مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8245|ئىنكاس: 50

دولانلىقلار يۇرتى-ئاۋات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 564
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4643
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 06:55:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                               دولانلىقلار يۇرتى-ئاۋات
  
        تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالى گىرۋىكىگە جايلاشقان ئاۋات ناھىيىسى دولانلىقلار ياشىغان قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ دەسلىپىدە «دولان» دەپ ئاتالغان. كېيىنچە ئەتراپتىكى باشقا يۇرتلاردىن تۈركۈم-تۈركۈم كىشىلەرنىڭ يېرى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك بۇ زىمىنغا كۆچۈپ كېلىشى بىلەن بۇ قەدىمىي دولانلىقلار يۇرتى ئاۋاتلىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ يۇرتنىڭ نامىمۇ بارا-بارا «ئاۋات» قا ئۆزگەرگەن.
        ئاۋاتنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلىنىدىكەن. قەدىمدىن تارتىپ بۇ يۇرت نۇرغۇن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، 1930-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن رەسمى ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغان. بۈگۈنكى كۈندە ئاۋات ناھىيىسى پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىپ، «جوڭگونىڭ داڭلىق پاختىچىلىق شەھرى»، «جوڭگو ئۇزۇن تالالىق پاختا ماكانى»، «جوڭگو مۇسەللەس يۇرتى»، «دولان مەدەنىيىتى يۇرتى» دىگەندەك مەشھۇر ناملىرى بىلەن جاھانغا تونۇلماقتا.
        رەڭگارەڭ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، مەن بۇرۇن خىزمەت قىلغان بۇ يۇرتقا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، دولانلىقلار يۇرتىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ تولىمۇ سۆيۈندۈم. بۇرۇنقى كونا قىياپەت پۈتۈنلەي يېڭىلىنىپتۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان دولان مەدەنىيەت مەيدانى دولانلىقلار ئەۋلادلىرىنىڭ سەيلە قىلىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان، ئارام ئالىدىغان، تەنتەربىيە، چېنىقىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك سورۇنى بولۇپ قاپتۇ.

DSCF4911.JPG
   DSCF4909.JPG
   DSCF4908.JPG
   DSCF4918.JPG

DSCF4916.JPG
   DSCF4914.JPG
   DSCF4912.JPG
  


        ئۈجمە تۇغىدىن باشلىنىپ ناھىيە بازىرىدىن ئۆتىدىغان غورۆچۆل ئۆستىڭىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كونا زاۋۇد ئۆيلىرى ۋە ئاھالىلار مەھەللىسىدىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ. بۈگۈنكى غورۆچۆل ئۆستىڭىنىڭ ئىككى تەرىپى گۈل-چىمەنلەر، ياپيېشىل بوستانلىقلار ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان ئاسمانپەلەك بىنالار بىلەن تولۇپ، دولانلىقلار يۇرتىنى گۈزەل يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈپتۇ.

DSCF4845.JPG
   DSCF4850.JPG
   DSCF4870.JPG
   DSCF4866.JPG

DSCF4861.JPG
   DSCF4860.JPG
   DSCF4900.JPG
   DSCF4896.JPG

DSCF4876.JPG
   DSCF4872.JPG


        دولانلىقلار بىرنەچچە يۈز يىل مابەينىدە، قويۇق توغراقلىقلاردا ياشاپ چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا، ئۈزگىچە دولان مەدەنىيىتىنى ياراتقان. دولان مەدەنىيىتى دولانلىقلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ۋە تارىخى بوشلۇقلىرىدىن شەكىللەنگەن بىر خىل مەدەنىيەت فورمىسى بولۇپ، بۇ ئاساسەن دولان ئۇسۇلى، دولان چالغۇلىرى، دولان مۇقامى قاتارلىقلاردا روشەن ئىپادىلىنىدۇ. دولان مەدەنىيەت مەيدانىدىكى دولان راۋابىنى چېلىپ ئولتۇرغان بوۋاينىڭ ھەيكىلى، ئۆستەڭ بۇيىدىكى بوستانلىقلاردا دولان ئۇسۇلىنى ئويناۋاتقاندەك كۆرۈنۈشتە ياسالغان يول چىراقلىرى، چىملىقلاردا ھەردەم ئۇچراپ تۇرىدىغان دولان راۋابىنىڭ مۇدىللىرى، چوڭ يول بۇيىدىكى بىر بىنانىڭ دوقمۇشىغا ئورنۇتۇلغان دولان مۇقامى ئابىدە ھەيكىلى قاتارلىقلار دولانلىقلار يۇرتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىنمۇ ئەجدادلىرى ياراتقان دولان مەدەنىيىتىگە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىزگە نامايەن قىلىپ بېرىدىكەن.

DSCF4837.JPG
   DSCF4853.JPG
   DSCF4888.JPG
   DSCF4920.JPG

DSCF4886.JPG
   DSCF4881.JPG


        ئاۋات ناھىيە بازىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىمۇ ئادەمگە بىر خىل گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىدىكەن. بۇرۇنقى بىر تۈپ كونا تىرەك دەرىخى ھازىرمۇ باراقسان شاخلاپ، دولان مەدىنىيەت مەيدانىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشقان ھالدا ئەتراپىغا نۇر چېچىپ تۇرۇپتۇ. كەچقۇرۇنلىقى بۇ جايغا كېلىپ ئولتۇرۇپ سەگىدەۋاتقان، بالىلىرىنى ئوينىتىۋاتقان، كېچىلىك مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن.

DSCF4777.JPG
   DSCF4778.JPG
   DSCF4786.JPG
   DSCF4793.JPG

DSCF4794.JPG
   DSCF4797.JPG
   DSCF4808.JPG


        مانا بۇلار مەن كۆرگەن دولان يۇرتىنىڭ بۈگۈنكى يېڭى قىياپىتى. ئىشىنىمىزكى، پاختىدىن روناق تېپىۋاتقان دولانلىقلار دولان مۇقامىنى تېخىمۇ ياڭرىتىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ توختىماي ئات چاپتۇرۇپ، ئىناق، باي، زامانىۋىيلاشقان دولانلىقلار يۇرتىنى چوقۇم بەرپا قىلالايدۇ!
                                                    مەنبە : ئۆزۈم
   

   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 564
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4643
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 07:01:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مەن ئاۋات ناھىيىسىگە كەلگەن كۈنى قۇياش بۇلۇتلارنىڭ كەينىگە مۈكۈۋېلىپ،
زادىلا دىدارىنى كۆرسەتمەي تۇرۇۋالدى. كۆك ئاسماننى كۆرگىلى بولمىغان ئەھۋال
ئاستىدا تارتىلغان سۈرەتمۇ كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109573
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 830 سائەت
تىزىم: 2014-8-30
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 11:35:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ئاڭلىشىمچە ئاۋات ناھىيسىدە كۈندە مەشرەپ ئوينامىش،بىر ئائىلىدىن بىر  ياكى ئىككى ئادەم مەشرەپكە چىقمىسا بوممايمىش دەپ ئاڭلىغان .

