]كائىناتنىڭ چوڭلۇقى قانچىلىك؟
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
ماڭا ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن كائىنات بىلىملىرىگە ئائىت ھەر خىل سوئاللار كېلىپ تۇرىدۇ. بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر قېرىندىشىمىز ماڭا بىر قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، مەندىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سوراپتۇ:
(1) كائىناتنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتى قانچىلىك؟
(2) كائىنات چەكلىكمۇ ياكى چەكسىزمۇ؟
(3) كائىناتنىڭ سىرتىدا نېمە بار؟
يۇقىرىدىكى 1-سوئالنىڭ ئېنىق جاۋابى بار. قالغان ئىككى سوئالغا كەلسەك، ئۇلارنىڭمۇ NASA غا ئوخشاش نوپۇزلۇق ئورۇنلار بەرگەن، ئىلمىي ئاساسقا ئىگە جاۋابلىرى بار. شۇنداقلا باشقا كىشىلەر پەرەز بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولمىغان ھەر خىل جاۋابلىرىمۇ بار. مەن مەزكۇر يازمىدا رەسمىي جاۋابلارنىلا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. باشقا جاۋابلارنى ئازراقلا تىلغا ئالىمەن.
1. ئالەمنىڭ ھازىرقى كېڭىيىش سۈرئىتى قانچىلىك؟
ئالەمنىڭ ھازىرقى كېڭىيىش سۈرئىتى 2012-يىلى بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (California Institute of Technology, Caltech) NASA ئۈچۈن باشقۇرۇپ بېرىۋاتقان «سپىتزەر ئالەم تېلېسكوپى» (Spitzer Space Telescope) ئارقىلىق ئۆلچەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى مۇنداق بولۇپ چىققان [1]: بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 3.26 مىليون نۇر يىلى كېلىدىغان بىر گالاكسى (يۇلتۇزلار توپى) ھازىر بىزدىن ھەر سېكۇنتىغا 74.3 كىلومېتىر كېلىدىغان تېزلىك بىلەن يىراقلاۋاتىدۇ. ئەگەر يەنە بىر گالاكسىنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى يۇقىرىقىدىن بىر ھەسسە چوڭ بولىدىكەن، ئۇنىڭ بىزدىن يىراقلىشىش سۈرئىتىمۇ يۇقىرىقىدىن بىر ھەسسە تېز بولىدۇ. يەنى ئۇ بىزدىن ھەر سېكۇنتىغا 148.6 كىلومېتىر كېلىدىغان تېزلىك بىلەن يىراقلاۋاتىدۇ [2].
«نۇر يىلى» دېگىنىمىز ئاسترونومىيە ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان ئارىلىق بىرلىكى بولۇپ، ئۇ نۇرنىڭ بىر يىل ئىچىدە باسىدىغان ئارىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نۇر ھەر سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر يىلدا 9.46 تىرىليون كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ.
1-رەسىم