مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1571|ئىنكاس: 2

زۇفتى مېيى ۋە ئۇيغۇر تىبابەتتە كۆپ ئىشلىتىلغان مايلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110519
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 10:46:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

زۇفتى مېيى(zupti ) ۋە ئۇيغۇر تىبابەتتە كۆپ ئىشلىتىلغان مايلار




  1.    زۇفتى رۇمى مېيىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈش





! زۇپتىن مېيى zupti بىر خىل دەرەخنىڭ يىلىمى بۇلۇپ

   زۇپتى رۇمى مېيى توغرىسىدا ئۇيغۇر تېبابەت كىلاسسىك ئەسىرى مەخزۇنۇل مۇفرىداتتا: قەدىمقى   ئوردو -پارسىچە يىزىلغان ئوت-چۆپلەر تۇنۇشتۇرۇلغان كىتاپ   مۇنداق يازمىلار خاتىرلەنگەن  ، بۇ يىلىمنىڭ تەسىرى (قاننى  بەدەننىڭ باشقا جايلىرىدىن ئەرلىك ئەزا تەرەپكە تارتىپ ئەكىلىش ،  ئەرلىك ئەزانى چوڭايتىش،ئۇزارتىش  )دىيىلگەن !  



                                                                                                                       2.قەلەمپۇر مېيى
قەلەمپۇر 280 گرام سۇ 1680 مىللىلىتىر
تۇز 24 گرام
تەييارلىنىشى: قەلەمپۇرنى سۇغا چىلاپ ، ئۈستىگە تۇزنى سېلىپ ئوت ئۈستىدە قويۇش ياكى ئاتنىڭ قىغىغا كۆمۈش ئارقىلىق تاكى يۇمشاپ خېمىردەك ھالغا كەلگىچە ئىسسىقلىق بېرىلىدۇ، ئاندىن ئىمبىق ياكى پار قازىنى بىلەن پارلاندۇرۇپ تامچىلىتىپ ئېلىنغان سۇيۇقلۇق ئۈستىدىكى يېغى ئايرىۋېلىنىدۇ.
تەسىرى: روھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، جاراھەتلەرگە ئىشلىتىلگەندە گۆش ئۈندۈرىدۇ.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:سۇغۇقتىن بولغان جىگەر كېسەللىكى ئاشقازان ، ئۈچەي كېسەللىكى، يۈرەك كېسىلى،مېڭە كېسەللىكى ۋە كۆزنىڭ كۆرۈشى ئاجىز كېسەللىكلەرگە رېماتىزىم ئاغرىقلىرى ، پەتەق ئاغرىقلىرى، چىش ئاغرىقىغا ھەمدە سەۋداۋى كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى: كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىچىشكە ياكى سىرتىدىن ياغلاشقا بۇيرۇلىدۇ. كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىز كىشىلەرگە ئاز مىقداردا ئىستىمال قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ.قالغان كېسەللەرگە ياغلاشقا بۇيرۇلىدۇ.
ئەسكەرتىش:قەلەمپۇر يېغىنىڭ كۈچى بىلسان يېغىدىن ئاجىزراق ،بىلسان يېغى تېپىلمىغاندا قەلەمپۇر يېغى ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

                                                                                              3.كۇچۇلا يېغى


تەركىبى: كۇچۇلا 1000گرام، كۈنجۈت 2000مىللىلىتىر
تەييارلىنىشى: كۇچۇلىنى 5000 مىللىلىتىر قايناقسۇغا بىر كېچە كۈندۈز چىلاپ قويۇلىدۇ، ئاندىن 1000 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىلىدۇ. قازاننى چۈشۈرۈپ كۇچۇلىنى سۈزۈپ ، سىقىپ ، سىقىلغان سۈيىگە كۈنجۈت يېغىنى قوشۇپ يەنە سۈيى تۈگەپ يېغى قالغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى : ئىسسىق
تەسىرى : پەينى چىڭىتىش، ئاغرىق قالدۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: بەلغەمدىن بولغان پالەچ،لەقۋا ، مۇپاسىللارغا ئىشلىتىلىدۇ.

