مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 822|ئىنكاس: 5

پەرھاد بىلەن خىسرەۋنىڭ مۇنازىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بابۇرخان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45198
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3550
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 10:27:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرھاد بىلەن خىسرەۋنىڭ مۇنازىرىسى
............
ئەلىشىر نەۋايى
.....
دىدى:قايدىنسەن ئەي مەجنۇن گۇمراھ،
دىدى:مەجنۇن ۋەتەندىن قايدا ئاگاھ.
دىدى:نەدۇر ساڭا ئالەمدە پىشە؟
دىدى:ئىشىق ئىچرە مەجنۇنلۇق ھەمىشە.
************************
دىدى:بۇ ئىش بىلەن بولماس كەسىپ روزى،
دىدى:كەسىپ بولسا بەسدۇر ئىش سۆزى.
دىدىكىم:ئىشىق ئوتىدىن ئېيت ئەفسانە،
دىدى:كۆيمەي كىشى تاپماس نىشانە.
************************
دىدىكىم: كۆيمېكىڭنى ئەيلە مەلۇم،
دىدى:ئۇندىن ئىرۇر جاھ ئەھلى مەھرۇم.
دىدى:قاي چاغدىن بولدۇڭ ئىشىق ئارا مەست،
دىدى:روھ ئەمەس ئىدى تەنگە پەيۋەست.
************************
دىدى:بۇ ئىشىقنى ئىنكار قىلغىن،
دىدى:بۇ سۆزدىن ئىستىغفار قىلغىن.
دىدى:ئاشىققا نە ئىش كەلتۈرەر زور،
دىدى:فۇرقەت تۈنى ئىشقى بەلادۇر.
************************
دىدى:ئىشىق ئەھلىنىڭ نەدۇر ھاياتى،
دىدى:ۋەسىل ئىچرە جانان ئۈلپىتى.
دىدىكىم:دىلىبىرىڭنىڭ ئىيت سۈپىتىنى،
دىدى:تىل غەيرەتتىن تۇتىمەن ئوتىنى.
************************
دىدىكىم:ئىشقىگە كۆڭلۈڭ ئورۇندۇر،
دىدى:كۆڭلۈمدە جاندەك يوشۇرۇندۇر.
دىدى:ۋەسلىگە بارمۇسەن ئارزۇمەند،
دىدى:بارمەن خىيالى بىرلە خۇرسەند.
************************
دىدى:نۇشى لېۋىدىن تاپقاي ئەل بەھر،
دىدى:ئۇل نۇشىدىن ئەل قىسمىدۇر زەھر
دىدى:جانىڭنى ئالسا لەيلى يادى،
دىدىكىم:ئۇشبۇدۇر جانىم مۇرادى.
************************
دىدى: كۆكسۈڭنى گەر چاك ئەتسە بىباك،
دىدى:كۆڭلۈم تۇتاي ھەم ئەيلە دەپ چاك.
دىدى: كۆڭلۈڭ پىدا قىلسا جاپاسى،
دىدى: جانىمنى ھەم ئەيلەي پىداسى.
************************
دىدىكىم:ئىشىقتىن يوق ئۆزگە زىيان بۇد،
دىدى:بۇ كەلسە سەۋدا ئەھلىگە سۇد.
دىدى:بۇ تەركى ئىشىق ياخشىراقدۇر،
دىدى:بۇ قىلىق ئاشىقدىن يىراقدۇر.
************************
دىدى:ئال گۆھەر!قوي، مىھرىن نىھانى،
دىدى تۇپراققا بىرىمەن كىمىيانى.
دىدى:جانىڭگە ھىجران بىللەدۇر،
دىدى:چۈنكى بار ۋەسىل ئۈمۈدى خۇشدۇر.
************************
دىدى:شاھقا بولسا شىرىك ئەندىش،
دىدى ئىشىق ئىچرە تەڭدۇر شاھۇ دەرۋىش.
دىدى:جانىڭگە بۇ ئىشتىن ئەلەم بار،
دىدى:ئىشىق ئىچرە جاندىن كىمگە غەم بار.
************************
دىدى:دۆلەت بىرەي كەچ بۇ ھەۋەستىن،
دىدى:بىچارە كەچ بۇ ئىلتىماسدىن.
دىدى:ئىشىق ئىچرە قەتلىڭ ھۆكۈم ئەتكۈم،
دىدى:ئىشقىدا مەخسىدىمگە يەتكۈم.
دىدى بۇ ئىشىقدا يوق سەندىن يىراق قەتل،
دىدى: بۇ سۆزلىرىڭدىن ياخشىراق قەتل.
************************
مىھرى نىھان-پىنھان ئاشىق
پىشە-كەسىپ ئادەت
روزى-رىزقى،نىسىۋە
سۇزى-كۆيدۈرگۈچ،ئۆرتىمەك
جاھ ئەھلى-جاھىللار
پەيۋەست-قوشۇلۇپ كەتكەن.
نۇش-تاتلىق
نۇشى زەھر-زەھەر يۇتماق
بىباك-بىپەرۋا
زىيان بۇد-زىيانلىق
سۇد-پايدا،نەپ
ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغۇچى:مۇھەممەد بابۇر


پەلەكنىڭ مەن چەكمىگەن دەردۇ-بالاسى قالدىمۇ،خەستە كۆڭلۈم چەكمىگەن جەبرۇ-جاپاسى قالدىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98621
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 01:15:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاساھەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 04:21:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
OZLVK يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 01:15 PM
پاساھەت .

ئاجايىپ ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101848
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2014-1-5
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 08:15:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاساھەتلىك بىر قاتار سۆز تىزمىسى بوپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101848
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2014-1-5
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 08:15:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە

بابۇرخان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45198
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3550
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 10:03:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قىرىنداشلار سىلەرگە يارىغانلا بولسا

پەلەكنىڭ مەن چەكمىگەن دەردۇ-بالاسى قالدىمۇ،خەستە كۆڭلۈم چەكمىگەن جەبرۇ-جاپاسى قالدىمۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش