مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2780|ئىنكاس: 9

ئۇيغۇر ماكانى-ئەزىزانە قەشقەر (چاتما سۈرەتلەر-6) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 808 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 12:32:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                  ئۇيغۇر ماكانى-ئەزىزانە قەشقەر
                                                             (چاتما سۈرەتلەر-6 )

        قەشقەر شەھرىنىڭ شەرقى شىمالىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا «ھەزرەت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كەنت بولۇپ، جوڭگو ۋە چەتئەللەرگە داڭلىق ئاپپاق خوجا مازىرى مۇشۇ يەرگە جايلاشقان.
        چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى بۇ قەدىمىي ئىمارەت 1640-يىلى بىنا قىلىنغان بولۇپ، قەشقەردىكى «خوجىلار ھاكىمىيىتى» نىڭ پادىشاھى، ئاق تاغلىقلار رەھبىرى ئاپپاق خوجا (ئەسلى ئىسمى ھىدايىتوللا ئىشان) ۋە ئونىڭ جەمەتىدىكىلەردىن 72 كىشى مۇشۇ مازارغا دەپنە قىلىنغان ئىكەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چيەنلوڭ خاننىڭ «ئىپارخان» ئىسىملىك خانىشىمۇ مۇشۇ جايغا دەپنە قىلىنغان بولغاچقا، بۇ مازار «ئىپارخان قەبرىگاھى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن.
        ئاپپاق خوجا مازىرىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 72 مۇ بولۇپ، دەرۋازىدىن كىرگەندىن كېيىن چاسا شەكىللىك ناھايتى چوڭ بىر ھويلىسى بار ئىكەن. ئاپپاق خوجا مازىرىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولغان قەبرىگاھ پۈتۈنلەي خام خىش ۋە گەج بىلەن ياسالغان، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ گۈمبەز شەكىللىك قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 35 مېتىر، كەڭلىكى 29 مېتىر، ئىگىزلىكى 27 مېتىر كېلىدىكەن. قەبرىگاھنىڭ تۆت بۈرجىكىدىكى مازار تېمىغا گىرەلەشتۈرۈپ ياسالغان چوڭ مۇنارلار، قەبرىگاھ ئىشىكىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قەدىمىي ئۇسلۇبتا بېزەلگەن نەقىشلەر، گۈمبەزنىڭ ئۈستىدىكى قۇياش نۇرىدا پارقىراپ تۇرغان قەدىمىي كاھىشلار، بۇ مازارگاھنى ئاجايىپ كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك كۆرسىتىدىكەن. بۇ جاينى كۆرگەن كىشىلەر ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر مىمارچىلىقىنىڭ ئېسىل ھۈنەر-سەنئېتىگە قايىل بولماي تۇرالمايدىكەن. قەبرىگاھ ئىچىدە ئۈستى يۇپۇق بىلەن يېپىلغان چوڭ-كىچىك قەبرىلەر قاتار تىزىلىپ تۇرۇپتۇ. ئىپارخان 35 يېشىدا بېيجىڭدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، چيەنلوڭ خان مەخسۇس تاۋۇت ھارۋىسى ياسىتىپ، ئىپارخاننىڭ جەسىدىنى بېيجىڭدىن يۇرتى قەشقەرگە يەتكۈزۈپ قويغان ئىكەن. بۇ تاۋۇت ھارۋىسى ھازىرمۇ قەبرىگاھ ئىچىدە مۇكەممەل ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ.
        بىز بۇ يەرگەكەلگەن ۋاقتىمىزدا، بىر ئاپتۇبۇستا جوڭگولۇق، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرمۇ كەلگەن ئىكەن. بىز بۇيەردىكى ئۇيغۇر چۈشەندۈرگۈچىلەرنىڭ راۋان خەنزۇ تىلى ۋە ئېنگىلىز تىلى بىلەن جوڭگولۇق، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە ئاپپاق خوجا مازىرىنىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈق. قەبرىگاھنىڭ ئالدىدىكى كەڭرى كەتكەن گۈللۈكلەردە رەڭگارەڭ ئەترە گۈللەرپورەكلەپ ئېچىلىپ كېتىپتۇ. گۈللۈكنىڭ نېرى تەرىپىدە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان تۆگە ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي كىيىملىرى بولۇپ، بەزى ساياھەتچىلەر تۆگىگە مىنىپ، بەزىلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ خاتىرە ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشۈۋالىدىكەن.
        بىز قەبرىگاھتىن چىقىپ، خۇددى بۆك-باراقسان ئورمانلىققا ئوخشايدىغان بۇ مەنزىرىلىك جاينى ئارىلاپ چىقتۇق. بۇ يەردە يەنە 1873-يىلى ياسالغان بىر جامە مەسچىتى بولۇپ، ھويلا، پىشايۋان ۋە گۈمبەز شەكىللىك ئىچكىركى مەسچىتتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان ئىكەن. مەسچىتنىڭ پىشايۋىنىدا 62 دانە تۈۋرۈك بولۇپ، ھەربىر تۈۋرۈكنى بىردىن ئۇستا ئۆز ھۈنىرىگە ئاساسەن ياسىغان بولغاچقا، تۈۋرۈكتىكى گۈل نۇسخىلىرى ۋە نەقىشلەر بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىكەن.
        تۆۋەندە ئاپپاق خوجا مازىرىنى ساياھەت قىلىش جەريانىدا تارتىلغان بىر قىسىم سۈرەتلەرنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا سۇندۇم.

DSCF4341.JPG
   DSCF4343.JPG
   DSCF4345.JPG
   DSCF4348.JPG

      
DSCF4363.JPG
   DSCF4364.JPG
   DSCF4365.JPG
   DSCF4371.JPG

DSCF4373.JPG
   DSCF4374.JPG
   DSCF4375.JPG
   DSCF4376.JPG

DSCF4379.JPG
   DSCF4380.JPG
   DSCF4381.JPG
   DSCF4383.JPG

DSCF4385.JPG
   DSCF4388.JPG
   DSCF4389.JPG
   DSCF4390.JPG

DSCF4392.JPG
   DSCF4394.JPG
   DSCF4395.JPG
   DSCF4397.JPG
           



DSCF4353.JPG
DSCF4351.JPG
DSCF4350.JPG
DSCF4349.JPG

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 12:26:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرگە بەكمۇ بارغىم بار ئىدى پەقەت پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ دىسە . سۈرەتلەر ياخشى تارتىلىپتۇ .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 12:26:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرگە بەكمۇ بارغىم بار ئىدى پەقەت پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ دىسە . سۈرەتلەر ياخشى تارتىلىپتۇ .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6933
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1933 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 01:39:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        رەسمىلەر شۇنداق   چىرايلىق چىقىپتۇ...   مەن  جۈمەنى شۇ يەردە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ   مەنزىرسىنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىماپتكەنمەن..  رەسىگە  ئىش قوشتىڭىزمۇ  يا   تەبئىيسىمۇ ؟

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97764
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-9-11
ئاخىرقى: 2014-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 01:49:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇلتۇر ياز قەشقەرگە بارغاندا 2كۈن تۇرغانتىم،ھېيتگاھ ئەتراپىدا ئايلىنىۋېتىپ قارا تەنلىك ئامرىكىلىق بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغانتىم،ئۇمۇ خەنزۇچىنى يامان ئەمەس بىلىدىكەن،خەنزۇ تىلىدا پاراڭلىشىپ خېلى چىقىشىپمۇ قالغانتىم،2سائەتتەك بازار ئايلانغانتۇق،ئۇمۇ فوتۇگىرافكەنتۇق،خېلى كۆپ رەسىملەرنى تارتىپ بىلوگىمغا يوللايمەن،ۋەتەندىكى دوستلىرىممۇ كۆرۈپ ھوزۇرلىنىدۇ دەۋاتاتتى...

قەشقەردە بۇنداق گۈزەللىكنى مەنمۇ ھىس قىلالماپتىكەنمەن،بۇ سۆرەتلەر بەكلا ياخشى تارتىلىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2153
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 590 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 01:52:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىپارخان تىرىلىپ قالدىمۇ-نېمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 733
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3763
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 02:07:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغان بۇ سۈرەتلەردىن بەكمۇ ھۇزۇرلاندىم ، خۇددى قەشقەرگە بېرىپ ئۆز -كۈزۈم بىلەن كۆرگەندەك بولدۇم، رەھمەت سىزگە...

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5439
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1549 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 06:37:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پېشقان فوتوگىرافلاردەكلا سەۋىيەلىك تارتىپىسىز    ئاپراتمۇ ئاپراتتەكلا ئاپراتكەن ھە ..     
ھازىر قەشقەرنىڭ ساياھەت يۇقۇرى پەللىسى   ئۇرۇس پەرەڭلەر ھەر كۇچا دوقمۇشلاردا جۇگۇرۇپ ماراپ يۈرۈيدۇ  ..ماۋۇ يولداشلارنىڭ كارامىتىنى دۆلەت بايرىمدا كۆرىدىغان ئوخشايمىز  ..   دۆلەت بارىمىدا ئائىلە بۇيچە ئىلى ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ساياھەت قېلشنى ئويلشۋاتمىز                   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kudiratjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-12 06:38 PM  


ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35042
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6361
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 06:45:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىرايلىق سۈرەتلەركەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 808 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 09:25:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xajarim يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 01:39 PM
رەسمىلەر شۇنداق   چىرايلىق چىقىپتۇ...   مەن  جۈمەنى ش ...

بۇنىڭ ھەممىسى تەبىئىي تارتىلغان رەسىم، ھىچقانداق ئىش قوشمىغان.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش