كۆڭۈل چەشمىلىرى(3)
( رۇبائىيلار )
سەن كۈلسەڭ ھەسەتخور تۆكەر يىغلاپ ياش،
قىينىلار مىڭ چايان چاققانغا ئوخشاش.
شانىڭغا ئۆچ-ھەسەت كەلكۈنى باشلار،
تۆھپەڭگە چىدىماي ياغدۇرىدۇ تاش.
 
 
كۆرەلمەس يۈرىكىڭ قارىدۇر قات-قات،
يولۇمنى چىتلايسەن ئويىسەن پات-پات.
بىلىمەن، ئالدىمدا كۈلگىنىڭ يالغان ،
ئارقامدىن تاش ئاتساڭ يوغىنىنى ئات.
 
 
تاشلىۋەت يىراققا پۇتلاشقان تاشنى،
مىسكىنلەر كۆزىدىن ئاققۇزما ياشنى .
گۈل تەڭلەپ كېلىدۇ دەرد-ئەلەملەرمۇ،
مىزان قىپ ياشىساڭ ( كۆڭۈل ئاياشنى . )
 
 
ئەل-يۇرتنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ياشايمەن،
شادلىقى ، بەختىدىن كۈلۈپ ياشايمەن.
ئەقىلدە مەرد-سېخى ، ئاچىقتا بىخىل،
باغلاردىن ئازغاننى يۇلۇپ ياشايمەن.
 
 
نامەردتە قىلتاق كۆپ ئەيلىگىن ھەزەر،
ئەجرىڭسىز ئالتۇنغا سالمىغىن نەزەر.
لاي بولار چېغى بار سۈزۈك سۇنىڭمۇ ،
پاك تەردىن ئېچىلار خۇشپۇراق گۈللەر.
 
نەپنى كۆزلەپ قىڭىر يولغا ماڭمايمەن،
ئەقىدەمدىن ، ئىرادەمدىن يانمايمەن.
ھالاللىقنىڭ باغلىرىنى كېڭەيتىپ،
دوستلار بىلەن سەيلى قىلىپ يايرايمەن.
مىسكىنگە سۆيگۈ بەر قەلبىنى كۈلدۈر،
ھەر باسقان ئىزىڭدىن گۈل-چىمەن ئۈندۈر.
تىكەننى گۈل قىلار مېھىر يامغۇرى،
دەردمەنگە دەرداش بول ، سۆيگىن ، سۆيۈندۈر.
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 04:08 PM