مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 874|ئىنكاس: 7

[SarwanBlog]سىنلىق دەرسلىك-Microsoft Wordتىن دەسلەپكى ساۋات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110603
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-10-14
ئاخىرقى: 2014-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 01:03:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Microsoft Wordتىن دەسلەپكى ساۋاتكومپيۇتېردا يېزىق تەھرىرلەش كومپيۇتېر مەشغۇلاتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۇقۇم. ھازىر مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىدارە، شىركەتلەردە قەلەم بىلەن خەت يېزىلمايدۇ. بارلىق يازمىچە مەزمۇنلار كومپيۇتېر بىلەن تەييارلىنىدۇ. مەكتەپلەردىمۇ ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇقلارنى ئېلخەت بىلەن تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.
مەن ئىشلەۋاتقان ئورۇن قۇرۇلغىلى 60 يىل بولغان ئورۇن. قىلىدىغان ئىشلار پۈتۈنلەي ئەقلىي ئەمگەك. قۇرۇلغاندىن باشلاپلا خىزمەت قەغەز، قەلەمگە تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان. ئەمما يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان خىزمەتلەر تەدرىجى كومپيۇتېرغا كۆچتى. ناۋادا تەسسادىپىي توك كىتىپ قالسا پۈتۈن خىزمەت توختايدۇ. ھەتتا خىزمەتچىلەر توك يوق دەپ ئۆيىگە كەتكىلى ئاران تۇرىدۇ.
مەيلى خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئىچىدىكى يېشى 50 تىن ئاشقانلار بولسۇن ياكى پىنسىيىگە چىققان 60-70 ياشلىق تەتقىقاتچىلار، تەرجىمانلار بولسۇن ئۇلارنىڭ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئىككى بارمىقى بىلەن چوقىلاپ خەت بېسىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن. دېمەك قېرىدىن ياشقىچە، ھەرقانداق كەسىپتىكىلەرنىڭ كومپيۇتېردا يېزىق تەھرىرلەشكە ئىھتىياجى چۈشىدىكەن. شۇنداقلا بۇ ئەسىردە بۇنىڭغا مەجبۇر بولىدىكەن. بۇرۇن خەت يازالمايدىغانلارنى ساۋاتسىز دېگەن بولسا ھازىر كومپيۇتېردا خەت يازالمايدىغان، تەھرىرلىيەلمەيدىغانلارنى ساۋاتسىز دېسە بولىدىكەن.
مەن سىنلىق دەرسلىك ئىشلەشنى نىيەت قىلغاندىن باشلاپ بۇنداق بىر يېزىق تەھرىرلەشكە ئائىت دەرسلىك ئىشلەيمەن دەپ ئويلىمىغان. ئاساسلىق يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەرنى ئىشلەيمەن دەپ ئويلىغان. ئەمما تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىش مىنىڭ بۇ دەرسلىكنى ئىشلىشىمگە سەۋەب بولدى.
*         ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىمۇ نورمال يېزىق تەھرىرلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغانلار كۆپ. مەن بىر قانچە ئىدارە، شىركەتلەردە ئىشلەش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىم، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۈتۈن ئوقۇش جەريانىدا خېلى كۆپ كومپيۇتېر مەشغۇلات دەرسلىكىنى ئوقۇسىمۇ، كۆپۈنچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقىدا كومپيۇتېر بار بولسىمۇ، تاپشۇرۇقلىرىنى كومپيۇتېردا ئىشلىسىمۇ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى كومپيۇتېردا يازسىمۇ، ئەمما مەكتەپ پۈتتۈرگۈچە ئەمەلىي خىزمەتتە ئۆز ھۆددىسىدىن چىققۇدەك يېزىق تەھرىرلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىيالمايدىكەن.
*         خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممە خىزمىتى كومپيۇتېردا بولىدۇ. ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى كومپيۇتېردا قىلىدۇ، تەرجىمە ماتېرىياللار ياكى ماقالىلەرنى تەھرىرلەيدۇ، ژورناللارنىڭ بېتىنى ياسايدۇ دېگەندەك. ئەمما Wordتىكى ئادەتتىكى بەزى مەشغۇلاتلارنى قىلالماي مىنى ياردەمگە چاقىرىدۇ. خېلى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزەمنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇپ باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن.
*         دوسلۇرۇمنىڭ ئىچىدە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، قالە يازىدىغانلارمۇ خېلى بار. گەرچە ئۇلار خېلى ئۇزۇندىن بۇيان يازمىلىرىنى كومپيۇتېردا يېزىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ يازمىلىرىنى پەقەت ئۇدۇللۇق يېزىپ ساقلايدىغانلىقىنى، باشقا مەشغۇلاتلارنى تازا بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، مىنىڭ ئۆزلىرىگە يېزىق تەھرىرلەش مەشغۇلاتىنى ئۆگۈتۈپ قويۇشۇمنى بىر قانچە قېتىم تەلەپ قىلدى. ئەمما مەن ھەر بىر ئادەمگە بىر ئۆگۈتۈپ قويالمىغۇدەكمەن. ئەمما بىر سىنلىق دەرسلىك تەييارلىسام لازىم بولغان جايلىرىنى ئۆزلىرى كۆرىۋالسا بولغۇدەك.
*         مەن يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتىگە ئائىت كەسپىي دەرسلىكلەرنى سۆزلىسەم ئۆگىنىدىغانلار بىر قەدەر ئاز. ئەمما يېزىق تەھرىرلەشكە ئائىت دەرسلىككە ئىھتىياجلىقلار تېخىمۇ كۆپ ئىكەن. يەنى ھەرقانداق كەسىپتىكى كومپيۇتېر مەشغۇلاتچىلىرى ئۆزىنىڭ كەسپىي دائىرسىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە يېزىق تەھرىرلەشكىمۇ ئىھتىياجى چۈشىدىكەن.
*         يېزىق تەھرىرلەشكە ئائىت سىنلىق دەرسلىك بىزدە تېخى بوشلۇق ئىكەن. تورلاردا بۇنداق بىر دەرسلىك يوق ئىكەن. گەرچە خېلى يىللار بۇرۇن بىر قىسىم كومپيۇتېر مەشغۇلات دەرسلىكلىرى(ئۆگۈتۈش يۇمشاق دېتاللىرى) تارقىتىلغان بولسىمۇ ھازىر يوق ئىكەن. ئىشلەتكۈچىلەر لازىم بولغاندا سېتىۋالالمايدىكەن. قىسقىسى ھەقسىز دەرسلىك يوق ئىكەن.
يۇقارقىدەك سەۋەبلەرنىڭ تۈرتكىسىدە 2 ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ دەرسلىكنى ئىشلەپ چىقتىم. دەرسلىك كىرىش سۆز، يېزىق تەھرىرلەش ئاساسلىرى، قىستۇرۇش مەشغۇلاتلىرى، جەدۋەل مەشغۇلاتلىرى، ئۇسلوب، ھۆججەت قۇرۇلمىسى، بەت ئورۇنلاشتۇرۇش، ساقلاش ۋە بېسىش، خاتىمە قاتارلىق بابلارغا بۆلۈنگەن، جەمئى 42 قىسىم. Word تىكى ئاساسلىق، ئادەتتىكى يېزىق تەھرىرلەشنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك مەشغۇلاتلار تولۇق سۆزلەنگەن.
بۇ دەرسلىكنى قانداق ئۆگۈنىمەن؟
*         Word  تا يېزىق تەھرىرلەشنى بىر قەدەر ئەتراپلىق ئۆگەنمەكچى بولغانلار دەرسلىكنى تولۇق بىر قېتىم كۆرىۋەتسە ياخشى.
*         ئادەتتە كومپيۇتېردا يېزىق تەھرىرلەيدىغانلار ئۆزى ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى دەرسلىكنىڭ ماس بۆلىكىدىن تېپىپ شۇنىلا كۆرۇپ مەشغۇلاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەتسە بولىدۇ. مەسىلەن: ئىزاھات قىستۇرۇش، مۇندەرىجە ھاسىل قىلىش… دېگەندەك.
*        مەيلى دەرسلىكنى باشتىن ئاخىر تولۇق كۆرۈڭ ياكى تاللاپ كۆرۈڭ چوقۇم مەشغۇلات قىلىڭ. كومپيۇتېر مەشغۇلاتى كۆرۈپلا ئەستە تۇتىۋالسا بولىدىغان نەرسە ئەمەس. چوقۇم ئۇنى مەشىق قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ تەجىربىسىگە ئايلاندۇرۋىلىڭ.
بۇ دەرسلىكنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن قانداق شارائىتلارنى ھازىرلىشىم كېرەك؟
ئاددىي بولغان كومپيۇتېر مەشغۇلاتلىرىنى بىلىشىڭىز كېرەك. جۈملىدىن مائۇس ئىشلىتىش، كونۇپكا تاختىسى ئىشلىتىش، پىروگراممىلارنى ئېچىش- تاقاش… قاتارلىق.
بۇ دەرسلىك ئۇيغۇرچە Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسىدا، ئۇيغۇرچە Microsoft Word 2013 تە سۆزلەندى. ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كومپيۇتېرىغا ئۇيغۇرچە Microsoft Word 2013 قاچىلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
Microsoft word نىڭ Windows,Mac مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىكى نەشىرلىرى ئاساسەن ئوخشاش. سىز ئۆگۈنۈپ بولغاندىن كىيىن ھەرقانداق نۇسخىدىكى، ھەرقانداق تىلدىكى نەشرىنى ئىشلىتەلەيسىز.
بۇ دەرسلىكنى قانداق چۈشۈرىمەن؟
     بۇ دەرسلىك Bittorrent Sync يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ھەمبەھىرلەندى. سىز ئالدى بىلەن كومپيۇتېرىڭىزغا  Bittorrent Sync يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاپ دەرسلىك چۈشۈرۈش بېتىدىكى چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى بېسىپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
بۇ دەرسلىكنى قانداق كۆرىمەن؟
بۇ دەرسلىكنىڭ چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى تەمىنلىنىش بىلەن بىرگە دۆلەت ئىچىدىكى سىن ھەمبەھىرلەش تورى Youku تورىغىمۇ چىقىرىلدى. Youku تورىدىن بىۋاستە كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما ئىنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن. شۇڭا توردىن بىۋاستە كۆرۈش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.
چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن سىن ھۆججەتلىرى MP4 فورماتىدا تەييارلانغان. Windows, Mac, Linux, Android, iOS ھەر قانداق مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى سىن قويغۇچلار قويالايدۇ. ئۆزىڭىز ياخشىراق دەپ قارىغان ياكى دائىم ئىشلىتىدىغان سىن قويغۇچ بىلەن قويۇپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
سىنلار 720P ئىنقلىقتا(1280×720) تەييارلانغان. شۇڭا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئىكران ئىنىقلىقى 1280×720 ياكى بۇنىڭدىن يۇقۇرى بولىشى كېرەك. كومپيۇتېردىن باشقا iPad ياكى باشقا تاختا كومپيۇتېرلاردا كۆرۈشكىمۇ بولىدۇ. ئەمما يانفوندا كۆرۈش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.
بۇ دەرسلىك ھەقسىزمۇ؟
دەرسلىك پۈتۈنلەي ھەقسىز. مەنبەسى ۋە ئاپتورىنى ئەسكەرتكەن ھالدا خالىغانچە پايدىلىنىشقا، باشقىلارغا كۆچۈرۈپ بىرىشكە، تارقىتىشقا بولىدۇ. ئەمما سېتىشقا، سودا خاراكتىرىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

بۇ دەرسلىكنىڭ خىزمىتىڭلار ياكى ئۆگۈنىشىڭلارغا ئازراق ياردىمى تەگسە مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خوشال.
دەرسلىك چۈشۈرۈش بېتى: http://www.elierkin.com/blog/tutorial/

پىر- تەكلىپ، ئىنكاسلار بولسا بىلوگدىكى ئەسلى ئادرىسقا قالدۇرۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109556
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 256
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 05:02:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشۈرىۋالدىم رەھمەت .

سەن ئەگەر بولساڭ يىگىت ئاسان ئىشنى مارىما ،
باشقىلار مەخپى ئىشىغا كۆز يېنىڭدىن قارىما .
ھەر ئەكەلسە ئۆز بېشىڭغا تەدبىرىڭنىڭ مىۋىسى ،
گەرچە مۈشكۈل بولسا تاغدەك يە ئۇنىڭدىن زارلىما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2086
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 06:20:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 08:07:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل ئەمگەك،

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

مېركۇرىي ئىسىملىك تورداش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8748
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2095 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 09:22:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭلارنى بەرسۇن .

         مايمۇن كېشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال - خۇرام قامچىغا ،
         تۆگە كىلۇر مەردانە ھەم قوتۇر ئىشەكنىڭ كەينىدە ،
         ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109512
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-8-28
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 01:53:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەھمەت،مۇمكىن بولسا باشقا دەرىسلىكلەردىنمۇ بەھىرلەندۈرۈپ تۇرسىڭىز.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ay.sadap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-8 01:58 AM  


ئۆمۈرنى غەنىيمەت بىل ، ساقلىق ۋە ئامانلىققا شۈكۈر قىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108598
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2014-7-20
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 11:18:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Word نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى قانداق چۈشۈرىمىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40480
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3968
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 09:07:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
libre office  مۇ بۇپ قۇيىدۇ. ھەقسىز ئۇيغۇرچىنى ياخشى قوللايدۇ، مىكروسوفىتنىڭ ئىشخانا قۇراللېرى بىلەن ئوبدانلا چىقىشىپ كىتەلەيدۇ، قۇلايلىق.   http://zh-cn.libreoffice.org/

www.begmurad.wix.com/yaqupjan
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش