مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1639|ئىنكاس: 23

رازۋېدكا خاتىرىسى— سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى (14) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 02:32:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار ئىككىسى ؟ ئۇلار ئىككىسى ئەسلا شېرىككە ئوخشىمايدىغۇ ؟

«ئۇلار ئەسلىدىنلا شېرىك - دېدى فاسەي - مۇنداقلا ئېيتاي ،دۇنەنخەي بىلەن جىن ياڭدىن باشقا يەنە بىرەيلەن ئەينى چاغدا چىڭ جوۋنىڭ پەلىيىنى قايسى قولىغا كىيگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.»

كىم ؟

«مىياۋزى - دېدى فاسەي بېشىنى يان تەرەپتىكى تامغا قارىتىپ بۇراپ - سەنمۇ ئەينى چاغدا چىڭ جوۋنىڭ قايسى قولىغا پەلەي كەيگىنىنى كۆردۈڭمۇ ؟»

مياۋزى بۇ چاغدا ئۆزىنىڭ خەت يېزىش تاختىسىغا ئوڭ دەپ يېزىپ ئۇلارغا كۆرسەتتى.

ئوڭ قولى !

«توغرا ،چىڭ جوۋ ئەسلا پەلىيىنى ئالماشتۇرۇپ كىيمىگەن.ھەتتا پەلىيىنى سېلىپمۇباقمىغان  - دېدى فاسەي - ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ يا قاتىل ئەمەس. شۇنداققۇ ؟»

چىڭ جوۋ بېشىنى لىڭشىتتى.

«بىراق جىن ياڭ بىلەن دۇنەنخەي ئىككىڭلار  نېمىشقا ئۇنداق يالغان سۆزلەپ ئۇنىڭغا گۇناھ دۆڭگەيسىلەر ؟»دەپ سورىدى فاسەي.

«نەدىكىنى ! - دېدى جىن ياڭ - مەن كۆرگەن تۇرسام ! ئېنىق سول قولىدا ئىدى. مىياۋزى چوقۇم خاتا كۆرۈپ قاپتۇ .»

دۇنەنخەيمۇ دەرھال بېشىنى لىڭشىتىپ بۇ قاراشقا قېتىلىدىغانلىقنى بىلدۈردى.

«شۇنداقمۇ ... - دېدى فاسەي ئۈستەلدىكى پەلەينى قولىغا ئېلىپ - كەچۈرۈڭلار، سىلەر ئالدىنىپ قالدىڭلار.چىڭ جوۋنىڭ پەلىيى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ،قان پەقەت بىرتەرەپتىلا بار. يەنە بىر تەرەپكە تېشىپ ئۆتمىگەن.شۇڭا ئۆلگۈچىنى قۇچاقلاپ تۇرغان چىڭ جوۋنىڭ پەلەي ئالماشتۇرۇشى مۈمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى - پەلەي ئىزچىل چىڭ جوۋنىڭ ئوڭ قولىدا ! دېمەك ئىككىڭلار بايا يالغان سۆزلىدىڭلار !   ئۇنىڭدىن سىرت ،بايا چىڭ جوۋ ئەسلا خاتا تونۇپ قالغىنى يوق. بۇ پەلەي ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ پەلىيى.
بۇنىڭ ھەممىسى...پەقەتلا ئىككىڭلارنى قىلماققا ئېلىندۇرۇش ئۈچۈن مەن بىلەن چىڭ جوۋ ئوينىغان بىر ئويۇن خالاس.»

جىن ياڭ بىلەن دۇنەنخەي بۇ گەپتىن ھاڭۋېقىپ قالدى.

چىڭ جوۋ بىرنى كۈلۈپ قويۇپ ئېيتتى :«فاسەي ئەپەندىم، مېنى بايا ھەقىقەتەنمۇ ھاردۇرىۋەتتىڭىز جۇمۇ. سىز ئەسلا بىز دېيىشىپ قويغان پېتى سورىماي يەنە بىرمۇنچە ھىيلە چىقىرىپ ،مېنى قەستەن قىينىدىڭىزمۇ يە ؟»

بۇنى ئاڭلىغان جى لىڭ گې بىردىنلا ھارغىنلىق ھېس قىلدى.
نېمىلا بولمىسۇن ئۇ قىياس قىپ چىقارغان قاتىل چىڭ جوۋ ئەمەسمىدى !ئاقىۋەتتە...ئۇ...فاسەيگە ياردەملەشكەن ئارتىس بوپ قالدىما ؟

«ئەمەلىيەتتە - دېدى فاسەي جى لىڭ گې غا قاراپ - مەن تۈنۈگۈنلا چىڭ جوۋ بىلەن دېيىشىپ قويغان.  چۈنكى مەن ھەقىقىي قاتىللىقنى جىن ياڭ بىلەن دۇنەنخەي ھەمكارلىشىپ قىلىپ ،چىڭ جوۋغا قەسىت قىلماقچى دەپ ئويلىغاچقا ،ھەمدە يەنە ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ سوراق قىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە ،بۇ ئويۇننى ئاللىبۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانىدىم.»》

دېمەك، بايىقى سوراق باشتىن ئاخىرى بىر چوڭ ئورا ئىكەن. مەقسەت بولسا ئويۇن كۆرۈۋاتقان ئۇ ئىككەيلەننى ئورىغا دەسسىتىش ئىكەن.

جى لىڭ گې فاسەينىڭ نېمە سەۋەبدىن ئۇنچە كۆپ تاماشىبىن ئەپ كېلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدىلەتىن چۈشەنگەندەك بولدى.

«توغرا... سوراق باشلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتىلا ،ئورا كولاش باشلىنىپ كەتكەن » دېدى فاسەي دەلىللەپ.

«سىز ئورىڭىزغا مېنىمۇ سەكرىتىپسىز !- دېدى جى لىڭ گې - ئىككىڭلارنىڭ ئويۇن قويۇۋاتقىنىڭلارنى نېمىشقا ماڭا بالدۇرراق دېمەيسىلەر ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تېخى ئىزچىل چىڭ جوۋنى قاتىل دەپ يۈرۈپتىمەن. لېكىن نېمىشقا بايا ئۇنى ئۆلگۈدەك قىستاپ ،يەنە تېخى  قاتىل دېگەن سەن ، دەپلا تۇرىۋالىسىز ؟ ئەگەر ئۇ سەللا كەتتۈرۈپ قويسا جىنايەت بېكىتىلىپ كەتمەمدۇ ؟»

فاسەي بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ سۆزلىدى :« ۋاي قاپاق ،ئۇنداق ئەمەلىي ئوينىمىساق ئا ئىككىسى ئۆزىنى چاندۇرىشامتى ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يېتىشەلەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم . قاراڭە ،نېمە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش،يېشى سەۋەبلىك پەلىيىنى تونالماسلىق..دېگەندەكلەرنى توقۇپ چىقىرالىدى. شۇنداق ياخشى تېخى..بىراق - دېدى ئۇ جىن ياڭ بىلەن دۇنەنخەيگە قاراپ - ئىككىڭ ئۇنداق ئەمەس.ئىككىڭ بايا ئورىغا چۈشۈشتۈڭ.تېخى ھەممىسى ئىسپات ئورنىدا. شۇڭا ئېنىق بېكىتەلەيمەنكى ،قاتىل دەل ئىككىڭ.»

«فاسەي ،سىز ئۇ ئىككىسىنى شېرىك دېمەكچىمۇ ؟- دەپ سورىدى جى لىڭ گې - ئۇلار ئىزچىل بىرسى بىرسىنى قاتىل دەپ ئېتىشىۋاتقان تۇرسا !»

«شۇنداققۇ ، ئۇلار دەۋاتقان قارشى تەرەپ دەل قاتىلغۇ شۇ.- دېدى فاسەي چۈشەندۈرۈپ - بولمىسا ئۇلار ئىككىسى قانداقسىگە شۇنداق چىشلىشىپ تۇرالايدۇ ؟ چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ كۆڭلىگە ئايان ،قارشى تەرەپ ھەقىقەتەن قاتىل.»

ھە ؟

ئىككى شېرىك جىنايەتچى ئەسلى بىر بىرىنى چىشلىشىپ تۇرۇشىۋاتقانمىدى ؟  شېرىك...؟

«تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا ،جىن ياڭ بىلەن دۇنەنخەي ئىككىلىسىنىڭ يەككە ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىمكانىيىتى يوق - دېدى فاسەي داۋاملىق چۈشەندۈرۈپ - جىن ياڭنىڭ پىچاق سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتى ،دۇنەنخەينىڭ سىنىپقا پىچاق ئەكىرىش ئىمكانىيىتى يوق.شۇڭا ئۇلار بۇ نۇقتىنى دەستەك قىلىشپ ئۆز ئارا بىر بىرىنى كۆرسىتىشىپ تۇرسا ، گۇماندىن ساقىت بولالايدۇ. ساقچىلارمۇ ئۇ ئىككىسىنى شېرىك دەپ ئويلىمايدۇ.شۇڭا ئەينى چاغدا ئاۋۋال دۇنەنخەي پىچاق سېتىۋېلىپ تىقىپ قويغان ،ئاندىن ئۇ كۈنى جىن ياڭ سىنىپقا ئەكىرگەن.»

جى لىڭ گې مۇ ئاخىرى چۈشەندى :«شۇڭا مۇنچىلىك مۇرەككەپ ئىشنى ،بۇ ئىككىسى ھەمكارلىشىپ ئاسانلا پۈتتۈرىۋەتكەن.ئاندىن دەسلەپتىلا بىر - بىرىنى چىشلىشىپ تۇرىۋېلىپ بىزگە ئىس - تۈتەك بومبىسى قويۇپ بېرىپتۇ ».

«توغرا. لېكىن بۇ ئىس -تۈتەك ھامان بىر كۈنى چوقۇم تارايدۇ ;  جىن ياڭ ،سەن دۇنەنخەينى قاتىل دەيتتىڭغۇ ؟-  دېدى فاسەي ئۇ ئىككىسىگە قاراپ - دۇنەنخەي ،سەنمۇ قاتىلنى ئىزچىل جىن ياڭ دەيتتىڭغۇ ؟  بىراق ئەمدى نېمىشقا ئىككىلىڭلار يۈگۈرۈپ كېلىپ قاتىلنى چىڭ جوۋ دەيسىلەر ؟ ھە ؟»

چىڭ جوۋ ئورنىدىن تۇرۇپ جىن ياڭ بىلەن دۇنەنخەينى مۈرىسىگە شاپاللاپ قويۇپ ،سوراق ئۆيىدن چىقىپ كەتتى.

فاسەي ئۇ ئىككىسىنى ئۇدۇلىدا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن يەنە ئېغىز ئاچتى :«ئىككىڭلارنىڭ بۇ سۈيقەستى تولىمۇ سىپتا بوپتۇ.كۆرۈنۈشتە دۈشمەن ،ئەمەلىيەتتە بولسا ساقچىلاردىن پايدىلىنپ ،جىنايەتنى چىڭ جوۋغا ئىتتىرىشتىڭ !»

(ئارىلىقتىكى قۇرۇق پاراڭلارنى ئازراق قىسقارتىۋەتتىم)

فاسەي سىرتقا چىقىپ تاماكا چېكىپ كىرگەندىن كېيىن ئالدىدىكى تېخىچە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغان دۇنەنخەي بىلەن جىن ياڭغا دېدى «تېخىچە ئىنكاس يوق ئولتۇرىشىسەنغۇ ؟ئېيتىشە !ئىككىڭدىن قايسىڭ لۈي يىشىننى تۇتۇپ بەردىڭ ؟ئاندىن قايسىڭ پىچاق تىقتىڭ ؟»

«سەن نېمە دەۋاتىسەن ؟مەن چۈشەنمىدىم »
«مەنمۇ چۈشەنمىدىم - دېدى دۇنەنخەي جىن ياڭنى كۆرسىتىپ - ئىشقىلىپ چىڭ جوۋ قول سالمىغان بولسا ئېنىقلا ئۇ قول سالغان !»

«يەنە ئوينىشامسەن ؟» دېدى فاسەي سەل سەۋىرسىزلەرچە.

ئۇ ئىككىسىنىڭ بايىقى گۇۋاھلىقى ئۇلارنى چاندۇرۇپ بولغان بىلەن ،ئۇلار تېخىچە ئىقرار قىلىشنى توغرا تاپماۋاتاتتى.

فاسەي جى لىڭ گې نى چاقىرىپ ئەكىرىپ ،داۋاملىق سوراق قىلىشنى قارار تاپتى.

«بولامۇ ؟»دېدى جى لىڭ گې ئەنسىرەپ.
«بولماسمۇ ؟ - دېدى فاسەي جاۋابەن - ئا ئىككىسى ھازىر جىددىيلىشىپ بىر نېمە بوپ كېتىپ بارىدۇ.»

«بىراق... - دېدى جى لىڭ گې تۆۋەن ئاۋازدا - بىزدە ئىسپات بولمىسا...»

«خاتىرجەم بولۇڭ، ئىككەيلەنگە تاقابىل تۇرۇشتا ئىككەيلەنگە ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان ئامال بار.

بۇ چاغدا ئۇ ئىككەيلەن يەنە ھېلھەم تىركەشمەكتە «قاتىل سەنغۇ جىنياڭ ؟ سەن بايا چىڭ جوۋنى پەلىيىنى ئوڭ قولىغا كىيىۋالغان دەپ مېنىمۇ ئېزىقتۇرىۋەتتىڭ.»
«نېمە دېمەكچى سەن ؟ مەن تېخى ساقچىلار مېنى قەستەن ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا پەلەي بارتى دېگۈزمەكچى دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇ كۈنى راستلا كۆرگەن تۇرسام !»

«مەن بايا دېدىم - دېدى فاسەي بۇ چاغدا - ئىككىڭ ھەرقانچە ھىيلىگەرلىك قىلىشساڭمۇ بىكار.»

بۇ چاغدا جىن ياڭ يەنە سۆزلىدى :«مەن بايا چىڭ جوۋنىڭ ئوڭ قولىدا پەلەي يوقتى دېيىشىمگىلا ئۇ سول قولىدا پەلەي بارتى ،دېدى ،ئۇ دېگەن ھەقىقىي قاتىل ،ئۇ مېنىڭ ئورامغا دەسسىدى !»

«سەن تېخى ئورا كولىيالامسەن ؟تولا بىلجىرلىما ! ئېنىقلا مېنى ئالداۋاتىسەن ! قاتىل دېگەن سەن !»

«مېنى قاتىل دەيدىغانغا ئىسپاتىڭ قېنى ؟»

«ئەمىسە سېنىڭ ئىسپاتىڭچۇ ؟»

مانا بۇ دەل ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە.

«بولدى ،ئاغزىڭلانى يۇمۇڭلار !- دېدى فاسەي يۇقىرى ئاۋازدا - مەن بىر -بىرلەپ سورايمەن.  ئاۋال ،دۇنەنخەي؟»

«ئىم ؟»

«سېنىڭ جىنياڭنى قاتىل دېيىشىڭدىكى ئاساسىڭ نېمە ؟»

«مەن دېگەنغۇ - دېدى دۇنەنخەي - لۈي يىشىن ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى ئالداپ ،مۇسابىقە ۋاقتىدا سەھنىگە بىللە چىقالمىغان !»

«ئۇنداقتا جىن ياڭ ،سېنىڭ دۇنەنخەينى قاتىل دېيىشتىكى ئاساسىڭ نېمە ؟»

«ئىم... توختاڭلار ،مەن بايا ئاخىرى ئويلاپ يەتتىم.ئويلاپ بېقىڭلار ،دۇنەنخەينىڭ ئۇ كۈندىكى ئۇسۇل ھەمرايى زادى كىمكىن ؟»

كىم ؟

«جاڭ تىيەنمۇ ئەمەس ، گې لى لى مۇ ئەمەس. بەلكى لۈي يىشىن !»

نېمە ؟

«ئۇنىڭ ئۇسۇل ھەمرايىنى تاپالمىغىنىمىز بىكار ئەمەسكەندە - دېدى فاسەي - ئەسلى ھەقاسىڭلار جايلىۋېتىپدىكەنسىلەر.»


«ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار، ئۇ جۆيلۋاتىدۇ.»دېدى دۇنەنخەي.

«ياق ياق. ئۇنىڭ دېگەنلىرى ھەقىقەت - دېدى فاسەي - ئەگەر جىن ياڭ راست سۆزلىمىسە قانداق قىپ جىنايەتنىڭ ھەممىنى ساڭا ئارتىپ قويالايدۇ ؟»

«بۇنىڭدىن سىرت - دېدى جىن ياڭ يەنە - مەن ۋېن ۋېن بىلەن ئۇنىڭ پىچاق دۇكىنىغا كىرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ! بۇنىڭدا خاتالىق يوقتۇ ؟»

توغرا. قىلچە خاتالىق يوق.

«بىراق مېنىڭ ئېسىمدە يوق. - دېدى دۇنەنخەي - سەن بىلەن چىڭ جوۋغا ئايدىڭ ،مېنىڭ ئەينى چاغدا سىنىپقا پىچاق ئەكىرىش مۈمكىنچىلىكىم يوق.»

«ئەمىسە ئادەمنى قانداق ئۆلتۈردۈڭ ؟»
«ئۇنى سەن ئۆلتۈردۈڭ !»

يەنە بولمىدىغۇ.

جى لىڭ گې جىلە بولدى. چۈنكى يەنە مۇشۇنداق كېتۋەرسە ئاخىرى ھېچقانداق نەتىجە چىقمايدۇ -دە.

ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك ؟

«نېمىلا بولمىسۇن ،ھەقىقىي قاتىل ئېنىقلا مۇشۇ ئىككىڭنىڭ ئىچىدە.گەرچە بىز ئىككىلىڭلارنى قاتىل دەپ قىياس قىلساقمۇ ،بىزدىكى ئىسپات يېتەرلىك ئەمەس - دېدى فاسەي - بىراق ،ئىككىڭلاردىن قايسىڭلار قارشى تەرەپنىڭ قاتىل ئىكەنلىكىنى ياكى قاتىللىق ۋاستىسىنى ئېيتىپ چىقالىساڭلار ،ئۇ چاغدا ياخشى.ئىسپات بولغاندىكىنلا جىنايەت بېكىتەلەيمىز.قېپ قالغان ئىسپات يېتەسىز جىنايەت گۇماندارىنى بىز تۇتمايمىز. ئامال يوق ،بىز ھازىر پەقەت مۇشۇنداقلا قىلالايمىز.»

جى لىڭ گې چۈشەنمىدى .ئەجەبا ئۇلاردىن بىرىنى راستلا قويۇۋەتمەكچىمۇ ؟

«ئەگەر ھېچقايسىڭلار قارشى تەرەپنىڭ قاتىللىق قىلىش ئىسپاتىنى بېرەلمىسەڭلار ،بىز ئوخشاشلا ئىككىڭلارنى شېرىك جىنايەتچى دەپ قولغا ئالىمىز.»

ئۇ ئۇ ئىككىسىنى تېخىمۇ بەكرەك تالاشسۇن دەپتۇدە.

بۇ گەپتىن ئۇ ئىككىسى فاسەيگە قاراپ قويۇپ ،ئاندىن نەزىرىنى بىر بىرىگە تىكىشتى.

چۈنكى نۆۋەتتىكىسى رول ئېلىش ئەمەس،بەلكى ھايات - مامات كۈرىشى. ياكى مەن ئۆلىمەن ياكى سەن.

بىراق ھازىرقى مەسىلە...يەنىلا ئىسپات .چۈنكى ھېچكىمدە يېتەرلىك ئىسپات يوق.

شۇ تەرىقىدە خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ،ئاخىرى دۇنەنخەي ئاۋۋال ئېغىز ئاچتى .

«كەچۈرۈڭلار كۆپچىلىك.مەن بىر ئىشنى چوقۇم ئىقرار قىلىشىم كېرەك.»

ئىم ؟

«مەن ھەقىقەتەن پىچاق سېتىۋالغان.»

«سەن... - دېدى جىن ياڭ ئۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ - ھەقىقەتەنمۇ سەن قىلغان ئىشكەن !»

«ياق - دېدى دۇنەنخەي ئىنكار قىلىپ - لۈي يىشىننى ئۆلتۈرگەن پىچاقنى ھەقىقەتەنمۇ مەن سېتىۋالغان. مېنىڭ ئىزچىل ئىنكار قىلىشىمدىكى سەۋەبمۇ دەل شۇ سىلەرنىڭ شۇ سەۋەب مەندىن گۇمانلىنىپ قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرىگەنلىكىم.بىراق ماڭا ئىشىنىڭلار ،ئۇنى مەن ئۆلتۈرمىدىم ! مېنىڭ سىنىپقا پىچاق ئەكىرىش ئېھتىماللىقىم ھەم مۈمكىنچىلىكىم يوق !»

ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق. ئۇنىڭ ھەقىقەتەن سىنىپقا پىچاق ئەكىرىش شارائىتى يوق.

«شۇڭلاشقا -دېدى  ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ - جىن ياڭ مېنىڭ پىچىقىمنى ئوغرىلاپتۇ .»

نېمە ؟

«جىن ياڭ مېنىڭ قول سومكامنى ئاختۇرۇپ،بۇ پىچاقنى بايقىغاندىن كېيىن،دېلو يۈز بەرگەن كۈنى پىچاقنى ئۆزىنىڭ قول سومكىسىغا يوشۇرۇپ قويۇپ ،سىنىپقا ئەكىرىپ لۈي يىشىننى ئۆلتۈرگەن !»

«جۆيلۈمە !- دېدى جىن ياڭ دەرغەزەپ بوپ - مەن سېنىڭ پىچىقىڭنى ئوغرىلىمىدىم !»

«ئېنىقلا مۇشۇنداق . بۇنىڭدىن باشقا ئەھۋال بار بولۇشىنى ئويلاپ چىقىرالمىدىم - دېدى دۇنەنخەي - سېنىڭ ئىشكاپىڭ بىلەن قول سومكاڭغا ئۇزاق مۇددەت پىچاق يوشۇرۇپ يۈرۈش مۈمكىنچىلىكىڭ يوق.شۇڭا پەقەتلا دېلو يۈز بەرگەن كۈنى مېنىڭ سومكامنى ئاختۇرۇپ ،پىچىقىمنى ئوغرىلىۋالغان سەن .»

«مەن سېنىڭ سومكاڭنى ئاختۇرۇپ باقمىدىم !»

«بولدى ئىقرار قىلغىن - دېدى دۇنەنخەي يەنە - مېنىڭ سومكامدىن سېنىڭ بارماق ئىزىڭنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسەن !»

«مەن... - جىن ياڭ دەرۋەقە جىلە بولدى - بوپتۇ ! مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ سومكاڭنى ماتىلاپ باققان .لېكىن باشقا بىر نەرسىنى ئىزدەپ ! مەن ئەينى چاغدا سېنىڭ پىچاق سېتىۋلغىنىڭنى ئەسلا بىلمەيتتىم !»

«نېمە ئىزدىگەنتىڭ ؟»

«پايپاق ئىزدىگەن !»  ( توۋا دەيمە...مۇشۇ خەق يېنىدا ئەپ يۈرمەيدىغان نىجاسەتتىن باشقا يەنە نېمە بادۇ ؟)

«ئاقىۋەتتەچۇ ؟»

«تاپالمىدىم.شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كەتكەن.»

«توختا !- دېدى فاسەي بۇ چاغدا ئېغىز ئېچىپ - سەن بايا ئۇنىڭ سومكىسىدىن پايپاق ئىزدەپ تاپالمىدىم، دېدىڭ ھە ؟»

جىن ياڭ بېشىنى لىڭشىتتى.

فاسەي سوئالىنى داۋام قىلدى :«سەن تاپالماپسەن .دېمەك سەن ئەينى چاغدا چوقۇم دۇنەنخەينىڭ سومكىسىنى مالىماتاڭ قىلىۋەتتىڭ.شۇنداقمۇ ؟»

«ھەئە.»

«ئۇنداقتا سەن ئۆزۈڭنىڭ راستلا پايپاق تاپالمىغانلىقڭنى جەزىم قىلالامسەن ؟...»

ئىم ؟

تاپالمىغانلىق راستقۇ. لېكىن...فاسەينىڭ مۇنداق سورىشىدا نېمە مەقسەت بار ؟

جىن ياڭ فاسەيگە قاراپ تۇرۇپ قالدى.شۇتاپ ئۇنىڭغا فاسەينىڭ كۆزلىرى ئۇنى بىر نەرسە دېيىشكە زورلىغاندەك بىلىنىۋتاتتى.

ئەجەبا...

توغرا. ئۇنىڭ سومكىسىدا پەقەت پايپاقلا ئەمەس ،يەنە بىر مۇھىم نەرسە بولۇشى كېرەكقۇ !

«مەن پايپاق تاپالمىدىم،بىراق... -دېدى جىن ياڭ - ئېسىمگە كەلدى،مەن،مەن ئۇنىڭ سومكىسىدا...بىر پىچاق بارلىقىنى كۆرگەن !»

توغرا. ئۇ چوقۇم ئۇ پىچاقنى بايقىدىم دېيىشى كېرەك بولمىسا دۇنەنخەي ئۇنى چىشلەپ تۇرۇۋالىدۇ.

بۇ چاغدا دۇنەنخەي ئېغىز ئاچتى :«لېكىن مەن كېيىن قايتىپ كېلىپ (كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە قايتقانلىقىنى دېمەكچى. )قارىسام.سومكامدىكى پىچاق يوقاپ كېتىپتىكەن.ناۋادا ئۇنى سەن ئوغرىلىمىغان بولساڭ كىم ئوغرىلىغان ؟»

«مەن ئەسلا ئۇ بىرنېمەڭنى ئوغرىلىمىدىم !- دېدى جىن ياڭ -مەن تېخى سېنىڭ نېمىشقا سومكاڭغا پىچاق سېلىپ يۈرىدىغىنىڭنى ئۇقمىسام ...»

«ھا ھا ھا...»
دۇنەنخەي توساتتىنلا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.

«نېمە كۈلىسەن ؟»

«جىن ياڭ ،سەن ئالداندىڭ - دېدى دۇنەنخەي - مەن ھەقىقەتەن پىچاق سېتىۋالغان .لېكىن مەن پىچاقنى سومكامغا سالمىغان .»

نېمە ؟

جى لىڭ گې قايمۇقۇپ قالدى.

دۇنەنخەي بولسا سۆزىنى داۋام قىلدى :« مەن پىچاقنى ئېنىقلا ئىشكابىمغا سېلىپ ،ئىشكابىمغا قۇلپا سېلىپ قويغان. جىن ياڭ ،سەن قانداقسىگە ئىشكابىمدىكى پىچاقنى سومكامدىن كۆردۈڭ ؟»

بۇ...ئورا كولاش تاكتىكىسى !

ما ئىشنى كۆرۈڭ. فاسەي بايتىن بېرى ئەسلى ئۇلارنى ئورا كولاشقا كۈشكۈرتۈپتىكەندە !

«سەن...- دېدى جىن ياڭ تەمتىرەپ - پىچاق ئېنىقلا سومكاڭدا ئىدى !»

«توغرا ئەمەس،ئىشكابىمدا ئىدى.سەن قاتىل مېنى گۆرگە ئىتتىرىمەكچىمۇ ؟»

«ئېنىقلا سومكاڭدا! ئۇنى ئىشكابىمدا دەيدىغانغا نېمە ئاساسىڭ بار ؟»

«ئۆزۈمنىڭ پىچىقىنى نەگە قويغىنىمنى ئۆزۈم ئۇقمامدىم ؟ - دېدى دۇنەنخەي بىرنى كۈلۈپ قويۇپ - سېنىڭ سومكامدىن پىچاق بايقىشىڭ ئەسلا مۈمكىن بولميدىغان ھادىسە !»

«ئۇنداق ئىش يوق. مەن ھەقىقەتەنمۇ ئۇ پىچاقنى كۆردۈم !»

«جۆيلۈمە .ئىسپاتىڭ قېنى ؟»

«ئىسپاتىم شۇكى مەن ئۇ پىچاقنىڭ قانداقلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن -- قوڭۇر رەڭ سەپلىك ،بىر تەرىپىلا كېسىدىغان ، پىچاق ئۈستىدە ئېنىق قىلىپ  <BLAZE>
دېگەن خەت ئويۇقلۇق !  سەن يەنە تېخى بۇنى سومكامدىكى پىچاق ئەمەس دېيەلەمسەن ؟»

سوراقخانا ئىچى بىردىنلا جىمىپ كەتتى. فاسەي يەنە مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپ كەتتى.

«جىن ياڭ ،ئەمەلىيەتتە... مەن ئەسلا پىچاق ئەپ باقمىغان »

بۇ...

دۇنەنخەينىڭ باياتىن بېرى پىچاق ئالدىم دېگىنى ،ئەسلى ئورا كولىغىنى ئىكەن !

ئۇ جىن ياڭغا قاراپ داۋاملىق دېدى « مەن ئەسلا پىچاق ئەپ باقمىغان.بىراق جىن ياڭ ،سەن ئاخىرى چېنىپ قالدىڭ ! سەن قانداق قىلىپ ئۇ پىچاق ئۈستىدىكى خەتنى ئېنىق بىلىسەن ؟ ئېسىمدە خاتا قالمىغان بولسا ئۇ پىچاق تۇنجى پەيدا بولغاندا ،پىچاق تىغى ئاللىبۇرۇن لۈي يىشىننىڭ قورسىقىدا ئىكەنتۇق .»

«سەن...سەن ئېنىقلا پىچاق سېتىۋالغان !»

«ياق ،ئالمىغان ». دۇنەنخەي دەپ بوپ فاسەيگە قاراپ قويدى.

«بولدى ،جىن ياڭ،ھىيلىگەرلىك قىلما - دېدى فاسەي - پىچاقنى سەن ئالغان بولغىيتتىڭ.بولمىسا ئۇ خەتنى قانداق بىلەتتىڭ.»

جىن ياڭ دۇنەنخەيگە غەزەپ بىلەن قاراپ تۇرۇپ،پىچاقنى ئېنىقلا ئۇ ئالغان دەپ تۇراتتى.

فاسەي دۇنەنخەيدىن قايتا سڭرىدى. دۇنەنخەي بولسا بېشىنى چايقىدى :«مەن ئالمىغان . ئېلىش تۈگۈل كۆرۈپمۇ باقمىغان .»

«راست ؟»

«ھەئە.»

«ئىككى قاپاق - دېدى فاسەي بۇچاغدا قانائەتچىلىك بىلەن - ئىككىلىڭ چېنىپ قېلىشتىڭ.»

ھەممىسى چاندى ؟ توغرا ئەمەسقۇ ؟ چانغىنى پەقەتلا جىن ياڭ ئەمەسمۇ ؟

فاسەي چۈشەندۈردى :« دۇنەنخەي بايا ئۇ پىچاقنى كۆرۈپ باقمىغان دېمىدىمۇ ؟ ئۇنداقتا ئۇ قانداقسىگە پىچاقتىكى جىن ياڭ دېگەن خەتلەرنىڭ...»

«مەن قىياس قىلغان . ئۇ قاتىل بولغاندىكىن چوقۇم ھەقىقىي قاتىللىق قورالىنى تەسۋىرلەيدۇ.»

«ياق ،ياق - دېدى فاسەي - مەسىلە خەتتە ئەمەس.بەلكى سېنىڭ ئۇ خەتنىڭ ئويۇلغان ئورنىنى بىلىدىغانلىقىڭدا. »

«ئىم...»

«سەن قانداق قىلىپ ئۇ خەتنىڭ پىچاقنىڭ تىغىدا ئىكەنلىكىنى ئۇقىسەن ؟ جىن ياڭ بايا ئۇ خەتنىڭ قايسى جايدا ئىكەنلىكىنى ئېيمىغانىدىغۇ ؟»
بۇ...

«ئىككەيلەن ،بولدى ئېتراپ قىلىڭلار »

«توغرا ئەمەس ! - دېدى جىن ياڭ - مەن ئۇنىڭ سومكىسىدىن پىچاقنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۈستىدىكى خەتنى بىلىمەن ».

«بولدى ھىيلىگەرلىك قىلما - دېدى فاسەي - دۇنەنخەينىڭ قاتىل ئىكەنلىكى ئېنىق بوپ بولدى ، شۇنداققۇ ؟»

«شۇنداققۇ ! ئېنىقلا ئۇغۇ !»

«ئۇنداقتا ئۇ پىچاقنى قانداق قىلىپ سىنىپقا ئەكىرگەن ؟ بۇنىڭدا يەنىلا ساڭا تايىنا ؟- دېدى فاسەي - جىن ياڭ. ئۇنتۇما ،سەن دۇنەنخەيدىن قالسلا بىردىنبىر ئۇ پىچاققا نېمىنىڭ ئويۇلغانلىقىنى بىلدىغان ئادەم .»

«...ئۇ...»

«دۇنەنخەي سىنىىپقا پىچاق ئەكىرەلمەيدۇ. بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بولغان دەل سەن ئۆزۈڭ ئەمەسمىدىڭ !»

«ياق،ئۇ... ناۋادا ئۇ ئۇنى ئىچ كىيىمى ئىچىگە ،ياكى باشتىلا ...»

«بولدى قىل .سېنىڭ يەنە بىر چوڭ يوچۇقۇڭ بار.»

«نېمە ؟»

«سەن ئۇنىڭ سومكىسى ئىچىدىن قاتىللىق قورالىنى بايقاپسەنيۇ ،ئۇنداقتا نېمىشقا بىزگە بۇنى مەلۇم قىلماي ۋېن ۋېن بىلەن بىللە ئۇنىڭ پىچاق ئالغىلى بارغانلىقىنى مەلۇم قىلىسەن ؟  بۇ پەقەتلا مۇنۇ بىر ئىشنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ - دېدى فاسەي ئورنىدىن تۇرۇپ - سېنىڭ دۇنەنخەينىڭ سومكىسىنى ئېچىشىڭ ،ئىككىڭنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشتىكى بىر باسقۇچۇڭ.»

ئىش مانا مۇشۇنداق . سوراقمۇ مانا مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشتى.

«ئورا كولاش دېگەن تاكتىكا كېتىدىغان ئىش. ئىشىڭلار بولمسا بىكارغا دوراپ ئوينىماڭلار. - دېدى فاسەي ئۇلارغا قاراپ - ئۇنىڭدىن سىرت،لۈي يىشىن ئۇ قېتىملىق ئۇسۇل مۇسابىقىسىدە ھېچقايسىڭلارنى ئالدىمىغان .»

«نېمە ؟»

«سىلەر ئىزچىل ئۇنى چېمپىيونلۇق ئۈچۈنلا سىلەر بىلەن بىللە ئۇسۇل ئوينىماقچى بولۇپ ،ئاخىرى سىلەرنى بىر يانغا تاشلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قەست قىلدىڭلار. شۇنداققۇ ؟»

«ھەئە. »دېدى جىن ياڭ.

«ئۇ مۇسابىقىنىڭ قائىدىسى ئېسىڭلاردا بارمۇ ؟ئەگەر ئۇ چېمپىيون بولماقچى بولسا ئۇنىڭ يەنىمۇ ئاسان ئامالى بار ئىدى.»
قانداق دېمەكچى ؟

«ئۇ بولسىمۇ سىلەر ھەممىڭلار بىلەن بىر بىردىن ئويناپ چېمپىيونلۇقنى ئېلىش. »

جىن ياڭ بىلەن دۇنەنخەي بىر بىرىگە قاراپ تۇرۇپ قالدى.

«مۇسابىقە قائىدىسىدە بىر ئادەم قايتا سەھنىگە چىقسا بولمايدۇ ،دېيىلمىگەن. شۇڭا ئۇ ھەممىڭلار بىلەن بىللە ھەمكارلىشىپ ئوينىماقچى بولغان »

«مۈمكىن ئەمەس ! ئەمىسە نېمىشقا تۇيۇقسىز توك توختاپ قالىدۇ ؟!»

«لۈي يىشىن تولىمۇ ئەقىللىق ئادەم.ئۇ كۈنكى توك توختاپ قېلىش ،پەقەتلا بىر تاساددىپىي توغرا كەپ قېلىش .»

شۇنداق قىلىپ ،بۇ دېلو مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى.


ھەممە ئىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، فاسەي تاماكىسىنى چىشلىگىنىچە ،كۆل بويىدىن چىڭ جوۋنى تاپتى.

«رول ئېلىشقا ئۇستىكەنسەن جۇمۇ.»

«قانداق ،يامانمىكەنمەن - دېدى چىڭ جوۋ جاۋابەن - لېكىن تاسلا قالدىم جۇمۇ .»

فاسەي بىر ئورۇن تېپىپ پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرغاندىن كېيىن داۋاملىق سۆزلىدى :«مەن بۇنى دېمىدىم. سېنىڭ ساقچىلار ئالدىدا يىغلىغىنىڭنى دەۋاتىمەن.»

«ئىم ؟»

«ماڭا ھەرگىزمۇ ئۇچاغدا راست يىغلىدىم.دېمە.»

«ھا ھا ھا...»

ئۇنىڭ ئۇنداق كۈلۈشى ،ئۇنىڭ فاسەي ئالدىدا ئەمدى ياسىنىپ يۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئىدى.

فاسەي ئاغزىدىكى ئىسنى پۈركۈۋەتكەندىن كېيىن يەنە دېدى :« چىڭ جوۋ،ئەمەلىيەتتە...سەن ئۇ ئىككىسىنىڭ لۈي يىشىنغا قەست قىلىدىغىنىنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولغان.»

«قانداق دەيسىز ؟»

« (باشتىكى ئىككى نۇقتىنى قىسقارتىۋەتتىم. قىياس قىپ بېقىڭلار.) ئۈچىنچىدىن : ھەممەيلەن دىققەت قىلمىغان نۇقتىدىن ،يەنى دەرس ۋاقتىدا «قاتىلنى تاپتۇق »دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ئىپادەڭ.»

«ئۇنداق قىلىشىم مېنىڭ قاتىل ئەمەسلىكىمنى بىلدۈرەلەيدۇ.»

«ئۇنداق ئىنكاس قىلىدىغانلار پەقەت ئىككى خىللا :بىرى جىنايەتچىنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە ئالدىىرىغان ياخشى ئادەم. يەنە بىرى جىنايەتنى دۆڭگەشكە ئالدىرىغان جىنايەتچى.»

«فاسەي ئەپەندىم ،چاقچاق قىلىشقا ئەجەپ ئۇستىكەنسىز. »

«مېنى چاقچاق قىلدى ،دەپ ئويلىساڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى. ئەگەر مەن بولمىغان بولسام ھېلىمۇ تۈگىشىپ كەتكىلى تاسلا قالغان ئىدىڭ. نېمىلا بولمىسۇن ،بەرىبىر پىچاق بىلەن سەن ھەپىلەشمىدىڭ.پەقەتلا ئۇ ئىككىسىدىن پايدىلىنىپ لۈي يىشىننى جايلىۋەتتىڭ خالاس.»

«ھەي - دېدى چىڭ جوۋ - مېنى ئاللىبۇرۇن قاتىلنىڭ كىملىكىنى بىلىدۇ دېسىڭىز مەيلى ،لېكىن باشقىلاردىن پايدىلىنپ ئادەم ئۆلتۈردى دېسىڭز بولمايدۇ.»

«ئۇنداقتا ئېيتە ،قولۇڭ قانداق بوپ يارىلانغان ؟- دېدى فاسەي ئاغزىدىكى ئىسنى يەنە قايتا پۈۋلىگەچ -سەن ھەرگىزمۇ سەھنىدە يارىلانمىغان،پەقەتلا باشقىلارنى ئالداپ قويدۇڭ خالاس.»

چىڭ جوۋ ئۈندىمىدى.

بۇنىڭ جاۋابىنى يەنىلا فاسەي بەردى:«سەن نومۇر ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن توك سىمىنى كېسىۋاتقان چېغىڭدا يارىلانغانسەن.»

چىڭ جوۋ كۈلدى.

ئۇ بۇنى ئېتراپ قىلمىدى.ئەمما ئىنكارمۇ قىلمىدى.

فاسەي ئورنىدىن تۇرۇپ  «تېزدىن پۇل تۆلەپ توك يولىنى ئوڭشىتىۋەت.بىزنىڭ يېقىندا يەنە شۇ ئەتراپتىكى تورخانىدا مۇسابىقىمىز بار.شۇ ئىشىڭ تۈوەيلى بىز ما.چارشەنبە مۇسابىقىگە چۈشەلمەي قالدۇق »دېدى دە ، ئۇ يەردىن ئايرىلدى.

«بىلدىم »دېدى چىڭ جوۋ بۇ چاغدا قوينىدىن بىر تۇتام پۇل چىقىرىپ...




سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى تولۇق ئاخىرلاشتى.


- شامال تەرجىمىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 02:35:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ ئازلىقى تۈپەيلىدىنلا ئادەمنىڭ كۆڭلى باشقىچە سوۋۇپ كېتىدىكەن.

گەرچە يېزىقچىلىققا شۇنداق قىزىقىشىم بولساممۇ ،ئىنكاسلانىڭ ئازلىقى تۈپەيلى ، «مۇنبەر »دەيدىغان يەردىن كۈنسايىن رايىم يېنىپ كېتىپ بارىدۇ.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91989
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 641
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 03:40:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەق ياخشى تەرجىمە قىپسىز ، بولسا ياپونىيىنىڭ رازۋېدكا خاتىرىلىرىنى تەرجىمە قىلەپ يوللىغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى ، ھەقىقەتىن پەيزى ياپونىيىنىڭ بۇخىل ئەسەرلقرى، ئەلۋەتتە خەنچىگە تەرجىمە قىلىنغانلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105021
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 03:43:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xamal1124 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 02:35 PM
چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ ئازلىقى تۈپەيلىدىنلا ئادەمنىڭ كۆ ...

يىڭى بىر دۇنيانىڭ   ئاخىرىنى يازغان بولسىڭىز بۇرادەر،

ئۈزەڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 03:55:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hutan.tawakkul يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 03:43 PM
يىڭى بىر دۇنيانىڭ   ئاخىرىنى يازغان بولسىڭىز بۇرادەر،

قىززىق. يېڭى بىر دۇنيانى باشلىغاندا ،چۈشكەن ئىنكاسلار ئاساسەن ماۋۇ رازۋېدكا خاتىرىسى توغۇرلۇقتى. ئەمدى...

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11958
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7046
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 05:46:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xamal1124 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 03:55 PM
قىززىق. يېڭى بىر دۇنيانى باشلىغاندا ،چۈشكەن ئىنكاسلا ...

چۇنكى رازۋېدكا خاتىرىسى  تۇگىدى ئەمەسمۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 06:08:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alvasti يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 05:46 PM
چۇنكى رازۋېدكا خاتىرىسى  تۇگىدى ئەمەسمۇ !

پەقەتلا.سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى ئاخىرلاشتى. يەنە ئۈچ دېلونى تەرجىمە قىلمىدىم.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 892
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3041
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 916 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 06:09:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xamal1124 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 02:35 PM
چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ ئازلىقى تۈپەيلىدىنلا ئادەمنىڭ كۆ ...

بۇ مۇنبەردە  تىزىملاتماي   زىيارەت قىلدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس     چۈنكى  بىلسىز ئۇرۇش جىدەل بەك جىق  
كىپەن ئوغرىسىنى قاچانمۇ   تەرجىمە قىلاسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 09:14:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kulpat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 06:09 PM
بۇ مۇنبەردە  تىزىملاتماي   زىيارەت قىلدىغانلارمۇ ئاز  ...

ئۆيدىكىلەر ئايلىق خىراجىتىمنى سەپ بەرسە ،شۇ پۇلدىن ئازراق ئاجرىتىپ كىتابىنى زاكاس قىلىپ ،زاكاس قىلغان كىتاب قولۇمغا تەگكەندىن كېيىن باشلايمەن.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 09:15:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musapir0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 08:10 PM
رەھمەت جاپا چىكىپسىز؟؟

سوراق بەلگىسى قويۇپ قويغىنىڭىزنى قانداق چۈشەنسەم بولاركىن ؟

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش