بۈگۈننى ئۆلتۈرۈش
يامغۇر بولۇپ كېچىلەر دەرىزەمنى يۇيماقتا ،
قانائەتجان جىمجىتلىق كىرپىكىمگە چاپلىشار .
كۈلكىلىرى سۇسلىشىپ قالدى لېۋەن گۈللەرنىڭ،
بىر بىرىگە يوپۇرماق ئۈمۈدىنى تاپلىشار .
لەيلىمەكتە زىمىنغا ئاپئاق خىيال ئاسماندىن ،
غۇنچىلايدۇ سىنتەبىر ھارغىن مەشنىڭ تۈۋىدە .
قار لەۋلىرى ئېرىيدۇ تېرەكلەرنىڭ باغرىدا ،
پەسىللەرگە كېكەچلەپ مۇزلىماقتا دەقىقە .
باتاريىسى توشماستىن سۈيگۈسىراپ قانسىراپ ،
يېپىنچاقلاپ چاپاننى قايتتى كۈندۈز كەينىگە .
شەپەرەڭگە ئوخشايدۇ روھى قۇرغاق كېچىلەر،
چىقىپ كەلدى ئۆيىدىن مۇزدەك شامال سەيلىگە .
چىشلىرىدا داڭ ئۇرۇپ كىرىشمەكتە ئۇھسىنىش ،
پايپاقلىرى يىرتىلدى شېكەر تەملىك ئازاپنىڭ .
رېلىسىدىن قاچماقتا سېيرىتمىلىق پۇشايمان ،
خاتىمىسى شۇمىدۇ تەقدىر ناملىق تۇۋاقنىڭ .
گۈل ئېچىلدى- يەڭگىدى ،دادا بولدى بارمىقىم ،
ئىپادەمگە سىنچىلاپ جان ئۈزىمەن تەشتەكتە .
سايەم بىلەن سەتلىشىپ روھىم كىردى يوتقانغا ،
قۇرت بولۇپ ئەنئەنەم تاپىنىمنى تەشمەكتە .
بۈگۈنىمنى ئوغۇرلاپ قايتا نەشىر قىلمىغان ،
قانىتى كەڭ كېچىلەر دەرۋازامغا ئۇرىلار .
قەستەنلىگىم كۆرەڭلەپ مەن بۈگۈننى ئۆلتۈردۈم ،
ئىچى كاۋاك ۋۇجۇدۇم ئاستا -ئاستا قورۇلار .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت