ئاياللار ئەرلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن تېلفۇن قىلمىغانلىقىدىن شۇنچە خاپا بۇلۇپ كېتىشى ،ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى بولسىمۇ ئاڭلاپ ،قارشى تەرەپنى خوددى ئۆزلىرى بىلەن بىر يەردە تۇرغاندەك ھېس قىلىپ ، سېغىنىش ھېسياتىنى ۋاقىتلىق بەزلىگەنلىكىدۇر.لېكىن بۇنى ئەرلەر مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ ! ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە بولسا ،ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ھوقوقىغا دەھلى تەرۇز قىلغانلىق ھېساپلىنىپ ،ئاياللاردىن بېزار بولغاندەك ھېس قىلىدۇ .
ئاياللارنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنچە ئاسانلا بىر ئىشلارغا چېچىلىپ خاپا بۇلۇپ كېتىشى ،ئۇلارنىڭ پەقەت قارشى تەرەپنىڭ بەزلىشى ، تەسەللى بېرىشىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ،قارشى تەرەپنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىدىن سۈيۈنىش ئۈچۈندۇر . لېكىن بۇنى ئەرلەر مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشى يوق ياردىن پۇتاق چىقىرىش بۇلۇپ ،خۇددى ئاياللارنى ئۆزىدىن زېرىكىپ قېلىپ مۇشۇنداق قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ .
ئاياللار نىمە ئۈچۈن ئەرلەرنى شۇنچە كۈنلەيدىغانلىقى ،ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپنى شۇنچە ياخشى كۆرگەنلىكىدىن قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىدىن باشقا ئاياللارغا قىزغىن مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى قۇبۇل قىلالمىغانلىقىدۇر . ئەمما بۇنى ئەرلەر مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە،ئاياللارنىڭ بۇنداق قىلمىشى چېكىدىن ئاشقان چاكىنىلىق ھېساپلىنىپ ، ئۆزلىرىنى تۈمۈر قەپەزدىكى قۇشتەك ھېس قىلىشىدۇ .
ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە كۈندە دىگۈدەك ھاراق ئىچمەڭ ،تاماكا چەكمەڭ دەپ كوتۇلداشلىرى،پەقەت ئۇلارنىڭ ئەرلەرگە كۈيۈنگەنلىكى ،سالامەتلىگىدىن ئەنسىرگەنلىكى ئۈچۈندۇر . لېكىن بۇنى ئەرلەر مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ . ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشى ،پۇل مەسىلسىگە بېرىپ تاقىلىپ قالغانلىق بۇلۇپ ، پۇل تېپىۋاتقان تۇرۇقلۇق ھاراق تاماكىمۇ ئېلىپ ئىچەلمەمدىم دەپ ھېس قىلىشىدۇ .
ئاياللارنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنچە كۆزى ياشلىق بۇلىدىغانلىقى، ئازاپلانغان چاغدا ئۈنسىز ياكى ئۈنلەپ يىغلايدىغانلىقى ،پەقەت ئۇلارنىڭ بارلىق ئازاپلىرىنى كۆز ياشلىرى ئارقىلىق يۇيۇپ تاشلاش بىلەن بىرگە ھۇجودىدىكى بارلىق مېھرى-مۇھەببىتىنى ئەرلەرگە ئاتا قىلىش ئۈچۈندۇر . لېكىن بۇنى ئەرلەر مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ ، ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشى ئەخمەقلىق بۇلۇپ ، خۇددى ئاياللار ئۆزلىرىنى يىغلاپ قوقاتماقچى بولغاندەك ھېس قىلىشىدۇ .
ئاياللارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئائىلە ئۈچۈن تەرەپ –تەرەپلەرگە قاتراپ ئىشلەپ ،نۇرغۇن ئىشلارنى قېلالىشى ،ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپنى سۆيگەنلىكى ،ئازراق بولسىمۇ قارشى تەرەپنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقى بۇلۇپ ، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپتىن كۈچلۈك ، ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ئەمەس .ئەمما ئەرلەر بۇنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشى ئەر –ئاياللىق ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلغانلىق ھېساپلىنىپ ، ئاياللار خۇددى مۇشۇنى ساپاق قىلىش ئارقىلىق ئەرلەرنى پەس كۆرىدىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ .
ئاياللارنىڭ يېرىم كېچىدە ئەرلەرگە تېلفۇن قىلىشى ،ئۇلارنى ئۇخلاتماسلىق ئۈچۈن قەستەن قىلغان تېلفۇنى بولماستىن ،بەلكى ئاياللارنىڭ قارشى تەرەپنى سېغىنىپ ئوخلىيالماسلىقىدىن ، قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بولسىمۇ ئۆزىگە تەسەللى تېپىشى ئۈچۈندۇر .ئەپسۇس ئەرلەر بۇنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ .ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشى ،ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى تەرۇز قىلغانلىق ھېساپلىنىدۇ .
ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا شۇنداقلا ئوتكەن ئىشلىرىغا قىزىقىپ سوراشلىرى ،ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئۆتمىشىنى سۆرەپ چىقىپ ، قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتېۋېلىش بولماستىن بەلكى ، قارشى تەرەپنى تېخىمۇ چۈشۈنىپ ،ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۈلۈش ئۈچۈندۇر ، ئەپسۇس ئەرلەر بۇنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ .
ئاياللار ئەرلەرگە چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىش توغرىسىدا گەپ ئېچىشى ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئويلۇغانلىقى بولماستىن ، قارشى تەرەپنىڭ كوڭلىدىكى ئادەمنىڭ ئۆزى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكى ، بۇنىڭلىق بىلەن قارشى تەرەپنى ئۈز مۇھەببىتىنى دەپ تۇتۇپ قېلىشنى خالىمىغانلىقى ،پەقەت قارشى تەرەپنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر .ئەپسۇس بۇنى ئەرلەر مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ .
ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئايرىلغان چاغدىكى چىرايىدىكى كۈلۈمسىرەشكە قانچىلىق ئازاپنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ .
ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى يىراقلارغا ئەپ قېچىشىنىڭ ، ئۆزلىرى ھەم ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلەرنى كۆرۈشنى ،بۇنىڭلىق بىلەن ئازاپلىرىنى ئولغايتتىشنى خالىمىغانلىقىنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ .