 |
 |
 |
 |
ئۇيغۇر ماكانى-ئەزىزانە قەشقەر
( چاتما سۈرەتلەر-9 )
شىنجاڭ مىۋىلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە داڭقى بار، بولۇپمۇ «مىۋە-چىۋە ماكانى» دەپ ئاتالغان قەشقەرنىڭ مىۋىلىرى تېخىمۇ داڭلىق.
تىبابەتچىلىك ئىلمىدە كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋىلەرنى كۆپ يىيىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. چۈنكى، ساغلاملىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۆمۈرنى ئوزارتىشتا مىۋە-چىۋىلەرنىڭ رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تارتىپ باغ بەرپا قىلىپ مىۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈشكە، مىۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن. شۇنداقلا، ھەرخىل مىۋىلەردىن مۇراببا قاينىتىش ئارقىلىق، ئۇنى ساغلاملىق يىمەكلىكى ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەن. مىۋە-چىۋە ماكانى بولغان قەشقەر بۇ جەھەتتە گەۋدىلىك ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
ئەگەر سىز قەشقەر چوڭ بازىرى ئەتراپىغا بېرىپ قارايدىغان بولسىڭىز، بەشكىرەم قاتارلىق يېزىلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن سىۋەت-سىۋەتلەردىكى ئەنجۈر، ئۈزۈم، شاپتول قاتارلىق سەرخىل مىۋىلەردىن كۆزىڭىزنى ئۈزەلمەي قالىسىز. 7-8-ئاي مەزگىلى مىۋە-چىۋىلەرنىڭ راسا مەي باغلاپ پىشىدىغان مەزگىلى بولغاچقا، قەشقەرنىڭ مەمۇرچىلىققا تولغان بازارلىرى تۈرلۈك مىۋە-چىۋىلەر بىلەن تېخىمۇ ئاۋاتلىشىپ كېتىدىكەن. تۆۋەندىكى سۈرەتلەر ئارقىلىق قەشقەرنىڭ ئاۋات مىۋە-چىۋە بازىرىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلغايسىز.
شۇنىڭ بىلەن «ئۇيغۇر ماكانى-ئەزىزانە قەشقەر» تىمىسىدىكى چاتما سۈرەتلەر مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. تورداشلارنىڭ قىزىقىپ كۆرگەنلىكى ۋە قىزغىن ئىنكاس قالدۇرغانلىقىغا كۆپ رەھمەت.
|
 |
 |
 |
 |
|