مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 780|ئىنكاس: 13

ئانا ۋە بالا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73970
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3099
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 12:14:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئانا ۋە بالا


بىر پۇلدار يىگىت بىر كۈنى بىر تالمۇ چىشى قالمىغان ئانىسىنى چىش دوختۇرىنىڭ يىنىغا چىش سالدۇرغىلى ئېلىپ كەلدى. دوختۇر مۇمايغا ئەڭ سۈپەتلىك، ئەمما باھاسى قىممەت چىشلارنى تەۋسىيە قىلدى، بىراق مۇماي باھاسى ئەرزان چىشلارنى تاللاپ تۇرۋالدى، دوختۇر ئۇنى گېپىگە كىرگۈزەلمەي، ئوغلىغا گەپ قىلماقچى بولدى، بىراق پۇلدار ئوغۇل بىر چەتتە تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىلىق تااماكىسىنى چېكىپ پەرۋاسىز تورىۋەردى.

  دوختۇر مۇماينىڭ چىڭ تۇرۋىلىشى بىلەن ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئەڭ ئەرزان چىشنى سېلىشقا قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇماي قوينىدىن بىر كونا ياغلىققا ئورىۋالغان پۇلىنى چىقىرىپ، دوختۇرغا زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن كېلىپ چېشىنى سالدۇرۇشقا پۈتۈشۈپ ئاستا سىرتقا ماڭدى.

  ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، دوختۇرخانىدىكى باشقا كىشىلەر بۇ ئانا-بالا ھەققىدە مۇنازىرىگە چۈشتى.

  -چېكىۋالغىنى قىممەت باھالىق تاماكا، كىيىۋالغىنى ئېسىل كىيىم، لېكىن ئانىسىغا ياخشىراق چىش سالدۇرۇشقا چىدىمايدىغان ئەجەپ پىخسىق نېمە ئىكەن،-دېدى بىرەيلەن.

  -ئۇنىڭمۇ ئويلىغىنى باردۇ، ئۇنداق دەپ كەتمەيلى،-دېدى يەنە بىرەيلەن. ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسى ئەمدىلا باشلىنىشىغا ھېلىقى پۇلدار يىگىت كىرىپ كەلدى.

  -دوختۇر، خاپا بولماي، بايا ئانام بۇيرۇتقان چىشلارنى ئەڭ قىممەت، ئەڭ ئېسىل چىشقا ئۆزگەرتىپ بەرسىڭىز، ئاشقان قىسمىنى مەن تۆلەيمەن، لېكىن بۇ ئىشنى ھەرگىز ئاپام ئوقمىسۇن، ئانام ئىنتايىن ئىقتىسادچىل ئايال، مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىشنى ھەرگىز خالىمايمەن، شۇڭا بايا ئۇنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلدىم،-دېدى يىگىت.

  ئەتراپتىكىلەر جىممىدە تۇرۇپ قىلىشتى. يىگىت ئاستا چىقىپ كەتتى. «ئامانلىق» ژورنىلىدىن ئېلىندى.



مىسىرانىمغا كىرىپ باقمىغىلى خىلى بۇلۇپتۇ چەت-ياقىلىرىغىچە چىرىپ باقتىم  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108827
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2014-7-30
ئاخىرقى: 2014-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 10:32:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك پەيزىكەن ، شۇنداق ياقتۇردۇم ،ئەمەلىيەتتە  ھۆرمەت ، چۈشۈنۈش ئەڭ مۇھىم.
چۈشۈنۈش- ئۇ مۇھەببەتنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2932
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 724 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 11:09:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تېمىكەن ، ئوغۇلدىن تولىمۇ سۆيۈندىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قورغان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-31 12:23 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5984
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 11:10:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا، بىراۋغا  ئۇ ياخشى ،بۇ يامان دەپ خالىغانچە باھا بەرمەسلىكىمىز كىرەك ،ئۇنىڭ قانداقلىكىنى بىر 'اللە' بىلىدۇ.
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ،ناھايىتى ياخشى تېمې ئىكەن .
تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر!

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107793
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 704
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-6-17
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 11:14:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر ئاددى ھەم تەسىرلىك ھىكايىكەن.يىگىتنىڭ تەدبىرىگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم،ھەممەبالىلار ئانىنىڭ كۆڭىگە قارىتا شۇنداق پاراسەتلىك بولغان بولسا ھە.
ياخشى بىر تېما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105604
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2014-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 11:18:39 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭلاشقا باشقىلانىڭ سىرتىغا قاراپلا باھا بەمەسلىك كىرەك

ئارقامغا ياكى ئالدىمغا قارىغۇم يوق. چۇنكى ئارقامدا غەمكىن ئۆتمۇشۇم ، ئالدىمدا تەشۋىشلىك كەلگۇسۇم بار ! يەنىلا ئۇستىگە قاراشنى لايىق تاپتىم،چۇنكى ئۇيەردە ماڭا ھەقىقى بەخىت ۋە خۇشاللىق بىرىدىغان ئۇلۇغ رەببىم بار !

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3196
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9871
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3947 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 11:24:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇش دىگەن شۇنداق مۇرەككەپ،
يارىتىدۇ ھەرخىل قاراشنى.
رەنجىمىسۇن بۇ كۆڭلۈم دىسەڭ،
ئۆگىنىپ قوي سەنمۇ ئاياشنى.

ئەسرارى.

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1990
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4345
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 988 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 11:31:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېمىكەن،ھەي ئانىلار شۇنداق،كۆيۈمچان،مىھرىباندۇر،بالىلىرىنى ئارتۇقچە ئاۋارە قىلىشنى خالىمايدۇ.تەربىيەتلىك ھېكايىكەن!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88517
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1040
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 11:46:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارنى قانداق ھۆرمەتلەشنى بىلىدىكەن

مەلۇم نەرسىگە چۇقۇم ئرىشىنى ئاخىرقى نىشان قىلىش كىرەكمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 12:00:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا ئاللا  ئەقلىگە  باركاللا

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش