قۇشلار قانداق ياشاۋاتىدۇ؟
ئەتىيازنىڭ بىركۈنى قوشنىمىزنىڭكىۋەز تىرىش ئۈچۈن سۇلياۋ يۇپۇق ياپقان بىرمو يىرىگە نۇرغۇنلىغان قاغىلار يىغىلىپيۇپۇقنى بىر-بىرلەپ چۇقۇپ تىشىۋەتكەن ئىدى.بىر بىرىپ قاغىلارنى ھەيدىۋتىپ، قوشنىمىزبىلەنبۇ تۈشۈكلەرنى بىر-لەپ ئىتىپ چىقتۇق. چۈنكى مۇشۇنداق تۇرىۋەرسە يۇپۇقنىڭ رۇلىقالماي يەرنىڭ نەملىكى كۈتۈرلۈپ كىتەتتى. شۇجەريانىدا قۇشلار توغىرلىق پاراڭلىشىپقالدۇق.
ئەسلىدە بۇنداقبۇلۇشنىڭ سەۋەبى ئەتىيازدا قاغىلار ئىچىدىغان سۇبولمىغاچقا سۇلياۋ يۇپۇقنىڭ تېگىدەھورلىنىپ يىغىلغان سۇتامچىلىرى قاغىلارنىڭ كۈزىگە كۈرۈنگەن ھامان ئۇنى ئېچىش ئۈچۈنيۇپۇق ئۈستىگە چۈشۈپ ئۇنى چۇقۇشقا باشلىشى ئىدى.
90-يىللاردىن بۇيان يېزىلاردىكىئېرىق-ئوستەڭلەرنى ىسۇسىڭمەستۈرۈش قۇرۇلۇشى ئىلىپ بىرىلىپ ئېرىق-ئوستەڭلەردەسۇئۈزۈلمەيدىغان، ھىچبولمىغاندا ئازمىلاردا سۇ ساقلىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللاركەلمەسكە كەتتى. بۈگۈن سۇ باشتىن توختىتىلسا ئەتە ئوستەڭ قۇپ-قۇرۇق بۇلۇپكىتىدىغان بولدى. ئىچىملىك سۇ تۇربا ئارقىلىق ئائىلىلەرگە كىرگەچكە مەھەللىلەردەئىلگىركى سۇساقلاپ ئىچىدىغان كوللەر ھازىر تىخىمۇ يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقىدەكئەتىيازپەسلىدە بۇغدايلارنى سۇغۇرۇش پۈتۈن ناھىينى بىرلىك قىلىپ باشقۇرۇلغاچقا بىزدەكيەتتە يېزا، بىر بازىرى بار ناھىيەدەك بىر ناھىيەدە بۇغداي سۈيى بىر ئايلىنىپ كەلگىچە ئازدىگەندە30 كۈندىن 45 كۈنلەرگىچە ئىرىق-ئوستەڭلەردەسۇبولمايدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئادەملەر تۇربىلاردىن كىلىدىغان سۇنى ئىچكەنبىلەن قاغا تۈگۈل سانسىزلىغان ئۇچار قۇشلارنىڭ نەدەن سۇئېچىپ ھاياتىنىساقلايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. سۇ كەلگەندىمۇ قۇشلار ئادەتتە كىچىكئېرىقلارغا، ئېتىزغا چىققان سۇلارنى ئىچەلىشى مۇمكىن، لىكىن سىڭمەسلەشتۈرۈلگەن ئېرىق-ئوستەڭلەردىنسۇئىچىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ.
6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىنباشلاپ يۇرۇڭقاش دەرياسىغا ئانچە-مۇنچە كەلكۈن كەلگەندىن كىيىن نۆۋەت بىلەن سۇ ئىچىشتۈگىگەندە ئاندىن ئېرىق-ئوستەڭلەردە سۇ ئىقىپتۇرۇش ئىكانىيتى تۇغۇلىدۇ.9 -ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سۇ يەنە بىر تۇتاشباشقۇرۇلغاچقا بىر يىلنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدا تەبىئەتتىكى ھەرخىل ئۇچار قۇشلارنىڭ،سىرتتا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ھالى قاغىنىڭكىدەك بۇلىدۇ.
قۇشلارنىڭ قىشتىنئۈتۈشىمۇ كىشىنى ھەقىقىتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭكۈپىيىشىدىن تىخىمۇ ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئىلگىركى ۋاقىتلاردا چوڭ، قىرىدەرەخلەرنىڭ چومچاقلىرى ئارىسىدا، كامالىرىدا، كوناتاملارنىڭ تۈشۈكلىرىدە، كونائويلەردە ئۇۋا ياسايتتى، قىشنى چىقىراتتى. ھازىر ھىلىقى چوڭ دەرەخلەريوق، كونا تام،كونا ئويلەر تىخىمۇ يوق. ئىلگىركى ۋاقىتلاردا لاچىن، جاغالۋاي، سار، قاغىغا ئوخشاشقۇشلار چوڭ، ئىگىز، قەدىمى دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە ئۇۋا ياساپ شۇ يەردە خاتىرجەمئەۋلات قالدۇراتتى. ھازىر شۇ قەدىمى دەرەخلەرنى لاچىن، جاغالۋاي، سار قاتارلىقتەبىەت ئەركىسى بولغان ئۇچار قۇشلارنى كورگىلى بولمايدىغان بولدى.
شۇڭا ھازىر قۇشلارنىڭ ئەۋلات قالدۇرۇش شارائىتىبولمىغاچقا ،ياشاش شارائىتى بارغانسىرى ناچارلىشىپ كەتكەنلىكتىن ئۇلارنىڭ تۈرى، سانىبارغانسىرى ئازىيىپ كىتىۋاتىدۇ. كىچىكىمىزدە تاڭ سەھەردە ئېتىزلاردە چۇچۇلايدىغانتورغايلارنى ھازىر كورگىلى بولمايدۇ. پەسىل قۇشى بولغان قارلىغاچ 5-ئايلاردايۇرتىمىزغا پەيدا بۇلۇپ ھويلا ئاراملاردا ئالدىنقى يىللىرى ياساپ تۇخۇم قۇيۇپبالىلىرىنى باققان ئۇۋىلىرىدىن ئۇرۇن ئالاتتى، ھازىربۇ ئۇۋىلىرى يوق. بۇ قارلىغاچلارمەھەللە يوللىرىدا ‹فىگۇرا› چىقىرىپ ئۇچۇپ ، چىرايلىق سايرشىپ مەھەللىگە گۈزەللىكبىغىشلايتتى. كاككۇ كلارنىڭ يىقىملىق ئاۋازلىرى يىلدىن-يىلغا ئاڭلانمايدىغانبولدى. قارا قۇچقاچ، كاككۇك، تازغۇرۇلاي، پاختەك، سۇپۇسۇپۇياڭ ، ھۇقۇش، سۇندۇكقاتارلىق كوز ئالدىمىزدا كۈرۈنۈپلا تۇرىدىغان بۇ قۇشلار يۇقۇلاي دەپ قالدى. نەزىرىمىزدەئەڭ كوپ سانىلىدىغان ئاق قۇچقاچلارمۇ ناھايىتى ئازقالدى.بۇ قۇشلار ئەسلىدە تەبىئەتكەتىخمۇ گۈزەللىك ئاتا قالماستىن بەلكى يىزائىگىلىكىدە زىيانلىق ھاشارەتلەرنى يۇقۇتۇشنىڭ ئالدنقى سەپ سەركىلىرى ئىدى.
بىز گەرچەئۇزۇن يىلىلىق تەرەققىيات ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشكەن بولساقمۇ لىكىننەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان بىزگە ھەمرا بۇلۇپ كىلىۋاتقان تىخىمۇ مۇھىمنەرسىلىرىمىزدىن ، ھەمرالىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق ھەم قىلىۋاتىمىز. بۇ يەردىكىئەڭ مۇھىم مەسىلە-بىز قانداقتۇ تەبىئەتتىكى ئۈسۈملۈك تۈرلىرى، دەرەخ تۈرلىرىقاتارلىقلاردىنلا ئەمەس بەلكى ئىنسانلارغا ئوخشاش ھايات كۈچۈرىدىغان، قايتا پەيدابولمايدىغان، نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئىنسانلار بىلەن بىللە ئىجىل ياشاپ كەلگەنھەمرالىرىمىزدىن ئايرىلىپ قىلىۋاتىمىز. مۇشۇنداق كىتىۋەسە ھەممە ھاياتلىققا تەڭنىسىۋە بۇلغان بۇ زېمىن بىزنىڭ بۇ بىخارامانلىقىمىزنى ئەپۇ قىلالماسلىقى، جەزمەن بىركۈنىئۆچ ئىلىشى مۇمكىن. قۇشلارنىڭ ھاياتى ھىمىشە مۇشۇنداق خەۋىپ ئىچىدە تۇرىۋەرسە بىزھەركۈنى سوزلەۋاتقان ئىكىلوگىيلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش شۇئارىمۇ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپقىلىشى تۇرغانلا گەپ.
بىز قوشنىلار بىلەن بۇ مەسىلەتوغىرسىدا ئۇزۇنغىچە باش قاتۇردۇق، ئۈزىمىزچە ئالدىنى ئىلىش، ياخشىلاش تەدبىرلىرىئۈستىدە كوپ ئويلانغان بولساقمۇ ئەمما بىزنىڭ ئويلىغان بۇ تەدبىرلىرىمىز قۇشلارنىخالىغانچە تۇتماسلىق، ئۇلارنىڭ كۈپىيىشى ئۈچۈن چوڭ دەرەخلەرنىڭ ئۈستىگە قۇشئۇۋىلىرىنى ياساپ قۇيۇش، قارلىغاچلارنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىشى ئۈچۈن ھويلىلاردىكىلەمپىلەرنىڭ ئاستىغا ئۇۋا ياساشقا ئۇرۇن ھازىرلاپ بىرىش، ئائىلىلەردە قۇشلارنىڭئېچىشى ئۈچۈن قاچىلارغا سۇ قۇيۇپ قۇيۇش دىگەندەك چارىلاردىن ھالقىپ كىتەلمىدى. ئىلگىركىچىملىق ، قارا سۈگەتلەر ئاستىدا مامكاپلار ئىچىلىپ تۇرغان، سۇلار شىلدىرلاپ ئىقىپتۇرغان ئىرىق-ئۆستەڭلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىسىمۇ، ئىرىق-ئوستەڭلەردە ئۇچارقۇشلار ئىچكۈدەك سۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بۇلامدۇ-يوق، بۇنىپەرەز قىلالمىدۇق.
مىنىڭچە،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت قۇشلارنى قوغداش، ئاسىراش جەھەتتە ئۈنۈملۈك بولغان تەدبىرلەرنىقوللانسا ، پۈتۈن جەمئىيەت ئەھمىيەت بەرسە ، ھەممەيلەن كۇچ چىقىرىپ قۇشلارنىڭياشاش شارائىتىنى ياخشىلىيالايدىغان بولساق، قۇشلارنى يۇقۇلۇپ كىتىش خەۋپىدىنساقلاپ قالغىلى بۇلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن يۇرتىمىزنىڭ ئىكىلوگىيلىك تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاشۋە تىخىمۇ ياخشىلاشتا يىڭى ئوزگىرىشلەر بارلىققا كىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karawul3 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-23 08:02 PM