مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2590|ئىنكاس: 15

ئانام ئەزەلدىن ماڭا ئۆگىتىپ باقمىغان ئىشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102954
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 01:43:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئانام ئەزەلدىن ماڭا ئۆگىتىپ باقمىغان ئىشلار

ئېمىلي-جېنكلارك [ئەنگلىيە]

ئۆزىگە قانداق گىرىم قىلىش

كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام ئەزەلدىن يۈزىگە مايسۈرمەيتتى، ئۇ ئەتىگەندە بىر نەچچە سائەت ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ گىرىم قىلىشنى، چاچ تاراشنى ياكى تىرنىقىنى بوياشنى بىلمەيتتى.

ئۇ ئەزەلدىن چېچىمنى ئۆرۈپ قويمايتتى، پاكىز تۇتۇپ كىيىدىغان يوپكا كىيدۈرمەيتتى، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان پەرداز سورۇنلىرىغا تاشلاپ قويمايتتى، ياكى بولمىسا پارقىراپ تۇرىدىغان مەلىكە ئايىغى ئېلىپ بەرمەيتتى. ئەكىسچە، ئۇ ماڭا كالتە ئىشتان بىلەن T شەكىللىك مايكا كىيدۈرۈپ قويۇپ، سىرتقا چىقىپ دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە ئوينىغىلى، يۈگۈرگىلى قوياتتى. ئۇ ماڭا يامغۇرلۇق ئۆتۈك كىيدۈرۈپ، ئازگالغا دەسسەپ بۇژغۇن چاچرىتىشىمنى كۆرەتتى. مەن لاي-پاتقاقتا ئويناپ كىيىملىرىمنى مەينەت قىلىۋەتسەم، ئۇ ئازراقمۇ كۆڭلىگە ئالمايتتى.

ئۇ ماڭا ئەزەلدىن قىز بالىنىڭ چىرايلىق بولۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ باقمىدى. مەن ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھېس قىلىپ يەتتىمكى چىرايلىق بولۇشتىنمۇ مۇھىم نەرسىلەر بار ئىكەن، مەسىلەن: قەدىناسلىق، پاراسەتلىك، قىزىقچىلىق ۋە خوشاللىق قاتارلىقلار. شۇڭلاشقا ناۋادا گىرىمىم قاملاشمىسىمۇ، سومكام بىلەن ئايغىم ماسلاشمىسىمۇ، تىرنىقىمنى ياسىمىساممۇ قىلچە كۆڭلۈمگە ئالمايمەن، بۇنى مەندىن كۆرمەڭ، ئاپامدىن كۆرۈڭ.

ھەر ۋاقىت تەقى-تۇرقىغا دىققەت قىلىش  

كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام ئەزەلدىن يېمەكلىك تېجىمەيتتى، كالورىيە قوبۇل قىلىش مىقدارى ياكى ئورۇقلاش دېگەن گەپلەرنى ئېغىزىغا ئالمايتتى. ئۇ ئەزەلدىن «مەن بەك سېمىز ئىكەنمەن» دەپ ئاھ ئۇرمايتتى ياكى تېخىمۇ زىلۋا بولۇشنىڭ گېپىنى قىلمايتتى. شۇڭا مەن زىلۋالىغىنى ساقلاشنى ئەسلا مۇھىم ئىش دەپ قارىمايمەن.

ئۇ ئەزەلدىن ماڭا ياغسىز سۈت، قېتىق ئىچكۈزۈپ باقمىدى. بەزىدە ئۇ ماڭا ھەتتا پېچىنە-پىرەنىك، شاكىلاتلارنى يېگۈزەتتى. ئۇئەزەلدىن بىزگە كەمپۈتنى كۆپ يېسە ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ دەپ باقمىدى. بىراق ئۇ بىزگە كەمپۈتنى جىق يىسە ئادەم ساغلام بولمايدۇ دەيتتى.

مەن ئورۇق بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن ساغلام بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىمەن.

شۇڭلاشقا ناۋادا مەن بەدەن شەكلىنى ساقلاش ئۈچۈن تاتلىق يېمەكلىكلەرنى رەت قىلمىغان بولسام ياكى بالامنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلسام مېنىڭدىن كۆرمەڭ، ئانامدىن كۆرۈڭ.

قانداق قىلىپ ياخشى ئائىلە ئايالى بولۇش

كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام ئەزەلدىن پېچىنە پىشۇرۇپ بەرمەيتتى ياكى تۇغۇلغان كۈن تورتى قىلىپ بەرمەيتتى. ئۇ ئەزەلدىن ئىشتاننى قانداق دەزماللاپ قاتلاشنى، دۇخۇپكىنى تازىلاشنى ياكى قانداق ياسىنىشنى ئۆگەتمەيتتى. بىراق ئۇ بىر نەچچە سائەت ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ماڭا گەپ قىلاتتى، بالىلار ناخشىسى توقۇپ بېرەتتى، ھېكايە ئېيتىپ بېرەتتى.

   مەن ئۇنىڭدىن بالىغا قانداق قاراش بىلەن بىرۋاقىتتا ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىشنى ئۆگەندىم. گۆدەك چېغىمدا ئاپامنىڭ ئۆيدە بىر قانچە يىل تۇرغان ۋاقتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇ ھەمىشە خىزمەت قىلاتتى. ئۇ ئۇتۇق قازانغان مۇخبىر بولۇش بىلەن تەڭ ئائىلىنى بىرىنچى ئورۇنغا قوياتتى.

ئاتا-ئانام بىرلىكتە تاماق ئېتەتتى، ئۆينى تازىلايتتى، ئوغۇل-قىزلىرىنى تەربىيەلەيتتى. بۇ ئىشلارنىڭ پەقەت بىر ئايالنىڭلا ئىشى ئەمەسلىكىنى كىچىك ۋاقتىمدىلا بىلەتتىم. ھەر قانداق ئادەم پەقەت بەش مىنۇت ۋاقتى بولسىلا بۇنداق ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ تۈگىتەلەيدۇ.

مەن مەكتەپتىن ئۆيگە قايتقان ۋاقتمدا يېڭى قاقلىغان كىچىك كۆپكەن ناننىڭ پۇرىقىنى ئەزەلدىن پۇراپ باقمىغان، بىراق ئۆيگە كەلگىنمدە مېھىرلىك قۇچاقلاش ۋە كۈلۈمسىرەش بولۇپ تۇرىدۇ.

شۇڭا ئەگەردە مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ چاي ئىچسىڭىز دۇكاندىن سېتىۋالغان تورتنى ئېلىپ سىزنى كۈتىۋالىمەن، بىراق بىز يەنىلا پاراڭلىشىپ كۆڭلىمىزنى ئاچالايمىز، بۇنى مەندىن كۆرمەڭ، ئانامدىن كۆرۈڭ.

ئاپام ئەزەلدىن «ئانىلار تورى»دىن بالىلارنى پەرۋىش قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ باقمىغان ياكى گۇگول تورىدىن «قىزلارنى قانداق تەربىيەلەش» توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئىزدەپ باقمىغان، ئۇنىڭغا بالىلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بېرىدىغان يانفون ئەپلىرىمۇ يوق. ئۇ ئۆيدە ئولتۇرىغان ئانا بولۇپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلمىغان، خىزمىتى بار ئانىغا ئايلىنىپ قېلىشتىنمۇ ئەنسىرىمىگەن. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ بىۋاستە سېزىمىگە ئەمەل قىلىپ، بالىلىرىغا نىسبەتەن ياخشى دەپ ھېسابلىغان ئىشلارنى قىلغان.

ھازىر مەن ھەرگىزمۇ مودا، زەھەرخەندە ئانا ھېسابلانمايمەن، مۇتلەق قالتىس ئاشپەزمۇ ئەمەس، بىراق مەن ساغلام، مۇستەقىل، ئىنتايىن خۇشال-خۇرام. مېنىڭ بۈگۈنكى مەنگە ئايلىنىشىم ئاپامنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ھېچنېمە قىلمىغانلىقى سەۋەبىنىدىندۇر. قىزىم ئۈچۈن ئاشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشنى خالايمەن.

«ياشلارتەرمىلىرى» ژۇرنىلىرىنىڭ 2014-يىللىق 6-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىدە ئوكيان تورىدىن  لوقمان.









بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-22 01:49 PM  


تارىخ، شەخس،ئەسەر،ساغلاملىق قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا: ئىزدەش نامى okyanqamus

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90383
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 290 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 03:21:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيدۇ زىلۋالىق مۇھىم ئەمەس ساغلاملىق مۇھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8831
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 913 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 09:58:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ناھايتى تەبئىي .  ناھايتى يىشىل  ۋە تولىمۇ نورمال ئانىكەن .  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108802
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 323
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2014-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 10:07:57 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yixil ana     hahahahhahah

بەخىت -ئۇ سىزنىڭ قۇربانلىقىڭىز بەدىلىگە قولغا كىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2274
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 10:55:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساغلاملىق  ۋە  روھى ساغلاملىق   پاكلىق  كىچىك پىئللىق ھەممدىن ياخشىسى

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12551
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32343
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 11:07:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىقىنى بالىسى ئۈچۈن بېغىشلىغان ئانىكەن....

ئەھمىيەتلىك يازمىكەن...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84885
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 395
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2012-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 12:45:58 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك يازمىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 02:26:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن
تىما يازغۇچىغا ئايرىپ يىزلىدىغان خەتلەرنى ئايرىپ يازسىڭىز
سىزگە ئامەت تىلەيمەن

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1212
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 02:51:16 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈزەللەشتۈرىمىز دەپ يۈزىنى ئويۇپ،چېچىنى يۇڭداپ بوياپ يۈرۈيدىغان مودا قوغلاشقانلارغا:  ساغلاملىق ئورۇقلاش ياكى بەدەن گۈزەللەشتۈرۈشتىنمۇ مۇھىمراق. دېگەن سۆز ئېيتىلسا. نەزىرىمدىكى ئەنگىلىيىلىكلەرگە ئوخشىمايدىكەنغۇ؟تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىمۇ مودا قوغلاشمايدىغان ئەنئەنىپەرەس ئاددىي-ساددا،چولپانغا چوقۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئانىلارمۇ بار ئىكەن-ھە؟!

لۇغىتىڭدا پەقەت ‹ھازىر›دېگەن سۆزلا بولسۇن.ئۆتمۈشىنىڭ بۇلۇتلىرى بۈگۈننىڭ قۇياشىنى توسۇۋالمىسۇن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 12:06:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 09:58 PM
ناھايتى تەبئىي .  ناھايتى يىشىل  ۋە تولىمۇ نورمال ئانى ...

ئەگەشتىم جۇمۇ يېشىل ئانىغا .

تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن . بىز خانىم -قىزلار ئۆرنەك قىلغۇدەك !  

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش