ئاتام
تاغ دېسەم تاغدىن ئىگىز خىزىرسۈپەت جان ئاتام،
باغ دېسەم باغدىن ھوسۇللۇق روھقاباغۋەنىم ئاتام،
مېھىر بەرگەن ئانا كەبى مېھرىبانىم سەن ئاتام،
مېنى كۆكتە ئۇچۇرۇپ چۆلگە بولغان خان ئاتام.
مېھرىڭ بولغاچ ھېچ تارتمىدىم ئانىسىزلىق دەردىنى،
مەدىتىڭدە يېڭىپ كەلدىم مۈشكۈلۈمنىڭ ھەممىنى،
ھەركىتىڭدە ھىس قىلدۇردۇڭ ھاياتلىقنىڭ قەدرىنى،
سەن تېغىمسەن سەن بېغىمسەن غەمگۇزارىم جان ئاتام.
كۆزۈڭ ياشقا تولسىمۇ كۈلكەمنىلا ئىستىدىڭ،
ئەلەم كەلسە بېشىڭغا يالغان كۈلۈپ ياشىدىڭ،
ئازاب قىلىپ ئۆزۈڭگە مېنى ھۆرگە باشلىدىڭ،
پەرزەنت دەپلا زاغرا چايناپ جەندەكىيگەن جان ئاتام.
ئانا ئۇلۇغ ھەممىدىن دەپ كۈيلىنەركەن دۇنيادا،
ئاتا-ئانا تەڭ ئۇلۇغ دەپ ئېيتىلسىمۇ قۇرئاندا،
ئاتا پەرزەنت بەختى ئۈچۈن ئەجىر قىلار پىنھاندا،
بەختىمنى دەپ ئۆمرى كەتكەن پاسىبانىم جان ئاتام.
__تەنھا بۆرە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا wolfman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-21 12:36 AM