                                                                                       4.      قۇستە يېغى
تەركىبى:
قۇستە 30گرام قۇندۇز قەھرى 6.5 گرام
پىلپىل 12 گرام كونا مۇسەللەس 300مىللىلىتىر
پەرپىيۇن 12گرام زەيتۇن ياكى كۈنجۈت يېغى 150 مىللىلىتىر ئاقىرقەرھا 12 گرام
تەييارلىنىشى: قۇستە ، پىلپىل، ئاقىرقەرھالارنى چالا سوقۇپ، مۇسەللەسكە بىر كېچە چىلاپ ئەتىسى 150 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ ئاندىن سۇۋۇتۇپ سۈزۈلىدۇ. سىقىپ دورا تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ مۇسەللەسنى قايتىدىن قازانغا قۇيۇپ ئۈستىگە كۈنجۈت ياكى زەيتۇن يېغىنى قويۇپ، مۇسەللەس تۈگەپ ياغ قالغۇچە قاينىتىپ،ئارقىدىن قۇندۇز قەھرى بىلەن پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ قازانغا سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. دورا سۇۋۇغاندىن كېيىن بىر قېتىم سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى ؛ قۇرۇق ئىسسىق.
تەسىرى: ئاغرىق پەسەيتىش، پەينى چىڭىتىش، چاچنى قارايتىش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە.
ئىسلىتىدىغان كېسەللىكلەر: لەقۋا ، پالەچلەرگە، مۇپاسىل، ئاشقازان ، جىگەر ئاغرىقلىرىغا ، ئاق چاچلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
سىيادان يېغى
سىياداندىن مەلۇم مىقداردا ئېلىپ گېلى ھېكمەت ئۇسۇلى ياكى جۇۋازدا تارتىش ئۇسۇلى بىلەن ياغ ئېلىنىدۇ.
تەبىئىتى : قۇرۇق ئىسسىق
تەسىرى: بەدەنگە جۇلا بېرىش، پەينى يۇمشىتىش، ھېيز ماڭدۇرۇش، سۈت پەيدا قىلىش، سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، لەقۋا ، پەي تارتىشىپ قېلىش، چاچ ئاقىرىپ كېتىش،ئاق كېسەل،قىچىشقاق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

                                                                                           5بادام يېغى


ئەسلى قائىدە بويىچە ياكى جۇۋازدا تارتىش ئۇسۇلى بويىچە يېغى ئېلىنىدۇ.
تەبىئىتى: تاتلىق بادامنىڭ يېغى ھۆل ئىسسىق ، ئاچچىق بادامنىڭ يېغى قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ.
تەسىرى: ئىششىق ياندۇرىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. تارتىشىپ قالغان پەيلەرنى بوشىتىدۇ. ئاۋازنى نورماللاشتۇرىدۇ. مېڭىدىكى قۇرۇقلۇقنى يوقىتىپ ھۆللۈك پەيدا قىلىدۇ.قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ ۋە قۇسۇشنى توختىتىدۇ.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: مېڭە ۋە باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، قۇلاق ئاغرىقى،ئۆپكە ئىششىقى، كونا يۆتەل، دەم سىقىلىش، مۇپاسىل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئىچكۈزۈش ، ياغلاش ۋە تېمىتىش .


                                                                                                     6.سامساق يېغى
ئاقلانغان سامساق 200گرام
پەرپىيۇن 65گرام ئاقىرقەرھا 65 گرام
پىلپىل 50 گرام سۇزاپ ئۇرۇقى 50گرام
زەيتۇن ياكى كۈنجۈت يېغى 2 كلوگرام
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، زەيتۇن ياكى كۈنجۈت يېغىدا قاينىتىلىدۇ ھەم سۈيى پارلىنىپ يېغى قالغاندا سۈزۈلۈپ ئەينەك قاچىلاردا ساقلىنىدۇ.
تەسىرى: سوغۇقتىن بولغان ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەر، جىنسىي ئاجىزلىق، پەينىڭ قۇرۇقلۇق سەۋەبىدىن تارتىشىپ قېلىشى، بەل ئاغرىقى ، دوك بولۇپ قېلىش، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش، بۇۋاسىر قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ. چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ. قىش كۈنلىرى بۇ ياغ بىلەن ئەزالارنى ياغلاپ تۇرسا ئىسسىقلىق ئاشىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alnurum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-22 10:50 AM  


ئۇيغۇر تاۋباۋ  دورىخانىسىئەڭ ياخشى تاللىشىمىز، قولاي ئىشەنچىلىك،تىلفۇندىمۇ دورا  سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ.ياخشى دورىلار بۇ يەردە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1924
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4740
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1478 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 07:29:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئۇيغۇر تىبابىتىگە ھەۋەس بار.لىكىنزە خام دورىلارنى تاپماق،تاپقان تەغدىردىمۇ تولۇقى بىلەن تاپماق بىر ئىشكەن.ھازىر ئۇيغۇر تىبابەت دۇكانلىرىغا كىرسە تولىسى پىششىقلانغان دورىلار بوپ كىتىپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە دورىلارنىڭ ئاتىلىشىمۇ ئەرەپچە.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82252
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3482
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 08:53:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇفتى رۇمى مېيى  لازىملار ئالاقىلىشىڭلار  ئۆزىمىزنىڭ ئەتھەر
شىركىتىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان زۇفتى رۇمى مايلىرىمىز  بار  ئالاقىلىشىش  تېلېفون نۇمۇرىمىز  18009914415
ئۈندىدار  نۇمىرىمىز  18083912493

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش