 |
 |
 |
 |
دولان دەريا شاقىراتمىسى
جەنۇبى شىنجاڭدا «دولان» دەپ ئاتىلىدىغان يەر-جاي ناملىرى خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئاقسۇ شەھرىدىكى دولان دەرياسىمۇ ئەسلىدىكى دولان ئۆستىڭى ئاساسىدا تەكرار ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ ياساش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن دەريا بولۇپ، ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 75 كىلومېتىر كېلىدۇ.
دولان دەريا مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمى پىلانىغا ئاساسەن، 2006-يىلى باشلانغان 1-قارارلىق ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، قىزىل كۆۋرۈكنىڭ جەنۇبى تەرىپىدە سەيلە قىلىش، ئارام ئېلىش، مەنزىرە كۆرۈش، ئولتۇراقلىشىش بىر گەۋدە قىلىنغان مەنزىرە بەلبېغى بارلىققا كېلىپ، ئاقسۇ شەھرىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسېن قوشقان ئىدى.
خاڭجو شەھرىنىڭ ياردىمى بىلەن قىزىل كۆۋرۈكنىڭ شىمالى تەرىپىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، جەمئىي 707 مىليۇن يۇەن مەبلەغ سېلىنغان دولان دەريا مەنزىرە بەلبېغىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى يېقىندا ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋىتىلدى. دولان دەرياسىنىڭ يوقۇرى ئېقىنىدىكى 2-قارارلىق ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ يارقىن نامايەندىسى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن دولان دەريا شاقىراتمىسى بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىدا ئاقسۇ شەھرى ئاھالىلىرىنىڭ سەيلە- ساياھەت قىلىدىغان، خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىدىغان يېڭى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى.
شاقىراتمىنىڭ ئوڭ، سول تەرىپىدىكى ئالاھىدە ياسالغان بىر يول ئارقىلىق شاقىراتما ئۆڭكۈرىگە كىرگىلى بولىدۇ. بۇ ئۆڭكۈر شاقىراتما چۈشىدىغان دەريانىڭ تىگىدە بولۇپ، بەئەينى سۇ ئاستى تۇنىلىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. شاقىراتما ئۆڭكۈرىنىڭ بىر تەرىپىگە دولان ئۇسۇللىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تام رەسىملىرى سىزىلغان، يەنە بىر تەرىپىدىكى چوڭ رۈجەكلەردىن گۈرۈلدەپ چۈشۈۋاتقان شاقىراتمىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرگىلى بولىدۇ. شاقىراتمىدىن چاچرىغان سۇلار ئۆڭكۈر ئىچىگىمۇ چۈشۈپ تۇرىدۇ.
شاقىراتما ئەتراپىدىكى مەنزىرىلەرمۇ ناھايتى گۈزەل بولۇپ، ئادەمنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. يېڭىدىن ئېچىلغان بۇ ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغانلا كىشىلەر بۇ يەرگە كەلمەي قويمايدۇ. شاقىراتما ئەتراپىدا، شاقىراتما ئۆڭكۈرىدە، دەريا بۇيىدىكى شىپاڭلاردا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان، ئايلىنىپ سەيلە قىلىۋاتقان، ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋاتقان، دەرياغا قارماق تاشلاپ بېلىق تۇتىۋاتقان كىشىلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.
مەنبە : ئۆزۈم
|
 |
 |
 |
 |
|