مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6875|ئىنكاس: 61

‹‹ ھاجەتخانا مەدىنىيتى››زۆرۈر مەسىلە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99460
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2013-11-11
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 05:24:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                      ‹‹ ھاجەتخانا مەدىنىيتى››-زۆرۈر مەسىلە

تەرەققىيەت ئىلىم-پەننى ئاساس قىلىپ،  مىسلىسىز يىڭىلىقلارنى بايقاۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە، ئۆزىمىزنى بارچە قەۋىملەر ئىچىدىكى ( ئەڭ پاكىز خەلىق ) سانايدىغان، بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ‹‹ ھاجەتخانا ساپاسى›› توغۇرلۇق ئىككى ئىغىز قاينىغۇم كىلىپ قالدى. ئەسلىدە مىللىتىمدىكى ئەيىبلەرنى دىمەسلىكىم، سۆزلىمەسكىم كىرەك بولغۇيتى. چۈنكى ‹‹ ئائىلىدىكى سەتچىلكنى سىرىتقا يىيىش››دىن ياخشىلىق كەلمەيدۇ بىراق، ئەمدى سۆزلىمەي بولمىدى. سىسقچىلىققا، مەينەتچىلككە يەنە سەۋىر قىلىپ، تاقەت قىلىپ تۇرۇشقا تاقەت قالمىدى. شۇڭا ئىيتقانلىرىمنى توغرا تاپمايدىغانلارنىڭ ياكى ئەيىبى بۇ يازمىغا چىقىپ قالغانلارنىڭ كەمىنىنى ئەيىبكە بۇيرىماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ھاجەتخانا ھەققىدە قىسقىچە بايان

ھاجەتخانا-تۇرمىشىمىزدا ( خالا،  ئوبۇرنى،  خالىجاي... ) قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان، كۈندىلىك ئادەم مىتاپولىزىمنىڭ قالدۇقلىرى ( چوڭ-كىچىك تەرەت )نى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدىغان ئورۇن.

جايلىشىش كونكىرىت ئەھۋالى-  چوڭ-كىچىك تەرەتنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش ئادەتدە، باشقىلارغا كۆرسەتمەي ئىلىپ بىرلىدىغان فىزىئولوگىيلىك ھەرىكەت بولۇپ، كىشىلەردىن خالى جايدا ئىلىپ بىرلىدۇ. بولۇپمۇ مىللىىتىمىز ئۆزئارا ئەدەب-ئەخلاق، شەرمى-ھايانى زور ئۈستۈن بىلىدىغان بولغاچقا، ھاجەتخانىلىرىمىز ( ئەسلىدە ) تىخىمۇ خالى، تىخىمۇ پاكىز بولىشى زۆرۈر دەپ تەكىتلىنىدۇ.

ھاجەتخانا قۇرۇلمىسى- ئادەتدە كۆپ ئورۇن ئىگەللىمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي شەرت-شارائىتىغا ئاساسەن ھەرخىل ئۆلچەمدە قىلسا بولىۋىرىدۇ. ئەمما پاكىز بولۇش ھەرقانداقىغا ئالدىنقى شەرت قىلىنىدۇ. دىمەك ھاجەتخانا- كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا كەم بولشى مۇنكىن بولمايدىغان، چوڭ-كىچىت تەرەت قىلىدىغان، پاكىز بولىشى ئالاھىدە زۆرۈر تەكىتلىنىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق.
( ئەسلىدە ‹ قۇرۇق ئەزۋەيلەپ › يۇقارقى قۇرلارنى يازمىساممۇ بولاتتى. ھەم بۇلار دىگەن ئازراقلا ئەقلىنى تاپقان كىچىك بالىلاردىن تارتىپ چوقۇم بىلىدىغان ئاددى ساۋاتلات ئىدى. بىراق يازماي بولمىدى، ئىيتماي بولمىدى. ھەممە ( بىلىدۇ ) دىگەن ئىشلار، كۈتكىنىمىزدىن ئەكسىچە بولىۋاتقىنىكەن، ئۈجۈر-بۈجۈرگىچە تولۇق يازماي بولمىدى. شۇڭا بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىشڭلارنى سورايمەن).

بىزدىكى ‹‹ ھاجەتخانا ساپاسى، مەدەنىيتى ›› زادى قانچىلىك؟

تەخمىنەن، شۇنداقلا پەرەز قىلغىنىمدا ئارىمىزدىكى تىخىچە تولۇق ئوڭشالمايۋاتقان ( ھاجەتخانا پاسكىنچىلىقى )خاپىلىقى، باشقا بىر قەۋىملەر ئارىسىدا ھەل قىلىنىپ، تۈزىلىپ كەتكىنىگىمۇ نەچچە ئەسىردىن ئىشىپ كەتكىنى ئىنىق. بىراق بىزدەك، ئۇلاردىنمۇ نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا بۈيۈك سەلتەنەتىمىزنى جاھانغا تىكلىگەن قەۋىملەرنىڭ، ئاشۇ ئادەتتىكى ‹‹ھاجەتخانا مەدەنىيتى››دىمۇ تىخىچە كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرىدىغان، مەينەت، قاسماق ھالەتدە تۇرشىمىز ( كىشىنى ئىچىندىرىدۇ )دەپلا گۆشىرىپ تۇرۇش،  كىشنى ئۇنڭدىمۇ بەتتەر تىخىمۇ ئىچىندىرىدۇ.

كىچىكلىمىزدە ( بۇنڭدىن 20يىل بۇرۇنقى ۋاقىتلار كۆزدە تۇتۇلدى ) مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان دىيارىمىزدا، ھازىرقىدەك راۋان يەرئاستى ئەۋرەز يوللىرى ئاز ئىدى ياكى تار دائىردىلا ئومۇملاشقان ئىدى. كۆپنچلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىدە ( يەرلىك ھاجەتخانىلار ) بار ئىدى. بەلىكىم شۇۋاقىتلاردىن قالغان قولايسىزلىقنىڭ كۆنۈكلىرىدىن قالغان بولسا كىرەك- ھازىرقىدەك كاتتا بىزەلگەن، ئىلغار ئۈسكىنىلەر سەپلەنگەن، قولايلىق ئاممىۋى ھاجەتخانلىرىمزدىمۇ يەنىلا شۇ كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرىدىغان مەينەتچىلىك. ھاجەتخانىلارنىڭ سىرتىدىن ئىچىگىچە، ئولتۇرغىنىمزدىن، تۇرغىنىمزغىچە پىشانىمىزگە چاپلاغلىق ئەسكەرتمىلەردىن ( چوڭ-كىچىك تەرەتدىن كىيىن سۇنى قويىۋىتىڭ(رەھمەت قىلسۇن).  تەرەتنى ئىچىگە قىلىڭ،  قەغەزنى سىۋىتىگە تاشلاڭ، تاماكا چەكمەڭ )سەل ئاشۇرۇپراقلىرىدىن ( كامارنى كامارنى توغۇرلاڭ، تەرىتڭىزنى سۇ چۈشىرەلمىسە قولىڭىزدا ئىتتىرۋىتىڭ، قەغەزنى ئوچاققا تاشلىغۇچە يانچۇقڭىزغا سىلىۋىلىڭ....) دىگەنلەردەك.  بىراق يەنىلا شۇ- پاسكىنچىلىق.

تىخى يىقىندىلا شەھىرمىزنىڭ مەركىزى بولغان ھىيتگاھ سودا بازىرىنىڭ ئاساسلىق ئاممىۋى ھاجەتخانىسى قايتىدىن ياسىلىپ، ئىشىلتىلىشكە تاپشۇرۇلدى. تەرىتىگە سۇ قۇيماي چىقىپ كىتىدىغان نوچىلارغا تولا ئىيىتىپ، ھەتتا يالۋۇرۇپ يۈرۈپمۇ  ئاڭلىتىپ بولالماي، ھاجەتخانىغا ئىلىكتىرۇنلۇلۇق سۇ قويۇپ بىرىش ئۈسكىنىسى ئورناتقان بولدى. كۆڭلۈمدە بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولىدىغان بولدى دەپ ئويلاپتىكەنمەن بىراق، نەدىكىنى.. يەنىلا شۇ بۇرۇنقىدەك مەينەتچىلىك، پاسكىنىچىلىق. ئۈستى-ئۈستىلەپ قىلىنغان، ھەرخىل قۇۋۋەت يىمەك-ئىچمەكلىرىنىڭ بىتۇندەك ئۇيۇپ چىققان چىقىرىندىسى- چوڭ تەرەتكە ئۇنداق نازۇك ئەسۋاپلارنىڭ ئىتتىرىش كۈچى پەقەتلا بولماي قالىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئوچاق تاشتەك قىتىپ كەتكەن، مەينەت پوقلارغا توشىۋەرگەن، ئۈسكىنىدىن سۇ مىڭىۋەرگەن، ھاجەتخانىغا كىرگەن كىشى 5سانتىمىتىر لەيلەپ كەتكەن ھاجەتخانا ئايرىمخانىسىدا، ‹‹كۆلنىڭ ئۈستىدە ھاجەت قىلغاندەك›› ھەر ئولتۇرىشىدا يۇندا چاچىرتىپ تۇرۇپ يىنىپ چىقىۋاتقان...  
ھىيتگاھ بازىرىغا ئوخشاش پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ئادەملىرى كىلىپ-كىتىپ تۇرىدىغان بۇنداق بازار يىرىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىدا، بۇنداق يىرگنىشلىك پاسكىنچىلىق ئەڭ كۆرىنەرلىك دەپ قارايمەن. ناھىيە-يىزىلاردىن كىرگەنلەرنىڭ بۇنڭدەك ئەخلاقسىز قىلمىشلاردا گەۋدىلىك ( باش رولچى ) بولىۋاتقىنىمۇ ھەقىقەت.
ھەر جۈمە كۈنلىكىدىكى جۈمە نامىزىغا تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن، ھىيتگاھ تەۋەللىكىدىكى بىرنەچچە ئاممىۋى ھاجەتخانىلارغا كىرىشكە مەجبۇر بولۇپ قىلىش، پاكىزلىقنى ئىماننىڭ جۈملىسى دەپ بىلىدىغانھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئەڭ مەينەتچىلكدە ئۆتكەن ۋاقتى دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ.
بۇرۇنقىدەك قولايسىز ۋاقىتلاردىغۇ كەتكىنى كەتكەن بولسۇنيۇ ھازىرقىدەك، ھەممە شارائىت ياخشى بولۇۋاتقان ۋاقىتلاردىمۇ ھاجاتخانىدا تەرەتكە سۇ ماڭدۇرمايدىغان، تەرەتنى ئوچاقنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ قويىدىغان، قەغەزنى سىۋىتىگە تاشلىمايدىغان، تاملارغا قىلىقسىز رەسىم، خەتلەرنى  يىزىپ قويىدىغان پاسكىنا ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈشسەك ( يارىشىدۇ ) دىسەم كىم ئىشىنەر؟.
خاتىرجەم، پاكىز تەرەت قىلىدىغان كۈنلەرمۇ كەپ قالار. تاھارەتنى پاكىز، ئىشەنچىلىك، مۇستەھكەم ئالغىلى بولىدىغان كۈنلەرمۇ كىلىپ قالار. ھەر كىرىپ چىقىشىمىزدا ( ئاچچىق بۇس ) پۇرىماي چىقىدىغان ۋاقىتلارمۇ كىلىپ قالار....

خەيىر، ( ھاجەتخانىدا پاكىز بولايلى! ) دىگەن بىر ئىغىز گەپنى ھىلىمۇ كۆپ ئاۋۇتىۋەتتىم، ھەرقانچە گەپ بولسا مۇشۇنچىلىك بولسا يىتەر.   


-پەرۋەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5653
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1393 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 08:29:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەق گەپنى دەپسىز.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87916
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1518
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 08:44:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇمۇ ئېسىل بېر تېما بوپتۇ،مەدىنيەت ساپا مەسىلسىمۇ ياكى خەقتىن دورىدىمۇ بېلىمىدۇق مۇشۇنداق ئېشلار مۇقەرەر مەۋجۇت ئارىمىزدا ھەمىمىز ئۆزمىزدىن باشلايلى.ئاللا خالىسا تۈزۈلۈپ كېتەر بۇ ئېشلارمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86830
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1247
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 08:46:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلۇم جايدىكى بىر ھاجەت خانغا  يوغان قىلىپ ‹‹  ئادەم بالسى بولساڭ كامانى كاماغا توغۇرلاپ ئولتۇر ، ھايۋان بالسى بولساڭ خالىغان يەرگە ئولتۇر ››  دەپ يېزپ قويغۇننى كۆرگەنتىم .

ۋېلى زىرەككەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 891
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3704
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 835 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 09:02:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يەنە بىر ئاجىزلىقىمىزمۇ بار.ئۇ بولسىمۇ قۇرۇلۇش قىلغاندا ھەممىنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىش ئۈچۈن ئىنچىكە پىلان لاھىيلەيمىز يو ئەمما ھاجەتخانا قۇرلۇشى ئىسىمىزدىن كۆتۈرلۈپ قالىدۇ.قۇرۇلۇش پۈتكەندە بولسىچۇ ئۇ ھاجەتخانىلار كۆڭۈلدىكىدەك چىقماي بىر بولسا خىلى كۆپ يەرنى بۇزۇپ قايتا سالىمىز بىر بولسا بارىغا شۈكۈر قىلىپ قولىمىزنى بۇرنىمىزغا تىقىپ ھاجەتخانىدا جىم ئولتۇرمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كاشكارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-25 09:04 PM  


يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 09:36:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە ھەقسىز ئوبۇرنىلار كۆپىيىپ قالدى. قايسى كۈنى شۇنداق ھەقسىز ھاجەتخانىىنڭ تېمىغا «ناماز ئۆتەڭلار، ئاللا رەھمەت قىلسۇن » يېزىپ قويغاننى كۆرۈپ، توۋۋە دەپ ياقامنى تۇتۇپ قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96529
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 49
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 10:04:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈندىدارغا   يوللاپ    قويساڭلار    بوپتكەن    ،   ھازىر    ھەممە    ئۈندىدار    ئىشلەتكەندىكىن   بۇر   ئۇقۇپ   قويسا   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32300
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3433 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 10:50:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنىمۇ تەكىتلەپ قويايلىكى،ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ياشاش تۇرمۇشىدا ئۈچ شەرت ئەڭ موھىم،كىيىم كىيىش شەرت،تاماق يىيىش شەرت،ھاجەت قىلىش شەرت.مۇشۇ شەرتلەر ھازىرلانمىسا ياشىغىلى بولمايدۇ.شۇڭا: ‹‹ ھاجەتخانا مەدىنىيتى››زۆرۈر مەسىلە

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35042
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6361
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 11:21:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيسىز

ۋېلى زىرەككەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 891
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3704
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 835 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 11:23:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bagdowlat يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 09:36 PM
بىزدە ھەقسىز ئوبۇرنىلار كۆپىيىپ قالدى. قايسى كۈنى شۇند ...

نىمىگە توۋا دەپ ياقا تۇتتىڭىز؟

يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش