ماتېرىيالىستىك دۇنيا قاراشنىڭ يېتەرسىزلىكى
ئىرفنج ۋىليام نوبلوتشى [1]
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئېدرىس
ھازىر پەن- بىلىم ئىزدىنىشلىرى بىلەن بولۇۋاتقانلاردىن ئاز ساندىكى كىشىلەر چەكلىك مۇمكىنچىلىكلەر بىلەن بارغانسېرى زورىيىپ بېرىۋاتقان ئىشەنچ، ئىستەكلىرىنىڭ سايىسىدا: ‹‹پەن بارلىق قىيىن تۈگۈنلەرنى يەشكۈچى›› دېگەن ئىدىيەگە رام بولۇپ كەلمەكتە.
شۇ خىل ئىدىيەگە كۆرە، ئۇلارچە بىزنىڭ تىرىكلىكىمىزمۇ بەلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان بىر قاتار فىزىكىلىق ۋە خېمىيلىك پىرىنسىپلارنىڭ يىغىندىسىدىن ئۆزگە ھېچ نەرسە بولالمايدۇ. ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئاشۇ ئايىغى چىقماس سانسىزلىغان ھاياتلىق ھادىسلىرىنى زادى كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تېپىشقا تۇرغان ئورۇندىن ئۇزۇن چۈشەندۈرۈشلەر بىلەنلا ئېنىقلاشماقچى بولۇشتى. ئۇلارچە بولغاندا، كېلىپ چىقىش ۋە مەۋجۇتلۇق ھېچقانداق بىر مەقسەدكە ئىگە بولماستىن، بوشقا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىشلارمىش. بىز ياشاۋاتقان بۇ ئالەممۇ كەلگۈسى بىر چاغلاردا قۇياش ئېنىرگىيەسىنىڭ زاپىسى تۈگىگەندىن كىيىن يوقىلارمىش. تىرمۇ دىنامىكا پىرىنسىپلىرى بويىچە بارلىق نەرسىلەر سوۋۇپ قېتىپ كېتەرمىش. مانا بۇ، ماتېرىيالىزىمچىلارنىڭ ساددا ئالەم قارىشىدۇر. بىرتىراند راسسسىل بۇ خىل كۆرەڭ ماتېرىيالىزىمچىلىق نەزەرىيىسىنى يەكۈنلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئىنسانلارنىڭ يارىلىشىغا كەلسەك، بۇنىڭدا ھېچقانداق بىر ئالدىن قارار ۋە ياكى نىشان بولمىغان. ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى، ياشاش ئارزۇ-ئىستەكلىرى، قورقۇنچ-ئەندىشلىرى، ئوي-تۇيغۇلىرى ۋە ئىدىيە-چىن پۈتكەنلىرىدىن تارتىپ ھەممىسى ئىنسان تەن بۆلەكلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇتلۇقتا ئۆز-ئارا بىرىكىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان ئىشلار. ئىنسان ھەرقانچە سەزگۈر ۋە باتۇر، ئۆتكۈر ۋە تۇيغۇن بولسىمۇ، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالالمايدۇ. پۈتۈن ئەللەر بويىچە ئىنسان ياراتقان كۈرمىڭ ئىشلار ئۇ ئىگە بولغان زېرەكلىك ۋە ئىخلاس دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەقدىرى قۇياش سېستىمىسىنىڭ تۈگىشىگە باغلىق يوقىلىش تەقدىرىدۇر››.
ئاخىرى بېرىپ ئىنسانلار ئېرىشكەن بارلىق ئۈستۈنلۈك ۋە بۈيۈكلۈك، ئۇلار قۇرغان كۆجۈم يېزا-كەنت، شەھەر، پايتەختلەر ۋەيران بولغان ئەسكى-تۈسكىلىرى ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالىدۇ. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم بولىدىغان چىن ئىشلاردۇر. ھەر قانداق بىر پەلسەپىچىنىڭ پەلسەپەسى بولسۇن، ئۇنى يوققا چىقىرىشقا كۈچى يەتمەيدۇ. گەرچە شۇنداق دېيىلگەندىمۇ، ئالىملارنىڭ ھەممىسى: ‹‹پەن-بىلىم ھەممىگە قادىر، شۇنداقلا ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ سىرىنى يېشىپ بېرەلەيدۇ›› دەپ قارىمايدۇ. دېمىسىمۇ، پەن-بىلىم ھەقىقەت، گۈزەللىك ۋە بەخت نەرسىلەرنى يېشىپ بېرەلەمدۇ؟ ياق، ئۇلار تۈگۈل ھاياتلىق ھادىسىسىگە بىرەر ئۇقۇم كۆرسىتىپ ياكى ئۇنىڭ كەلگۈسى كۆرۈنۈشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە ياردەم بېرىشكىمۇ ئاجىزلىق قىلىدۇ. ھەتتا پەن-بىلىم نەق گەۋدىسى بولمىغان بۇ ئىشلارغا پاكىت تۇرغۇزۇشتىن تولىمۇ ئاجىز. ھەر قانداق پەن ئۆزىنىڭ نەزەرىيە سېستىمىسىنى يېڭىلاشقا تىرىشىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ھەقىقەتنىڭ تېگى-تەكتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. لېكىن پەن-بىلىم ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى نىشانىغا يېقىنلىشاي دېگەنسېرى ئارىلىق يەنە شۇنچە يىراقلىشىپ كېتىدۇ.
بىزنىڭ ئالەم ھەققىدىكى تەپەككۇرىمىز ھەر قانچە مول ۋە ئۆزگىچە بولغان بىلەن يېرىم-ياتا ھېس-تۇيغۇلاردىن قۇرۇلغان-خالاس! داڭلىق يازغۇچى ۋە فىزىكا ئالىمى ئولفروندىل بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئىلىم-پەن يۈكسەلگەنسېرى دىن بىلەن ئۆنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھاڭ شۇنچە تارىيىپ بارىدۇ. ھەقىقىي ئىلىم-پەن چۈشەنچىسى ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. ئىلىم-پەن بىزگە ئەنە شۇ تولىمۇ كىچىك ۋە سانسىز مىكرو تەنچىلەرنىڭ قانداق بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ھالبۇكى، بارلىق ماددىلار ئەنە شۇنىڭدەك كىچىك ئۈلۈشلەردىن بارلىققا كېلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ تاساددىپىيلىق نەزەرىيسىگە تايىنىپ تۇرۇپ، بۇ مىكرو تەنچىلەرنىڭ قانداق يوللار ئارقىلىق بىر پۈتۈن ھاياتلىق گەۋدىسى بولۇپ بىرىكىپ چىقىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ‹‹بارچە ھاياتلىق تەرەققىي قىلىدۇ›› دېگەن ئىدىيەنى ئالغا سۈرۈۋاتقان بۇ نەزەرىيە ئۆز ئىچىدە يۈز بەرگەن قالايمىقان بىلجىرلاش، قاراقويۇق ئارىلاشتۇرۇۋېتىش ۋە يات-ياۋا مەزمۇنلارنىڭ يۈز بېرىشى تۈپەيلى ئەمدىلىكتە سىلجىماس تەرەققىيات ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى. بىزنىڭچە، بۇ نەزەرىينى مەجبۇرىي قالمىغۇچە قوللاشقا زادىلا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ھېچقانداق قانائەتلەندۈرەرلىك جاۋاب ياكى لوگىكىلىق نېگىزگە ئىگە ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە پەن-بىلىم ساھەلىرى ئۆزلۈك ھېس-تۇيغۇلار ۋە بىر قاتار قورال-سايمانلار بىلەن يۈكسەك ئىشەنچىنى يېتەكچى قىلىپ ئىش ئېلىپ بارىدۇ(ۋە قايسىبىر بويسۇندۇرۇش ياكى بىرەر مۆلچەر ۋە تاساددىپىيلىققا بولغان ئىشەنچ ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ). شۇنداق ئىكەن، دىن بىلەن پەن بىرخىل ئورتاق ئاساس ئۈستىدە تۇرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ھەر ئىككىلىسىدە تۇيغۇ ۋە ۋاستىگە تايىنىپ تۇرغۇزىلىدىغان ئورتاق ئىماندۇر. ئوتتۇرىدىكى ئازراق پەرق شۇكى، پەن-بىلىم بولسا، خاس دائىرە ئىچىدە ئۆز قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى تۈرلۈك ئانالىز، سىناق قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇشلار ئارقىلىق بېيتىپ بارىدۇ. دىنغا بولغان ئىماننى نۆۋەتتە ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىمۇ كۈچەيتىدۇ ۋە تېخى ئەمەلىيەتتىمۇ پەن-بىلىم مۇقەددەس كىتابلاردا كەلگەن تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى ئەمەلىي ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىنشائاللاھ پات يېقىندا ئاشۇ مۇقەددەس پۈتۈكلەردىكى ۋە بىز تېخىچە چۈشىنەلمەيۋاتقان ئىشلارنى پەن-بىلىمنىڭ بىر-بىرلەپ ئېنىقلاپ چىقىشقا ئىككىلەنمەيمەن. ئۇنىڭدىن تاشقىرى، ئاسترونومىيە پېنى بۇ ئالەمنىڭ يىراق بىر باشلىنىشىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ۋە مۇقەررەر تورلىشىشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. بىز مەيلى ئالەمنى: ‹‹باشلىنىشسىز،ئەزەلىي›› دەپ ياكى: ‹‹ئېيىغى يوق،ئەبەدىي›› دەپ قارايلى، ھەر ئىككى خىل قارىشىمىز پەن بىلەن سىغىشالمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، بۇ ئالەم ئۆزگىرىش ئىچىدە جەريان قىلىدۇ. مانا شۇنىڭدىلا پەن بىلەن دىن ئۆز-ئارا يېقىنلىشىدۇ. نۆۋىتى كەلگەندە، شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىنسان ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ قايسى