 |
 |
 |
 |
ئىنتىرنىڭ يەنە بىر ياخشى تەرىپى بولسا توردىن مال سىتىۋېلىش ۋە مال سىتىش بولدى،كۆپلىگەن تورداشلارغا بۇ يات ئەمەس شۇنداقلا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇنلىغان قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى .ئەتراپىدىن تاپقىلى بولمايدىغان ياكى زىيادە قىممەت نەرسىلەرنى توردا سېتىۋىلىش ئارقىلىق ئازراق پۇل تىجەپ قالغىنى بولىدۇ،ئەمما بەزىبىر نوقتىلاردا كەتكۇزۇپ قويۇلسا زىيان تارتىشمۇ كىلىپ چىقىدۇ.
تۆۋەندە مەن توردىن مال سېتۋىلىشتىكى ئەپچىل چارە ۋە ئۇسۇللارنى ئۆزەمنىڭ تەجرىبەمگە ئاساسەن سۆزلەپ ئۆتىمەن.
1.تاۋباۋدىكى ئەزالىق نۇمۇرى ئارقىلىق تىيەنماۋ ۋە ئالىبابالاردا مال سېتۋالغىنى بولىدۇ.
لىكىن 3خىل بىخەتەرلىك مەخپى نۇمۇرى كىتىدىغانلىقى ئۇچۇن ئايرىم ئايرىم بىريەرگە خاتىرلىۋالغان ياخشى،چۇنكى ئۇزۇن ۋاقىت كىرەلمەسلىك ياكى مەخپى نۇمۇرلارنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۇچۇن.(دىققەت باشقىلار بىلىپ قالمايدىغان مەخپىي يەردە ساقلاڭ)
2.مال ئالماقچى بولسىڭىز ئىلىشتىن بۇرۇن شۇ ئالماقچى بولغان مالنىڭ ئاستىدىكى 找同款دىگەن خەتنى بىسىپ ئاشۇ تۇردىكى بارلىق ماللارنىڭ باھاسىنى كۆرۇپ سىتۋالسىز،ئۇنداق بولغاندا ئازراق پۇل تىجەپ قالغىنى بولىدۇ.
ئۆزىمىنىڭ تاللىغان باھاسىدىكى مالنى ئالماقچى بولغاندا چوقۇم باشقىلارنىڭ بەرگەن باھاسىنى بىر قۇر كۆرۇپ چىقىشىمىز كىرەك ،بۇنداق بولغاندا مال رەسىمدىكىدەك ياكى ياخشى چىقماي مال قايتۇرۋىتىشتەك ئاۋارچىلىقلار ئاز بولىدۇ.
ئالدىغان مال بىكتىلگەندىن كىيىن چوقۇم ئالىۋاڭۋاڭ ئارقىلىق مال ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلشىمىز چۇنكى مالدىن كاشىلا چىقىپ مال ساتقۇچى ئىگە بولمىغان شارائىتتا ئەرىز سۇنۇلسا ئالىۋاڭۋاڭدىكى سۆزلەشكەن خاتىرە پاكىت بولىدۇ،كىيۇ كىيۇ ۋە باشقىلار ئىناۋەتسىز.
ئەڭ مۇھىمى مالنىڭ بار يوقلىقىنى بىلىش (بەزى مال يوق دۇككانلار نەچچە كۇن مال سالماي كاشىلا قىلىدۇ)ئاندىن قايسى تىز پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىدىغانلىقىنى سورايمىز.مەسلەن emsدۆلەت پوچتىسى سۇرىتى ئىنتايىن ئاستا 10كۇندىن20كۇنگىچە يىتىپ كىلىدۇ.باشقا تىز پوچتىلار ئاسالىقى 3كۇندىن تارتىپ 7كۇنگىچە قولىغا تىگىپ بولىدۇ.قالغان مەسىلىلەرنى ئەھۋالغا قاراپ سورىساق بولىدۇ.مالنى سېتىۋالىدىغان ۋاقىتتا مالنىڭ باھاسى يۇقۇرى ياكى قارشى تەرەپ 保险险 قاتمىغان ئەھۋال ئاستىدا چوقۇم تۇۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تاللايمىز.بۇنداق بولغاندا سىز تاپشۇرغان پۇل تولۇق قايتىپ كىلىدۇ،بولمىسا قارشى تەرەپ مال سالغان ھەققى ئۇچۇن پۇل تۇتۇپ قالىدۇ.
2.مال قولىمىزغا تەككەندىن كېيىن مالنىڭ سۇپىتىگە، ۋاقتىغا، رەسىمدىكىدەك ياكى ئەمەسلىكىگە قارايمىز ،كىيىم كىچە ۋە باشقا بويۇملار بولسۇن ماركىسىنى ئالدىراپ سۆكىۋىتىشكە بۇزۇپ مەينەت قىلۋىتشكە بولمايدۇ ،بولمىسا قارشى تەرەپ قايتۇرۇشقا قوشۇلمايدۇ.ئادەتتە قىممەت تىلفۇن داڭلىق ماركىلىك كىيىم كىچەك ۋە بويۇملاردا يالغان ياكى راس ماللىقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇمۇر بولىدۇ، ئۇنى تىلفۇندا 2لىك كودنى سېكىنىرلاش ئارقىلىق ياكى شۇ مالنىڭ ئورگان توربىتىگە كىرىپ جەزمەنلەشتۇرۇش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىنى بولىدۇ.
ئەگەر مال كۆڭلىمىزدىكىدەك بولغان بولسا 确定收货نى بىسۋىتىمىز،كۆپىنچە سېتىۋىلىنغان ماللارنىڭ 7كۇندىن تارتىپ 15كۇنگىچە قايتۇرۇش مۆھلىتى بار .
ياخشىى باھالىسىڭىز نەق پۇل قايتۇرىمىز دىگەن ئەسكەرتىش بار بولسا ، باھالىغان ئادرىسنى ۋە پۇل گۆھىرى نۇمرىمىزنى ئۇلارغا ئەۋەتسەك ساتقۇچى دىگەن پۇلنى سىزگە ئۇرۇپ بىرىدۇ.
ئەگەر ماللار كۆڭۇلدىكىدەك بولماي ياكى ياختۇرمىغان، ساختىلىق بار بولسا 退款نى بىسىپ مالنى قايتۇرىمىز چوقۇم ئەۋەتكەن سوۋغاتلىرىنىمۇ قوشۇپ سالىسىز. قارشى تەرەپ قوشۇلۇشنى بىسىپ بولغاندىن كىيىن مالنى ئۆزىمىزگە يىقىن ئەتراپتىكى تىز پوچتىغا سېلىۋىتىپ تالوندىكى تىزىم نۇمۇرى 单号نى قايتۇردىغان يەرگە تولدۇرۇپ جەزىمەشتۇرىمىز.
سۇرۇك ۋاقتى 10كۇن قارشى تەرەپ مالنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ بىسۋەتمىسىمۇ 10كۇندىن كىيىن ئۆزلىكىدىن پۇلىڭىز پۇل گۆھىرىگە قايتىپ كىلىدۇ.
3.ئالىبابادىكى مال سېتىۋىلىش قائىدىسى ئوخشاش ،بىراق مال ئالىدىغان ۋاقىتتا ئوبروت ھەققىنى قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ جەزمەنلەشتۇرۇڭ.ئەگەر سىزنىڭ مال ئوبروت ھەققىنى مال تاپشۇرۇپ ئالغاندا تۆلىشىڭىزنى ئىيىتسا قانچە پۇل تۆلىشىڭىزنى سورىۋىلىڭ چۇنكى بەزى ماللارنىڭ ئوبروت ھەققى سىز ئالغان ماللاردىن قىممەت بولۇپ كىتىپ قالىدۇ.ئەگەر مالنى ساتقۇچى ئۆزى تۆلەپ مال سېلىشنى ئىيىتسا لىكىن مال تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ۋاقىتتا ئوبروت شىركىتى سىزدىن يەنە ھەق تەلەپ قىلسا سىز مال ساتقۇچىغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئىيتىڭ .ئۇ سىزگە قانچە پۇل تۆلىسىڭىز مەن ئۇرۇپ بىرەي دەپ جەزمەنلەشتۇرگەندە ئاندىن پۇلنى تۆلەپ مالنى ئىلىپ كىتىڭ قوشۇلمىسا مالنى قايتۇرۋىتىدىغانلىقىڭىزنى ئىيتىڭ.
4.قارشى تەرەپ مالنى سالمىغان ياكى مال يوق سەۋەبىدىن مال سىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندا پۇلىڭىز سىزگە تولۇق يىتىپ كىلىدۇ، لىكىن سىز چوقۇم قايتۇرغان ۋاقىتتا 运费دىگەن ئورۇنغا سىزنىڭ ئوبروت ئۇچۇن تۆلىگەن پۇلىڭىزنى يىزىپ قويۇڭ بولمىسا مال ھەققى قايتىپ كىلىپ كىرا ھەققى قارشى تەرەپتە قالىدۇ.
مەنبە:ئۆزۇم
(ھەممە قائىدە ۋە ئۇسۇللارنى تولۇق يازمىدىم .باشقا تۇرىدىكى چۇشىنەلمىگەن مەسلىلەر بولسا ئىنكاس ئارقىلىق سورىسا بولىدۇ.)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xahanime تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-17 05:50 PM
|
 |
 |
 |
 |
|