭا بەك ياقتى،- دېدىم ئاران دېگەندە.
بىز بىر بوتولكا سوغوق ئىچىملىكنى بىر-بىرىمىزگە سۇنۇشۇپ ئىچىپ ئۇسسۇزلىقىمىزنى باستۇق.
راست گەپنى ئېيتسام، نېرۋىلىرىم شۇنچىلىك بۇزۇلغان ئىدىكى ئەگەر ئايجامال مەن بىلەن قېرىشىپ تەڭ تۇرىۋالغان بولسا، چۇقۇم سەت تىللىشىپ، يۈزلىرىمىزنى تاتلىشىپ، چاچلىشىپ كېتەتتۇق. بىراق، ئۇ ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغۇدەك دەرىجىدىكى يېقىملىق پەرۋاسىزلىقىنى ۋە خۇش تەبەسسۇمىنى ئەيمەنمەستىن داۋاملاشتۇراتتى ۋە مېنىڭ جېنىمنى چىقىرىپ ئۇنىڭ خاپىلىقتىن مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك قىياپەتتە ماڭا پات-پات قاراپ قۇياتتى.
باتۇر تەڭرىتاغلىرىدىن كۆزىنى ئۈزمەي، غۇر-غۇر شامالغا مەيدىسېنى تۇتۇپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قەشقەر خەلق ناخشىلىرىدىن «لەيلىگۈل»نى ئېيتتى:

ئالما ساتقىلى چىقسام،
قىزىلىنى تاللايدۇ.
ئالەمدە كىشى يوقتەك،
كۆڭلۈم سېنى خالايدۇ.


باتۇر تەمبۇر-دۇتتارغا جان كىرگۈزىدىغان، ناخشا دېگەننى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتالايدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە ماھىر سەنئەتكار ئىدى. شۇڭا بۇ يېقىن ئەتراپتا ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىمىغان، ئۇنى تۇنىمايدىغان كىشى يوق دىيەرلىك. ئۇنىڭ ئېيتىدىغان ناخشىلىرى شۇنچىلىك كۆپ ئىدى. ئۇ تۈنۈگۈنكى ئولتۇرۇشتا ئېيتقان ناخشىسېنى بۈگۈنكى ئولتۇرۇشتا ھەرگىزمۇ تەكرارلىمايتتى. تارىلارغا ناخۇل ئۇرۇشتا ئالاھىدە ئۇستا بولۇپ، تەمبۇرنى چەككەندە كۆتۈرۈلگەن مۇڭلۇق سادالار كىشى قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئېرىتىۋىتەتتى. ئۇنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرى تامامەن خەلق ناخشىلىرى بولغانلىقتىن كىشىگە يېڭى، جۇشقۇن، قىزىقارلىق تۇيۇلاتتى. ئاھاڭى تېكىستى بىلەن ماس كېلەتتى.
ئايجامالمۇ باتۇرنىڭ ناخشا-سازلىرىغا مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقتىن،نەگە بارسا بىللە بېرىپ پۇرسەت تاپسىلا باتۇرنىڭ ناخشىسېنى ئاڭلايتتى. ئىككىيلەن پات-پات رېستۇرانلارغا بېرىپ تانسا ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، كۆڭۈل ئېچىپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەتتى. ناھايتى ئەپسۇسكى، ئايجامال بۇ قىلمىشلىرىنى مېنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلايتتى. مانا، بۈگۈنمۇ پۇرسەت كەلدى دەپ ئۇنىڭ ناخشىسېنى ئاڭلاپ ھۇزۇرلانغۇسى كەلگەنىدى.

ئۆگزەڭگە چىقىۋاپسەن،
يەر تۆۋەنگە قاراپ.
ئىشىكىڭدىن تولا ئۆتتۈم،
بۇلبولۇڭ بولۇپ سايراپ.

-ھە، يەنە بىرنى ئېيتىڭ،-دېدى ئايجامال چاۋاك چېلىشتىن توختاپ،-ناخشىلىرىڭىزنى ئاڭلىغانسىرى ئاڭلىغۇم كېلىدىغۇ تاڭ!
-ھە، ئەمدى نۆۋەت سىزگە كەلدى،-دېدى باتۇر ئايجامالغا قاراپ.
ئايجامال نازلىنىۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ:
-ۋىييەي، باتۇركا، سىز بار يەردە بىزگە ناخشا ئېيتىشنى كىيىم قۇيۇپتۇ، ئېيتىڭە، ئېيتىڭە...
-بىز باشتا كىلىشىۋالغانغۇ، ۋەدىڭىزدە نىمىشقا تۇرمايسىز؟-دېدى باتۇر نىزىرىقاپ.
-ۋاي-ۋۇي قىزلاردەك نىزىرقىماي بىر نەچچىنى ئېيتىۋەتمەمسىز.
باتۇر بېشىنى لىڭشىتتى. ئالدېدىكى سوغوق ئىچىملىكنى ئېلىپ بىر نەچچە يۇتۇم ئېچىۋېلىپ «قارا چاچىم» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى:

قارا چاچىم ئاقىرىپتۇ،
جانان يارنى كۆرمەي.
سۆزى سېرىن، لىۋى شىكەر،
جاناننى سۆيمەي.
ئاھ جانېمەي، ئاھ خانېمەي،
ئىشقى ئوتۇڭدا قىينىما مېنى.


   قىزغىن ئالقىشتىن كېيىن ئىككىيلەن تەڭلا ماڭا قاراشتى، بۇ قاراشلاردىن «نۆۋەت سىزگە كەلدى» دېگەن مەنا بار ئىدى. مەنمۇ ئىدىيە جەھەتتىن ئاللىقاچان تەييارلىنىپ، ئۆزۈمنى بولارغا بىر كۆرسۈتۈپ قويماقچى بولۇپ تۇراتتىم.
   ئۇسۇل ئويناي دىسەم مۇزىكا يوق، ناخشا ئېيتاي دىسەم قاملاشمىغان تېكىستتىن بىرنى پوسوققىدە دەپ سېلىپ ئاران ئىندەككە كېلىۋاتقان ماۋۇ بايقۇشنى ئۈركۈتۋېتىشتىن ئەنسىرەيتتىم. شۇڭا مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سورۇنلاردا دېكلاماتسىيە قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بىر شېئىرنى ئوقۇماقچى بولدۇم. بۇنداق قىلغاندا بىرىنچىدىن زىخمۇ كۆيمەيدۇ، كاۋاپمۇ كۆيمەيدۇ. ئىككىنچىدىن ئۆزۈمنىڭ بىلىم سۈيەرلىكىمنى، شېئىر-قوشاققا ئامراقلىقىمنى ۋە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ماھارىتىمنى نامايەن قىلغىلى، مۇشۇ سورۇندا ئۈستۈنلۈكنى ئالغىلى بولاتتى. مەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ باتۇرنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ شېئېرى-ھېسىياتىنى، ئىنىتوناتسىيە، چىراي ئىپادەمنى چىقىرىپ مۇنۇ شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدىم:

تەڭرىنىڭ ئىنسانغا كۆپتۇر تارتۇقى،
ئەقىل ۋە ئەدەپتىن يوقتۇر ئارتۇقى.
ئەقىل ۋە ئەدەپ ھەرياشنىڭ جامالى،
ئۇنىڭسىز بولماس ھاياتنىڭ كامالى.
پەزىلەت كۆپ ئىرۇر بۇ ئالەم ئارا،
ئىلىمدۇر ھەممىدىن ئەليۇلئەلا.
ئىلىمدۇر بىباھا قازسا پۈتمەس كان،
ئىلىمدىن باشقىسى كىمگە ئەسقاتقان؟
ئىلىملا نىجاتلىق بىرەر مەڭگۈلۈك،
بىلىملىك ھاياتتۇر، جاھىللار ئۆلۈك.
ئى ياش، بىل جاھىللىق نۇمۇستۇر بىشەك،
نادانلىق زۇلمىغا رازىدۇر ئېشەك.


-ۋىييەي، ئايگۈل ئاچا، سىز ئىلگىرى ئارتىس بولغانمۇ نېمە؟-سورىدى ئايجامال چاۋاك چېلىۋىتىپ،-شېئىر ئوقۇشقا ئەجەپ ئۇستىكەنسىز، ۋاي-ۋۇي، ئەجەپ بەلەن ئۇقىۋەتتىڭىز، رادىئو ئىستانسېنىڭ دىكتورلىرىمۇ سىزدەك ئۇقۇيالمايدۇ جۇمۇ!
ئايجامال ھاياجان ئىلكىدە بىر پەس جىمىپ كەتتى. باتۇر ئايجامالنىڭ ماختاشلىرىنى ئاڭلاپ مەندىن پەخىرلەنگەندەك ھېسىياتتا تاماكا چىكىپ ئولتۇراتتى.
-ئايگۈل ئاچا، بۇ شېئىرنى ئۆزىڭىز يازغانمۇ؟-سورىدى ئايجامال،-شائىرمۇ سىز؟
-ياق، ياق، مەن كىچىكىمدىنلا شېئىر-قوشاققا ئامراق، مەن بۇ شېئىرنى كونا ژورنالدىن كۆچۈرۋالغان، ئاپتورىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
-ئايگۈل، ئۆزىمۇ شائىر، شېئىر يازالايدۇ جۇمۇ، ئۇنى بوش كۆرمەڭ،-دېدى باتۇر مېنى ماختاپ،-ماختاپ قويسام ئۇچۇپ كەتمىگىن يەنە-ھە!
-سىز مۇشۇنداق ماختاپ بەرسىڭىز، چۇقۇم قانات چىقىرىپ ئاسمانغا ئۇچىمەن، پات-پات مۇشۇنداق ماختاپ قۇيۇڭ!
باتۇر بىلەن ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشتۇق. چىراي ۋە ھەرىكەت ئىپادىمىز تەبئىي ئىدى. ئىككىمىز مۇشۇنچىلىك كۈلۈشمىگىلى ناھايتى ئۇزاق زامانلار بوپتىكەن. ئۇنىڭ كۈلكىسى تەبئىي، سۆزلىرى سەمىمىي ئىدى، چىرايىدا مەن ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىكىدەك تەبەسسۇم جىلۋە قىلىپ تۇراتتى.
-مەن دەل مۇشۇنداق چاغدا سىز بىلەن بالامنى ئېلىپ ماشىنىدا ئولتۇرۇپ تاغ-دالىلاردا، باغ-ئورمانلاردا، دەريا-كۆل بويلىرىدا سەيلى-ساياھەت قىلىشنى، ساپ ھاۋادىن ھۇزۇرلانغاچ قۇشلار بىلەن سىردىشىشنى ياخشى كۆرىمەن، سىز ناخشىچى، سازچى، مەن ھېلىقىدەك شېئىر ئوقۇشقا، چاۋاك چېلىشقا يارايمەن، قارىڭا باتۇر بۇ يەر مەن چۈشۈمدە كۆرىدىغان جەننەتتەك گۈزەل جايكەن ئەمەسمۇ،دېدىم ھاياجاندا. ئايجامال سەل بوشاپ قالدى يىلى چىققان توپتەك.
   

داۋامى بار...............................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 05:30 PM  


ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103662
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 364
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 05:48:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنچى بولۇپ  ئوقۇپتىمەن  ياخشى يېزىپسىز .. ترزرەك يېزىڭ جۇمۇ

ئۆزەڭ توغقان بالا ئۈچۈن ئازىراقمۇ قۇربانلىق بەرمىدىڭ ،ئۇنىڭدىن شۇنچە ئاسان ۋاز كەچتىڭ ، شۇسەۋەپ سەن پەقەتلا ئوغلۇمنى تۇغقان خوتۇنسەن ،ئۆزەڭنى ئوغلۇمنىڭ ئاپىسى دېيىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8257
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 06:04:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىنى بىر ئايال كىشى يىزىۋاتىدىغۇ .
ئايگۈل بىلەن ئايجامال سۇقۇشۇپ كىتەرمۇ ئاخىرىدا ياكى دىكلىماتسىيە قىلغان شېئېر بىلەن جىمىپ قالامۇ ؟
داۋامىنى كۈرۈپ باقايلى .

ھەمبەھىرىمنى كۈرۈڭ

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4123
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 30635
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 8989 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 06:05:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىركىملەرنى ئەسكە سېلىپ قويدى بۇ ھېكايە،ياخشى يېزىپسىز.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4123
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 30635
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 8989 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 06:09:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
saman-yoli يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 06:04 PM
بۇ ھىكايىنى بىر ئايال كىشى يىزىۋاتىدىغۇ .
ئايگۈل بىلەن  ...

بىر ئايال كىشى يېزىۋاتمايدۇ بىرىنچى شەخس تىلىدا يېزىۋاتىدۇ.بۇ ھېكايىدىكى‹‹ مەن›› بىر ئايال كىشى ئىكەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-3 12:10 AM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8257
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 06:21:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Qabiljan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 06:09 PM
بىر ئايال كىشى يېزىۋاتمايدۇ بىرىنچى شەخس تىلىدا يېزى ...

كەينىدىكى بىر جۈملە سۆزنى يازمىسىڭىزمۇ چۈشۈنۈشلشك بولغان .

بولسا ئۈچۈرۈۋەتسىڭىز بۇپتىكەن ، بولمىسا ئادەمنىڭ يۈرۈكىنى مۇجۇۋېتىدىكەن .

ھەمبەھىرىمنى كۈرۈڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2069
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5518
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 06:31:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تالا مۈشىكىنىڭ يۈزى نىمانچە قېلىن ئەمدى ، داۋامىنى كۈتىمەن .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 391
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 07:16:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمەن  





بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1028
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3709
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 07:31:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ تالا مۈشۈكى ››نى ياقتۇرۇپ قالدىم ، ‹‹ قۇرىغى›› نى تېزراق يوللىۋېتەلا ھۆكۈمران ئەپەندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باشتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 07:35 PM  


مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 07:48:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمىز

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش