مەشھۇر ئائىلە
داجىي
ئىلگىرى بىر ئادەم نام چىقارغاندىن كىيىن ئۇنى زىيارەت قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەپتۇ.ئۆيىگە ھەركۈنى ئادەملەر كىلىۋەرگەنلىكتىن ئۇ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئامالسىز قاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇشۇرۇنچە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە باشقا جايغا كۆچۈپ كىتىپتۇ.
بۇ مەشھۇر ئادەم يوقاپ كەتكەندىن كىيىن ، كىشىلەر يەنىلا ئۈزۈلمەي ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ،ئۇ ئۆينى ۋە ئىلگىرى ئۇ ئادەم ئىشلەتكەن نەرسىلىرىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىشپتۇ.ھەم ئۇنىڭ ئىلگىرى سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ۋە تارىخىنى توپلىشىپتۇ.ئۇنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىدىغانلار كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن ،ئۇنىڭ ئۆيىگە بارا-بارا دەرۋازىغا قارايدىغان،بىلەت ساتىدىغان،كىتاپ ساتىدىغان ئادەم پەيدا بوپتۇ.كىيىنچە يەنە تەرتىپ ساقلىغۇچى ،تازلىق خادىمى،ئاشخانا ئاچىدىغانلار پەيدا بوپتۇ.ئاخىرىدا ھۆكۈمەتتىن بۇ ھويلىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار ۋە موئاۋىن ئەمەلدارلارنى تەيىنلەپتۇ. ئەمەلدارلار يەنە بوغالتىر ،خىزمەتكار، قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆيى بىر ساياھەت،ئېكىسكۇرسىيە سورۇنىغا ئايلىنىپتۇ.
نۇرغۇن يىللاردىن كىيىن ھىلىقى مەشھۇر ئادەم يۇشۇرۇنچە ئۆيىگە قايتىپ ،بەزى نەرسىلىرىنى ئىلىپ كەتمەكچى بولغاندا ،ئويلىمىغان يەردىن باشقۇرغۇچىلار ئۇنى نەرسە ئوغۇرلىغان دەپ تۇتۇۋىلىپ بىر ھازا دۇمبالاپتۇ.مەشھۇر ئادەم ئۆز ئىسمىنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ،بىراق ھىچكىم ئىشەنمەپتۇ،ھەم ئالدامچى دەپ قاراپ يەنە بىر ھازا دۇمبالاپتۇ.مەشھۇر ئادەم ئۆزىنىڭ يامان نامىنى چىقىرىپ سالماسلىق ئۈچۈن بۇ يەردىن يۇشۇرۇنچە كىتىپ قاپتۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ بۇ ئۆيگە قايتا قەدەم باسماپتۇ.
كىيىن ئۇنىڭ بۇ ئۆيى يىراق-يىقىنغا داڭلىق ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلىنىپتۇ،ئۇ ئىلىپ كەتمەكچى بولغان نەرسىلەرمۇ مەھكەم ئورىلىپ ئۆي ئىچىگە قويۇپ قويۇلۇپتۇ، ھەم ئۈستىگە تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرۈش يېزىپ قويۇلۇپتۇ:<< مەلۇم يىلى مەلۇم ئاينىڭ مەلۇم كۈنى بۇ قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق ئۆزىنى ئەسلى ئىگىسى دەپ ئاتىۋالغان باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلانغاندا ھۆكۈمەت دىلۇنى پاش قىلىپ نەخ مەيداندا جىنايەتچىنى قولغا چۈشۈرۈپ مالنى قايتۇرۇۋالغان>>.جىنايەتچىنى تۇتقان قاراۋۇلمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىپتۇ،ئوغرىنىڭ سۈرىتى تامغا چاپلىنىپ كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە قاپتۇ.كىشىلەر بەس-بەستە<< قاراڭلار بۇ ئوغرىنى،سىياقىمۇ خۇددىي ھىلىقى مەشھۇر ئادەمگە قۇيۇپ قۇيغاندەك ئوخشايدىكەن تېخى>> دەپ مۇلاھىزە قىلىشىپتۇ.
بۇئەسەر‹‹ خىللانغان فىليەتۇنلار ›› (经典杂文) ژۇرنىلىنڭ 2013-يىللىق 9- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى:ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت