گۈللەر ئارا سايرىغان بۇلبۇل ئىىكەن ئانىلار
شوخ ئۈنلىتىپ تىللارنى مەسىت خۇشلىتىپ دىللارنى
خۇشپۇراقلار تارقاتقان سۇمبۇل ئىكەن ئانىلار
كۆزلەپ ھەر چاغ يىراقنى بۆسۈپ مۈشكۈل توساقنى
ئۆتكەللەردىن ئاتلىغان دۇلدۇل ئىكەن ئانىلار
گۈللەر چىكىپ ھاياتقا يىتىپ ۋىسال-مۇراتقا
پەللەردە ياڭرىغان مەغرۇل ئىكەن ئانىلار
گۈلخانلىتىپ ئىشقىمنى چىتىپ ھايات رىشتىنى
گۈزەللكىتىن سىلنغان بىر ئۇل ئىكەن ئانىلار
ئەجرى تەردە كۆكلەشكە يۈكسەكلەرگە ئۆرلەشكە
پۇرسەت-ئىمكان ياراتقان كەڭ سۇل ئىكەن ئانىلار
نىشاندىن ئازدۇرماي يوللىرىدىن قايتۇرماي
پەللە تامان باشلىغان سەپ رول ئكەن ئانىلار
تىكەنلەرنى چەيلىگەن چۆلنى بوستان ئەيلىگەن
مىھنەت قىلىپ ھارمىغان گۈلى قول ئىكەن ئانىلار
دىمەڭ باغرى زەرلىك قان بەھرى دىلغا شەربەت تام
بەرىكەتتىن ئايىنغان ھوسۇل ئىكەن ئانىلا ر
مەنبەسى: شىنجاڭ ئاياللىرى