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7476
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7739 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 11:44:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دولان دىيارى ئاۋاتنىڭ  مىللىي خاسلىقى  بۇيىچە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ،مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى جۇلالاندۇرشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100897
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-12-15
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 11:59:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋاتتىن  تارىخقا ئامراق ياشلار كۆپ چىقىدۇ دەپ ئاڭلىدىم .  ھەم ئاۋاتنىڭ سورۇن مەدىنىيەت ئالاھىدىلىكى  تولىمۇ جەلىپ قىلارلىقكەن ، مۇنداقچە ئېيتقاندا يىگىتلىرى نامەرتلىك بىلەن  مەرتلىكنى تولىمۇ ئۈستۈن كۆردىكەن ،  قۇلى ئۇچۇق ۋىجدانلىق ياشلارنى تۇلىمۇ جىق كۆردۈم .
  خەلىقىدە پۇل جىقمۇ قانداق  ئۇلار  باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تولىمۇ ھېرىسمەنكەن .  توي قىلىشتىن بۇرۇنقى قىز مېلى شىنجاڭنىڭ باشقا يەرلىرگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىككەن ( يۇقىرى ، جىق ) .
ئۇندىن سىرت مىلىي غۇرۇرى كۈچلۈكلەر ھەقىقەتەن جىقكەن .....   مەن 3 ئاي تۇرۇش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم  .     
  بىراق  كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى ، ئاۋاتلىقلارنىڭ تېرىلغۇ يىرى بەك جىقكەن ، ئادەتتىكى دېھقانلارنىڭمۇ ( نامرات دىگەنلەرنىڭمۇ )  15 مودىن جىق يىرى باركەن ، بايلىرنىڭ بولسا 500 ، 1000 ،  2000 ، 10000  مو دىگەندەك . 20 مودىن 500 موغىچە يىرى بارلار 50 پىرسەنتنى ئىگەلەيدىكەن .       بۇرۇن كۆپ ئاڭلىغان  ، بارغاندىن كىيىن  شىنجاڭدىمۇ  باي ، پۇلنىڭ كۆزىگە ئانچە قارمايدىغان دېھقانلىرمىزنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم .  بىر خۇش بولسام ، بىر ھەسەت قىلىش بىلەن بىزنىڭ باشقا تەرەپتىكى دېھقانلارنىڭ تۇلىمۇ نامراتلىقىنى ھېسقىلدىم .
    دېھقاننىڭ 500 مىڭنىڭ تۆپپىسىدىكى ، گايىسى مىليوننىڭ تۆپپىسىدىكى ماشنا ھەيدىگىنىنى كۆرگەنمىدىڭىز ؟ كۆرگەن بۇلشىڭىز مۇمكىن  بىراق ئاۋاتنىڭ دېھقانلىرنىڭ ماشىنلىرنى كۆرسىڭىز مېنىڭچە تولىمۇ ھەيران قېلشىڭىز مۇمكىن . بىراق 100 -500 مىڭ ئەتراپىدىكى ماشىنلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ .  مەن دەسلەپ تۇلىمۇ ھەيران قالغان ئىدىم .
  ئۇندىن سىرت ئۇلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىغا تولىمۇ قايىل بولدۇم  .  باشقا يۇت يۇرتلاردىن ئىشلىگىلى كەلگەنلەرمۇ جىقكەن ، بىراق قەتتى يەكلىمەيدىكەن مەن دەل مۇشۇ يىردىن سۈيۈندىم، بەزى يۇرتلاردا يەكلەيدىغان ئىش ھازىرمۇ بار .  دىسەم گەپ جىق  ، ئاللا خالىسا بۇ جايغا يەنە بىر بارمەن ، دوسلۇرۇممۇ تەكلىپ قىلۋاتىدۇ .      

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87538
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 680
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 01:08:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ مەكىت  بىلەن مۇشۇ ئاۋاتقا بىر بىىرپ ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ كەلگۈم بار ئىدى . مەكىتلىك ھەم ئۆزى ھازىر مەكىتتە بولغان دوسلار بولسا ماڭا ئۇچۇر قىلسا بولاتتى .

گەپ ئىغىزدىن چىقماستا ، گەپنى ئادەم باشقۇردۇ ، ئىغىزدىن چىقىپ بولغاندا ، گەپ ئادەمنى باشقۇردۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101912
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 658
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 01:28:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[مىنىڭ مەكىت  بىلەن مۇشۇ ئاۋاتقا بىر بىىرپ ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ كەلگۈم بار ئىدى . مەكىتلىك ھەم ئۆزى ھازىر مەكىتتە بولغان دوسلار بولسا ماڭا ئۇچۇر قىلسا بولاتتى



مەن   مەكىتلىك. مەن  بىلەن  ئالاقىلىشىڭ.  چ چ : 1825667739

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31347
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4253 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 10:31:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يۇرتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئىشخانامنىڭ ئالدىدىكى مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم.

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2953
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 10:40:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghari يوللىغان ۋاقتى  2014-10-9 07:01 PM
مەن ئاۋات ناھىيىسىگە كەلگەن كۈنى قۇياش بۇلۇتلارنىڭ ك ...

ۋاي ئاللا سىز ئاۋاتقا كەلگەنمىدىڭىز ، بىلمەي قاپتۇق ئەمەسمۇ ، مەنمۇ ئاۋاتتىن .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2953
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 10:41:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىملەر بەكلا گۈزەل چىقىپتۇ .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش