 |
 |
 |
 |
30-ئۆكتەبىر ئاسىيا بازىرى دوللار كۆرسەتكۈچى 86.084 ئەتراپىدا ، تۈنۆگۈن دوللاردا چوڭ ئۆسۈش بۇلۇپ بازار يېپىلدى. خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1212 دوللار ئەتراپىدا، ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتى بۈركۈت تەرەپتىكىلەرنىڭ سىگنالىنى ياڭرىتىۋەتتى، ئۈچىنچى قېتىملىق كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتىدىن چىكىنىپلا قالماستىن بەلكى ھەممىنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى قارشى بىلەتتىن پەقەت بىرىلا تاشلانغان، بازاردا ئالتۇن قاتتىق چۈشۈشكە يۈزلەندى، لېكىن نىفىت بازىرىدا چوڭ تەۋرىنىش بولمىدى ھەمدە 81.98 ئەتراپىغا كەلدى.
30-ئۆكتەبىردىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ئۆسۈم قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، بازار دەرھاللا ئامرىكىنىڭ ئۈچىنچى پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى ۋە ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە گىرمانىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى ئۇچۇرى ياۋرۇ رايۇنىنىڭ كىيىنكى ئىقتىسادى ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر نوقتا بۇلۇپ قالدى. تۈنۆگۈنكى بىر قېتىملىق چوڭ بازاردا ئالتۇن كەينىگە قايتتى، بۈگۈنكى ئامرىكىنىڭ ئۇچۇرى ئالتۇننىڭ تۈۋەن چىكىگە يەنە بىر قېتىم جەڭ ئېلان قىلىدۇ، ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئامرىكىنىڭ ئۈچىنچى پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتىنىڭ مۆلچەرى ئازراق تۈۋەن بولغان، ئەگەر ئۇچۇر مۆلچەردىكىدىن ياخشى چىقسا دوللارنى ئۆستۈرۈپ ئالتۇن باھاسىنى يەنە بىر قېتىم بېسىۋېتىدۇ.
تەھلىل:
1217 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زىيان 1222، نىشان 1212
1203 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1198 ، نىشان 1208
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
كوت كوت 395619400 ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى238.يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.36يۈەن
بىر دوللار 6.110. يۈەن
بىر ياۋرۇ 7.713 يۈەن
بىر .فودىستىرلىڭ 9.765 يۈەن
بىر .فودىستىرلىڭ 1.5980 دوللار
بىر ياۋرۇ 1.2623 .دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە ئىقتىساد ئۇندىدار سالونى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-30 11:40 AM
|
 |
 |
 |
 |
|