بىرىدە بولمىسۇن، ئۆزىنىڭ ماتېريالىستىك خاراكتېرىدە تۇرۇپ، ئاللاھ توغرىسىدا ماتېرىيالىستىك يوللار بىلەن ئىزدەنمەكچى بولىدىكەن، ھېچقانچە مەلۇماتقا ئىگە بولماي تۇرۇپلا گۇمران بولىدۇ. بەلكى گاھىدا ئۇنىڭ ماھىيتىگە يېتىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئالەمنىڭ تۈرلۈك ئالىپتە ئىشلىرىنى چوڭقۇر كۈزىتىش ھەر-ھەر ئاستورونومىيە ئالىملىرىنى: ‹‹بۇ ئالەمنىڭ شۇنچە كەڭ كەتكەن قوينى ۋە ئېڭىمىزدىن تاشقىرى تۈزۈلىشىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ بىز كۆرەلمەيدىغان ۋە كۆرۈپ بولمايدىغان بىر پىلانچىسى بولۇشى كېرەك›› دېگەن قاراشقا ئېلىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. شادۋالىش دېگەن ئالىم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹مەيلى دىندار ياكى دىنسىز بولسۇن، بىزنىڭ ئۇلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىىز شۇكى، ئۇلار تاساددىپىيلىقنىڭ قانداق قىلىپ بۇ ئالەمنى يارىتىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك››. شەكسىزكى، بۇمۇ ئاللاھنىڭ بارلىقىنى دەلىللىمەكچى بولغان يېڭىشمەك ئۇسۇللارنىڭ بىرىدۇر. ئەمما توماس موللىر بولسا، بۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر يەنە بىر پەدىنى ياقىلاپ، مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئىنساننىڭ ئاللاھنى ئىزدەپ تاپالمايۋاتقان قېرى ئەقلىنىڭ ئېرىشكەنلىكى بارلىق نەرسىسى دەل تاپماقچى بولغان ئاللاھنى بايقاش ۋە ئۇنى چۈشىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشلار بولۇشى كېرەك. ئادەتتە ئوبىيكتىپ بىلەن تونۇشتىن ئىلگىرى بايقاش كېرەك بولۇپ، ئۇندىن كېيىن بىلىش بولىدۇ. ئاندىن شۇ بىلىشنىڭ ئۆزى دەسلەپكى بايقاشنىڭ ئېنىقلىنىشى بولىدۇ››.
ئەمما بىر ئىلىم-پەن خادىمى بولۇپ قالغان ئۆزەمگە كەلسەم، تاساددىپىيلىق پىرىنسىپلىرىنىمۇ ئانچە يوققا چىقىرىۋېتەلمەيمەن. چۈنكى مەن كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدا تاسادىپەن مەيدانغا كەلگەن ئىشلارنى كۆپلەپ ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. شۇنداقلا يەنە، ماتېرىيالىزىم نەزەرىيەلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي ئىنكار قىلمايمەن. چۈنكى ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭ كۆپۈنچە مۇۋەپپىقىيتى ئۇلارنىڭ ئۆگۈنۈپ ئۆتكەن پىششىق بىلىملىرىنىڭ تەبىئەتتىكى يەشمىسىگە ئېرىشەلىشىگە باغلىق بولىدۇ. بىراق مەن يەنە ئاللاھنىڭ بارلىقىغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن. ئىشىنىمەنلا ئەمەس، ئۇنىڭ بارلىقىغا يۈكسەك ئەقىدە باشلايمەن. چۈنكى مەن ئاشۇ تاساددىپىيلىق نەزەرىيەسىنىڭ، بىزگە ئەڭ دەسلەپكى ئېلىكترون، پروتون ياكى دەسلەپكى ئاتوم، دەسلەپكى ئامىنو كىسلاتا، تۇنجى پىروتوپلازما، تۇنجى ئۇرۇق، تۇنجى ئاڭنىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلمايمەن. مەن يەنىلا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئەقىدە قىلىۋاتىمەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئەنە شۇ مۇقەددەس بارلىقى كۆز ئالدىمىزدىكى بىزنى قىيناپ تۇرۇۋاتقان بارلىق ئالەم ئىشلىرىنىڭ لوگىكىلىق يەشمىسىدۇر.
___________________
[1] تەبئىي پەنلەر پروفېسسورى، ئايۇۋا ئونىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇققا ئېرىشكەن. ئامېرىكا قۇرۇقلۇق تۇرمۇشى تەتقىقاتچىسى، 1945-يىلىدىن بېرى مېچىگان ئونىۋېرسىتېتى تەبئىي پەنلەر پروفېسسورى، ئۆسۈملۈك ئېرسىيتى تاشقى سىن بىلىملىرى تەتقىقاتچىسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-14 09:14 PM